پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كىم؟

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كىم؟ سەقەلەيننىڭ ھەدىسىدە: پەقەت پاتىمە، ئەلى، ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئەھلى تاۋابىئاتلىرى دېيىلىپتۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئۆلىمالار -ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بېكىتىشتە بىر قانچە تۈرلۈك قاراشتا بولدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى، بالىلىرى، ھاشىم ئەۋلادلىرى، ئابدۇلمۇتەللىب ئەۋلادلىرى، ئۇلارنىڭ ئازادگەردىلىرى دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلىرى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھېسابلانمايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: قۇرەيشلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دەيدۇ. بەزىلەر: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتارىغا ئۈممىتى ئارىسىدىكى تەقۋادار كىشىلەرمۇ كېرىدۇ دەپ قارايدۇ. بەزىلەر: مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ ھەممىسى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دەيدۇ.

كۈچلۈك قاراشتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دېيىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى ھىجاپلىنىشقا بۇيرىغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّـهُ لِيُذْهِبَ عَنكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا تەرجىمىسى: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ. [سۈرە ئەھزاب 33-ئايەت].

پەرىشتىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سارەگە مۇنداق دەيدۇ: رَحْمَتُ اللَّـهِ وَبَرَكَاتُهُ عَلَيْكُمْ أَهْلَ الْبَيْتِ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا (يەنى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە) نازىل بولسۇن. [سۈرە ھۇد 73-ئايەت].

ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىۋىلىپ مۇنداق دەيدۇ: إِلَّا آلَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمْ أَجْمَعِينَ إِلَّا امْرَأَتَهُ تەرجىمىسى: پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىز ئۇلار (يەنى لۇتنىڭ تەۋەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر) نىڭ ھەممىسىنى (ئازابتىن) چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا [سۈرە ھىجىر 59-ئايەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر ئايالنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنىڭ قاتارىغا كېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئابدۇل مۇتەللىبنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى توغرىسىدا، ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە ئۇلارمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن دەپ بايان قىلىنغان. ئىمام شاپىئىمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغان، ئەمما ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام مالىك ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ دېگەن قاراشتا بولغان. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بۇ توغرىدا بىر رىۋايەت بار، بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش: ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن دېگەن قاراشتۇر. بۇنىڭ دەلىلى: جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن ئوسمان ئىبنى ئەپپان بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئابدۇلمۇتەللىب ئەۋلادلىرىغا بەردىڭ، بىزگە بەرمىدىڭ، بىز بىلەن ئۇلار سىنىڭ نەزىرىڭدە بىر ئەمەسمۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن مۇتەللىب ئەۋلادلىرى بىلەن ھاشىم ئەۋلادلىرى بىر دېدى. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 2907-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 4067-ھەدىس ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارمۇ رىۋايەت قىلغان].

ھاشىم ئىبنى ئەبدۇمەناپ ئەۋلادلىرىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەلى، ئابباس، جەپەر، ئۇقەيل ۋە ھارىس ئىبنى ئەبدۇلمۇتەللىبنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدۇر.

ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى خۇممە دەپ ئاتىلىدىغان سۇلۇق جايدا خۇتبە سۆزلەپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدى-سانا ئېيتقاندىن كېيىن ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، ئەسلىتىپ مۇنداق دېدى: ئى خالايىقلار!دىققەت قىلىڭلار، مەنمۇ بىر ئىنسان، يېقىندا مېنىڭ قېشىمغا پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىسى كېلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا بويسۇنىمەن، مەن سىلەرگە ئىككى ئېغىر نەرسىنى قويۇپ كىتىمەن، ئۇنىڭ بىرى ئاللاھنىڭ كىتابى، ئۇنىڭدا نۇرلۇق توغرا يول بار، ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىپ ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار دەپ ئاللاھنىڭ كىتابىغا قىزىقتۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى، ۋە ئىككىنچىسى: مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم، مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم توغرىسىدا سىلەرگە ئاللاھنى ئەسلىتىمەن، مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم توغرىسىدا سىلەرگە ئاللاھنى ئەسلىتىمەن، مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم توغرىسىدا سىلەرگە ئاللاھنى ئەسلىتىمەن دېدى، ھۈسەين دېگەن كىشى زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ئى زەيد! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كىم؟ ئۇنىڭ ئاياللىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە، زەيد: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن سەدىقە ھارام قىلىنغان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن دېگەن ئىدى، ھۈسەين: ئۇلار كىم؟ دەپ سورىدى، زەيد: ئۇلار ئەلى، ئۇقەيل، جەپەر ۋە ئابباسنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دېدى، ھۈسەين: ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەدىقە يېيىش ھارام قىلىنغانمۇ؟ دېگەن ئىدى، زەيد: ھەئە دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى18464-ھەدىس].

ئۇلارنىڭ ئازادگەردىلىرى توغرىسىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئازادگەردىسى مېھراننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن سەدىقە ھالال بولمايدۇ، بىر جامائەتنىڭ ئازەدگەردىلىرى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى15152-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى، ئەۋلادلىرى، ھاشىم ئەۋلادلىرى، ئابدۇلمۇتەللىب ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئازادگەردىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد