پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا

101023

تارقاتقان ۋاقىت : 25-04-2014

كۆرگۈچىلەر : 5964

سۇئال

گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزۈمدە قانداق يېتىلدۈرىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: گۈزەل ئەخلاق بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتى ۋە راستچىل، سەمىمى كىشىلەرنىڭ ئېسىل خىسلىتىدۇر. گۈزەل ئەخلاق ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئادىتى، تەقۋادار كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسى ۋە مۇسۇلماننىڭ دىنىنىڭ يىرىمىدۇر.

ناچار ئەخلاق بولسا ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلغۇچى خار قىلغۇچى ۋە رەسۋا قىلغۇچى زەھەرلىك ماددىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن مەن گۈزەل ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. [ئىمام بۇخارىنىڭ "ئەدابۇل مۇپرەد" ناملىق ئەسىرى 272-ھەدىس. ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن (45)].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىشىلەرنىڭ جەننەتكە ئەڭ كۆپ كېرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئەمەل قايسى؟ دەپ سورىلىۋېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قېلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق، دەپ جاۋاپ بەرگەن. [تىرمىزىي رىۋايىتى2004-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ،تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام پرىنسىپى مەنىۋىي كېسەللىك داۋالاش قانۇنىنى بېكىتىش ۋە گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلدى. ئىنساننىڭ نەپىسى گۈزەل ئەخلاقتىن ئايرىلالمىغاندەك، بەزى قەلبلەرمۇ مەنىۋىي كېسەللىكتىن خالى بولالمايدۇ. ۋاقتىدا ئىلاج قىلىنمىسا كېسەل خەتەرگە ئىلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئىنسان نەپسىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتسە، ئۇ ساھىبنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىگە ئىلىپ بارىدۇ. تىبابەتتىن بولغان مۇشۇ تۈر كېسەلنىڭ ئىللەت-سەۋەبلىرىنى بىلىشتە ئەستايىدىللىققا بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئاندىن ئۇتۇق قازىنىپ، نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ كېسەلنى داۋالاپ، ساقايتىشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا تەرجىمىسى: روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ [سۈرە شەمس 9- ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغاندا دائىم ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈشنى سوراپ: ئى ئاللاھ! سەن مېنى گۈزەل ياراتتىڭ، ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىندەيتتى. [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھەببان ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابى 3-توم 239-بەتتە بايان قىلغان. ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى "ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسەردە (75) كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى: ئىنسان ئۆز نەپسىدىكى ئەيىبنى بىلگەن ۋاقتىدا بۇنى داۋالاشنىڭ يولىنى قىلىدۇ. لېكىن كۆپچىلىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى بىلمەيدۇ ياكى كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى قېرىندىشىنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرىدۇ ئەمما ئۆزىنىڭ كۆزىنى توسۇۋالغان كۆتەكنى كۆرمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى بىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

1-كىشىلەرنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى كۆزىتىدىغان پاراسەتلىك ئۇستازنىڭ سۆھبىتىدە بولۇش كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۇستازدىن ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن بىرگە تەلىم-تەربىيە ۋە يول-يورۇق ئالىدۇ.

2- دىندار، تەقۋادار، يىراقنى كۆرەر، سەمىمى دوست تۇتۇشى ۋە ئۇ دوستنى ئۆزىنى كۆزىتىدىغان، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان كۆزەتچى قىلىۋېلىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئاشكارا-يوشۇرۇن خاتالىقلىرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى كېرەك. ئىلگىرى ئۆتكەن دىنى پېشىۋالار، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەرمۇ شۇنداق قىلاتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەردائىم: "مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى ۋە ئەيىبىمنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،" دەيتتى.

3-دۈشمەنلىرىنىڭ تىلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىكى ئەيىب-نۇقسانلارنى تونۇشى لازىم. چۈنكى ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئۇنىڭ خاتالىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ماختاپ-ئۇچۇرۇپ ياغلىمىچىلىق قىلىدىغان دوستىدىن، مۇئامىلىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئېسىگە سالىدىغان دۈشمىنىدىن كۆپرەك پايدا ئالىدۇ.

4-كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش كېرەك. ھەر ۋاقىت ئۆزى بىلەن باشقا كىشىلەر ئارىسىدا ئەيىبلىنىدىغان ئىشلارنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى، باشقا دىنى قېرىنداشلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئۆزۈمنىڭ خاتالىقى دەپ قارىشى كېرەك. بايان قىلىنىشچە، بىرسى ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن: سىلىگە ئەدەپ-ئەخلاقنى كىم ئۆگەتتى؟، دەپ سورىغاندا، ئىسا ئەلەيھىسسالام: "ماڭا ھېچ كىشى ئەدەپ ئۆگەتمىدى. ئەمما مەن ناداننىڭ جاھىللىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق بولدۇم" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ئۈچىنچى:ئەخلاق نەپسىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى بولغىنىدەك، تاشقى كۆرۈنۈشنىڭ گۈزەللىكى، مەڭزى، ئېغىز ۋە بۇرۇن، ئىككى كۆز قاتارلىق ئەزالارنىڭ گۈزەللىكىسىز، ئۇنىڭ شەكلى گۈزەللىكى نامايان بولمايدۇ. بەلكى سىرتقى گۈزەللىكنىڭ مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن ھەممە تەرەپتىن گۈزەل بولۇشى تەقەززا قىلىنغاندەك، ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ گۈزەل بولىشى ئۈچۈن، تۆت ئاساسنىڭ تېپىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ تۆت ئاساس بىر-بىرىگە مۇناسىپ ھالەتتە باراۋەر بولغاندا گۈزەل ئەخلاق ھاسىل بولىدۇ. ئۇ تۆت ئاساس: ئىلمى كۈچ، غەزەپ كۈچى، شەھۋانىي كۈچ ۋە مۇشۇ ئۈچىنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىدىغان ئادالەت كۈچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئىلمى كۈچنىڭ گۈزەللىكى ۋە توغرا بولىشى بىلەن سۆز-ھەرىكەتلەردە يالغان بىلەن راسىتنىڭ، ئەقىدە-ئېتىقادتا ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ئىش-ھەرىكەتتە چىرايلىق بىلەن قەبىھنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئاسان بولىدۇ. ئىلمى قۇۋۋەت ساغلام بولسا، ئۇنىڭدىن ئەقىل-ھېكمەت ھاسىل بولىدۇ. ھېكمەت دېگەن گۈزەل ئەخلاقنىڭ سىمۋولىدۇر.

غەزەپ كۈچى: ئۇنىڭ گۈزەللىكى غەزەپنى ھېكمەت تەقەززا قىلىدىغان بەلگىلىمىدە توختىتىش دېمەكتۇر.

شەھۋەت كۈچى: ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە توغرا بولىشى ھېكمەتنىڭ ئىشارىتى ئاستىدا بولۇشى، يەنى ئەقىل ۋە شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئادالەت كۈچى: ئۇ بولسا ئەقىل ۋە شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە شەھۋەت ۋە غەزەپ كۈچىنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

ئەقىل توغرا يول كۆرسەتكۈچى، سەمىمى نەسىھەت قىلغۇچىغا ئوخشىسا، ئادالەت كۈچى ئەقىلنىڭ ئىشارىتىگە ئۇيغۇن ھۆكۈم ئىجرا قىلىدىغان كۈچلۈك ئىجرا قىلغۇچىغا ئوخشايدۇ. غەزەپ كۈچى بولسا ئىشارەت ئارقىلىق ئىجرا بولىدۇ. ھەر كىمدە يۇقىرىقى تۆت تۈرلۈك ئىش باراۋەر بولىدىكەن بۇ كونكرېتنى گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، بارلىق ئېسىل-گۈزەل ئەخلاقلار بۇنىڭدىن مەيدانغا كېلىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت تۈرلۈك ئىش سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ بىر كىشىدە مۇكەممەلتولۇق بولمىغاندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى كىشىلەر بۇ تۆت تۈرلۈك ئىشتا پەرقلىق بولۇپ، كىمكى بۇ ئەخلاق ئۆلچىمىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھقا شۇنچە يېقىن بولغان بولىدۇ، رەسۇلۇللاھقا قانچىكى يېقىنلىشىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا شۇنچە يېقىن بولغان بولىدۇ.

تۆتىنچى: بۇ تۆت خىل كۈچتىكى باراۋەرلىك ئىككى تۈرلۈك ئىشقا ئاساسەن ھاسىل بولىدۇ:

بىرىنچى: كەرەملىك ئاللاھنىڭ ئىلھام قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان تەبىئىي مۇكەممەللىك بىلەن بولىدۇ.

ئىككىنچىسى: كۆپ تىرىشچانلىق قېلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. يەنى ئۆز نەپسىنى، گۈزەل ئەخلاق تەقەززا قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش دېمەكتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن، سەۋرچانلىق كەڭ قورساق بولۇش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ياخشىلىق يولىنى تاللىغان كىشى ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ، يامانلىقتىن ساقلىنىشقا تىرىشقان كىشى قۇتۇلۇپ قالىدۇ. [بۇ ھەدىسنى خەتىبئەلباغدادىي بايان قىلغان، بەزى ئالىملار ئەبۇددەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن].

مەسىلەن: ئۆزىدە سېخىلىق سۈپىتىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كىشى، نەپسىنى سېخى-مەرت كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىنىشكە كۆندۈرۈشى كېرەك. بۇ سۈپەت يېتىلىپ بولغىچە نەپسىنى ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشقا ئادەتلەندۈرسە سېخىلىق سۈپىتى ئۆز تەبىئىتىدە ئۆزلىشىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز نەپسىدە تەكەببۇرلۇق پەيدا بولۇپ قالغان كىشى كەمتەرلىك سۈپىتىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئۇزۇن مۇددەت كەمتەر كىشىلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۈلگە قىلىپ، ئادەتكە ئايلانغۇچى قەدەر تىرىشىشى ۋە نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

شەرىئەتتە مەدھىيىلەنگەن گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يول ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ئىنسان نەپسىدە ئېسىل ئادەت، ياخشى ئەخلاق- پەزىلەتلەرگە ئادەتلەنمىگۈچە، بارلىق يامان ئىشلارنى تەرك ئەتمىگۈچە، ياخشى ئەمەل ۋە گۈزەل ئىشلارنى ئىشلىسە ۋە كۆرسە خۇرسەن بولمىغۇچە، قەبىھ قىلمىشلارنى كۆرسە يامان كۆرۈپ ئازابلانمىغۇچە قەدەر ئۇنىڭدا دىنى ئەخلاق مۇستەھكەم ئورناشمايدۇ.

بۇنى تۆۋەندىكى مىساللاردىن كۆرۈۋالالايمىز:

يېزىقچىلىقتا نەتىجە قازىنىشنىمەقسەت قىلغان كىشىگە كاتىپ دېگەن سۈپەت بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈن مۇددەت دائىم خەت يېزىشنى مەشىق قىلىشى، گۈزەل خەت شەكىللىرىگە ئوخشىتىپ يېزىشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ھەقىقى خەتتات دېگەن سۈپەت ئۇ كىشىدە مۇجەسسەملىشىدۇ، نەتىجىدە ئۇ كىشى گۈزەل شەكىلدە خەتلەرنى يازالايدىغان داڭلىق خەتتات بولۇپ چىقىدۇ.

شۇنىڭدەك بىر كىشى دىننى ھەقىقى چۈشىنىدىغان پەقىھ بولۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ پىقھى كىتابلىرىنى تەكرار-تەكرار ئوقۇشى، ئىلگىرىكى پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىشى، ئۇلارنىڭ پىقھى ئۇسۇلى يوللىرىنى ياخشى ئىگەللەش ئارقىلىق ئۆزىدە پەقىھ دېگەن سۈپەتنى يېتىلدۈرىدۇ. ھەتتا كېيىنكى دەۋىردە داڭلىق پىقھى ئۇستازلىرىدىن بولۇپ چىقىدۇ.

شۇنىڭدەك كىمكى ئىپپەتلىك، كەڭ قورساق، مۇلايىم، كەمتەر ۋە سېخى بولۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئىلگىرىكى ئۆتكەن مۇشۇ سۈپەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى تەپسىلى ئوقۇپ، ئېسىل خىسلەتلىرىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشى لازىم بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندا يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ، چۈنكى بۇ سۈپەتلەرگە ئېرىشىشنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا يولى يوق.

شۇنىڭدەك نەپسىنى پاكلاشنى مەقسەت قىلغان كىشى، بۇ پەزىلەتنى بىر-ئىككى كۈنلۈك ئىبادەت بىلەن ھاسىل قىلالمىغاندەك، شۇنداقلا بىرەر قېتىملىق ئاسىيلىق بىلەن بۇنىڭغا يېتىشتىن مەھرۇم بولۇپ قالمايدۇ. لېكىن بىر كۈن سەل قارالسا تەدرىجى ھالەتتە بۇنداق سەل قاراش ئۈمىدسىزلىك ۋە ھورۇنلۇققا ئىلىپ بارىدۇ. بۇ سۈپەتكە پەقەت گۈزەل ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىن بولىدۇ.

بەشىنچى: نەپسىدىن ناچار ئىللەت، يامان ئەخلاقلارنى ئۆچۈرۈپ، گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل سۈپەتلەرنى جەلپ قىلىشنىڭ مىسالى، بەدەننى داۋالاپ ئۇنىڭدىكى كېسەللىكنى يوق قىلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر.

ئىنساننىڭ مىجەز-خاراكتېرى كۆپ ۋاقىتلاردا نورمال بولسىمۇ ئەمما بەزى ۋاقىتتا يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا جەھەتلەر سەۋەبلىك ئاشقازان ئاغرىقى كېلىپ چىققاندەك، ھەر قانداق بالا ئىسلامى پىترەت ئۈستىگە تۇغۇلسىمۇ، ناچار تەلىم-تەربىيە ۋە ئېتىقات قارىشى سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسى ئۇنى يەھۇدىي ياكى خرىستىئان ۋەياكى ئاتەش پەرەس قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ.

ئىنسان بەدىنى دەسلەپتە مۇكەممەل يارىتىلماستىن بەلكى ئۇ ساغلام غىزالىنىش ئاساسىدا ئۆسۈپ-يېتىلىش ئارقىلىق كۈچلىنىپ مۇكەممەل بولغاندەك، ئىنسان نەپىسىمۇ مۇكەممەللىكنى قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە ناقىس يارىتىلغان بولۇپ، تەلىم-تەربىيە، ئىلىم-مەرىپەت، گۈزەل ئەخلاق ئارقىلىق مۇكەممەللىشىدۇ.

ئىنسان بەدىنى ساغلام بولسا دورىغا ئېھتىياجى بولمىغاندەك، پەقەت سالامەتلىكى ناچار بولغان كىشىلەرلا دورىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ دوختۇرنىڭ خىزمىتى سالامەتلىكنى ئاسراش بولغاچقا، ئۇ، تىبابەت قانۇنى بويىچە ساق كىشىلەرگىمۇ سالامەتلىكىنى ئاسراش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئەگەر سىزنىڭ نەپسىڭىز پاك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولسا، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشىڭىز ۋە مەنىۋى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشىڭىز، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئېسىل سۈپەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەردە نەپسىڭىزدە ئىماننىڭ كامىللىقى ۋە ئۇنىڭدىكى ساپلىق ناقىس بولسا، ئۇنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز لازىم بولىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بەدەندە پەيدا بولغاندا، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىتا داۋالاش كېرەك بولىدۇ.

ئىسسىقلىقتىن بولغان كېسەلنى سوغۇقلۇق بىلەن، سوغۇقلىقتىن بولغان كېسەلنى ئىسسىقلىق بىلەن ئىلاج قىلغاندەك، ناچار قىلمىشلارمۇ قەلب كېسەللىكى بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ ئەكسى بولغان ئېسىل ئەخلاق ۋە پەزىلەت بىلەن داۋالاش كېرەك. جاھىللىق كېسىلىنىڭ داۋاسى ئىلىم-مەرىپەت بولغاندەك، بىخىللىقنىڭ داۋاسى سېخىلىقتۇر. شۇنىڭدەك تەكەببۇرلۇقنى كەمتەرلىك بىلەن، يامانلىق كېسىلىنى ئۇ تەقەززا قىلىدىغان نەرسىلەردىن چەكلنىش ئارقىلىق داۋالاش لازىم.

كېسەل بولغۇچىنىڭ داۋالىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ كۆڭلى تارتىدىغان نەرسىلەردىن چەكلىنىشتە سەبىر قىلىشى ۋە دورىلارنىڭ ئاچچىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشى تەقەززا قىلىنغاندەك، مەنىۋىي كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن سەۋرچان بولۇش ۋە كۆپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى بەدەننىڭ كېسەللىكىتىن ئۆلۈم بىلەن قۇتۇلسىمۇ ئەمما مەنىۋىي كېسەللىكىتىن (ئاللاھ ساقلىسۇن) ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئەبەدىي قۇتۇلالمايدۇ.

يۇقىرىقى مىساللار ئارقىلىق سىز مەنىۋىيىتىڭىزنى داۋالاشنىڭ يوللىرىنى تونۇپ يەتتىڭىز. سىز ۋە سىزگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولى ئىنساننىڭ كۆڭلى-خاھىشى مايىل بولىدىغان ۋە خالايدىغان نەرسىلەرگە قارشى بىر يول.

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇرئان كەرىمدە ئۆزى ئىخچام، مەنىسى چوڭقۇر سۆزلەر بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَأَمَّا مَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ وَنَهَى النَّفْسَ عَنِ الْهَوَى . فَإِنَّ الْجَنَّةَ هِيَ الْمَأْوَىتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ. نازىئات سۈرىسى 40-41-ئايەت.

ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىشتا مۇھىم بولغىنى كەسكىن ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلىقىدۇر. شەيتانى ھاۋايى-ھەۋەسنى تەرك قىلىشنى ئىرادە قىلغاندا، چوقۇم ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىنساننىڭ نەپسى ھاۋايى-ھەۋەسكە قارشى ئىرادىنى بۇزۇشقا ئادەتلەندۈرۈلسە، ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇ-دە، ئۇنىڭدا ئىرادىسىزلىك بارلىققا كېلىدۇ. ئىرادىسىزلىككە ئادەتلەنگەن نەپسىدىن ھالاكەتتىن باشقا نەرسە كۈتۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆزىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆز نەپسىنى جازالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك. ئەگەردە نەپسى ئۆزىگە كىلىدىغان جازادىن قورقمىغاندا، ئىرادىدىن غالىپ كەلگەن بولىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش چىرايلىق كۆرۈنىدۇ-دە، نەتىجىدە، نەپسىنىڭ غالىپ كېلىشى سەۋەبلىك، ئىرادىلىك بولۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. [ئىمام غەزالىنىڭ "ئىھيا ئۇلۇمىددىن" ناملىق ئەسىرى 3-توم 62 ۋە 98-بەتلەردىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى