جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

بىدئەت مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلام دىنىمىزدا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش، بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش، ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە كۆچەت تىكىش بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ھېيت-بايرام دېگەن ئادەتتە يىللارنىڭ ياكى ئايلارنىڭ ياكى ھەپتىلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن داۋاملىشىپ ياكى تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئىجتىمائى پائالىيەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، روزا ھېيت-قۇربان ھېيت ۋە جۈمە كۈنىگە ئوخشاش تەكرارلىنىدىغان كۈنلەر، شۇ كۈنلەردە بىر جايغا توپلىنىش ۋە شۇ كۈنلەرگە خاس بولغان ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىككىنچى: بايرام كۈنلىرىدىن: ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلايدىغان ئەمەل-ئىبادەتلەر قىلىنىدىغانلىرى ياكى جاھىلىيەت ئەھلى ۋە بىر قىسىم كاپىرلارغا ئوخشاش چەكلەنگەن بىدئەت پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىرى بولىدۇ. بۇ ئىشلار بۇخارى-مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغان بىر ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ، يەنى قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن ھەدىسىنىڭ ھۆكمىگە كېرىدۇ.بۇنىڭ مىسالى: تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەش پائالىيتى ئىلىپ بېرىش بولسا، ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلمىغان بىر ئىبادەتنى پەيدا قىلغانلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئانىلار بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش بولسا خىرىستىئانلار ۋە كاپىرلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قىلغانلىق بولىدۇ. ئەمما بەزى پائالىيەتلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ-مىللەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەتنى تەرتىپلەش، بىكىتىش، دەرىس باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى بىكىتىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى جانلاندۇرۇپ مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئىشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغان: كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغان بىر ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ، يەنى قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە كىرمەيدۇ. بەلكى ئۇ شەرىئەت رۇخسەت قىلغان، قىلسا گۇناھ بولمايدىغان، ھەتتا جانلاندۇرۇش كېرەك بولغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

جانابى ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابى-كىراملارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: "دائىمى كومېتىت پەتىۋاسى"3/ 59