Fri 13 DhQ 1436 - 28 August 2015
101272
شىئەلەردە "ئون ئىككى ئىمام" نىڭ ئورنى
كىيىنكى دەۋىردىكى شىئەلەرنىڭ قارىشىدا شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمامنىڭ ئورنى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.


    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    بىرىنچى: راپىزە ياكى ئىماملار ياكى ئون ئىككى ئىمام دېگەنلەر شىئەلەرنىڭ بىر پىرقىسىدۇر. ئۇلارنىڭ راپىزە دەپ ئاتىلىشى: كۆپچىلىك سەھابىلارنى رەت قىلغانلىقى، ئابۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئورنىنى رەت قىلغانلىقى ياكى زەيد ئىبنى ئەلىنىڭ ئىماملىقىنى رەت قىلىپ مۇسۇلمان جامائىتىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

    ئۇلارنىڭ ئىمامىيە دەپ ئاتىلىشى: ئۇلارنىڭ ئىماملىق مەسىلىسىگە بەك ئەھمىيەت بىرىپ، بۇ مەسىلىنى دىننىڭ ئاساسىدىن دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقى ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىماملىقنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلغان دەپ گۇمان قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

    ئۇلارنىڭ "ئون ئىككى ئىمام" دەپ ئاتىشى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئىماملىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئون ئىككى كىشىگە بېرىلگەن دەپ ئىتىقاد قىلغانلىقىدىندۇر. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئۇلارنىڭ گۇمانى قارىشىدا ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرىنىڭ يېرىمىدا سامۇرائە شەھىرىدىكى غارغا كىرىپ غايىپ بولغان مەۋھۇم مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەسكىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇنى غاردا ھازىرغىچە ھايات دەپ ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئىسلام ئەھلىنىڭ ئېتىقادىغا زىت بولغان ئەقىدە-ئۇسۇل قاراشلىرى بار. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

    1-ئۇلار ئىماملىرى توغرىسىدا بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن، ئۇلارنى گۇناھ-مەسىيەتتىن پاك دەپ قارايدۇ. دۇئا، ياردەم تەلەپ قىلىش، مال بوغۇزلاش ۋە تاۋاپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىبادەتلەرنى ئۇلار ئۈچۈن قىلىدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرگەن كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان چوڭ شېرىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە ئاددى كىشىلىرىدىن تارتىپ ھەممىسى بۇ شېرىككە ئىشتىراك قىلىدۇ.

    2-قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى، كام-زىيادە قىلىنغانلىقى توغرسىدىكى سۆزلەر بولسا، ئۇلار ئۈچۈن بۇ توغرىدا يېزىلغان كىتابلار بولۇپ، بۇنى شىئەلەرنىڭ ئالىملىرىمۇ ۋە ئادەتتىكى ئاۋام خەلقمۇ بىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ مەزھىبىدە قۇرئان كەرىمنى ئۆزگەرتىلگەن دەپ ئېتىقاد قىلىشى زۆرۈر ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن 215000 - نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    3-ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن كۆپچىلىك سەھابىلارنى كاپىرغا چىقىرىدۇ. ئۇلاردىن ئادا-جۇدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا لەنەت قىلىش ۋە ھاقارەت قىلىشنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ جۈملىسىدىن دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز دەۋاسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئازغىنە (يەتتە نەپەر) ساھابىدىن باشقا ھەممە ساھابىلار دىندىن يۈز ئۆرۈپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن دەپ قارايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ سەھابىلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بايان قىلغان قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ساھابىلاردىن رازى بولغانلىقىنى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىگە تاللىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا قۇرئان كەرىمگە تەنە قىلىنغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار كاپىر بولغان بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە ئالماشتۇرۇلغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. مانۇ بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى شىئەلەرنىڭ ئېتىقادى قارىشىدۇر.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەھابىلارغا تەنە قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلەر، يەنە ئۇلار سەھابىلاردىن ئون نەچچە كىشىدىن باشقا ھەممىسىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن ياكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاسىق بولۇپ كەتكەن دەپ گۇمان قىلىدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگە ھېچ شەك قىلىنمايدىغان دەلىللەردۇر. چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە ئورۇندا، ئۇلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ رازى بولغانلىقى ۋە ئۇلارنى مەدھىيلىگەنلىكى توغرىسىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان ئايەتنى ئىنكار قىلغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىدە شەك قىلغان كىشىنىڭمۇ كاپىرلىقى ئېنىق بولىدۇ. ھەقىقەتەن مۇشۇ سۆزنىڭ مەزمۇنى بويىچە، قۇرئان-ھەدىستە نەقل قىلىنغىنى كاپىر ياكى پاسىقلاردۇر. قۇرئان كەرىمدە: ﴿كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ﴾ تەرجىمىسى:«سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چېقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۇممەت سىلەر» دېگەن ئايەتتە بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى بىرىنچى ئەسىردە ئۆتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئەگەر شىئەلەرنىڭ قارىشى بويۇنچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاپىر ياكى پاسىق بولسا، بۇ ئۈممەت بارلىق ئۈممەتلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى، بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان كىشىلەر مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ناچار كىشىلىرىدۇر دېگەنلىك بولۇپ، مانا بۇ دىندا زۆرۈرلىكى بىلىنگەن، ئىنكار قىلغۇچىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكى مەلۇملۇق ئىشتۇر." ["پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تىل ئۇزاتقانلارغا يالىڭاچلانغان قىلىچ" ناملىق ئەسەر 590-بەت].

    4- يېڭىدىن پەيدا بولغان پىكىر ۋە قاراشلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ  ئىلگىرى خەۋىرى يوق ئىدى (يەنى ئۇ ئىشلار ۋە پىكىرلار بارلىققا كەلگەندىن كىيىن بىلىدۇ). بۇ ئاللاھ تائالاغا جاھىللىقنى نىسبەت بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. (رەببىمىز ئۇلار سۈپەتلىگەن ۋە نىسبەت بەرگەن ئىشلىرىدىن پاكتۇر).

    5- تەقىيە: (يەنى ساقلىنىش) ئۇ بولسىمۇ ئىنسان ئۆز كۆڭلىدىكىنىڭ قارشىسىنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ھەقىقىتى بولسا، يالغانچىلىق ۋە مۇناپىقلىقتۇر، كىشىلەرنى ئالداشتىكى ماھىرلىقتۇر. بۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدا قورقۇنۇچ ھالىتىدىلا چەكلانگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار تەقىيە يەنى ساقلىنىشنى دىن ئورنىدا، چوڭ-كىچىك ئىشلىرىدا، تىنچ ۋە تىنچسىز ۋاقىتلاردا قوللىندۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىدىن بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى مەدھىيلەش ياكى سۈننەت ئەھلىگە مۇۋاپىق كىلىشتە، يەنى تاھارەت ۋە يىمەك-ئېچمەك مەسىلىلىرىدە بولسۇن، ئۇنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىماملار بۇ توغرىدا سۆزلىگەن بولسا بۇنى پەقەت تەقىيە يەنى ساقلىنىش پرىنسىپى بويىچە سۆزلىگەن دەپ تۇرىۋالىدى.

    6-قايتىش: ئۇ بولسىمۇ شىئەلەرنىڭ ئېتىقادىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ئەلى، ھەسەن، ھۈسەيىن ۋە باشقا ئىماملار يىقىندا قايتىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، مۇئاۋىيە، يەزىد، ئىبنى زىل جۇشىن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ گۇمانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئازار يەتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى مەھدى ئاشكارا بولغاندا، يەنە بىر قېتىم دۇنياغا قايتىدۇ. (بۇ قاراشنى ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان ئىبنى سەبەئ دېگەن بەتبەخت بېكىتكەن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئازار يەتكۈزگەن، دۈشمەنلىك قىلغان، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى چەكلىگەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، ئۇلارنىڭ دۇنيالىق جازاسىنى تاماملايدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى يەنە بىر قېتىم جازالىنىشى ئۈچۈن تىرگۈزىلىدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ گۇمانى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن پاسىق ئىتىقادلار بولۇپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتى ۋە باتىللىقىنى بىلىش ئۈچۈن، مۇھىببىددىن خەتىبنىڭ: "ئەلخۇتۇتىل ئەرىزە" ياكى د. ناسىرىل قەففارىينىڭ: "شىئە مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ مەزھەب ئۇسۇلى" ياكى د. غالىب ئىبنى ئەلى ئىۋاجىينىڭ: "ھازىرقى دەۋرىدىكى ئىسلامغا نىسبەت بېرىلىدىغان پىرقىلەر" ناملىق ئەسىرى 1-توم 127-269-بەت ياكى "ھازىرقى زامان دىن، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئېنسىكلوپېدىيىسى" 1-توم 51-57-بەت ۋە 1148-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومېتىتى ئۆلىمالىرىدىن: شىئە ئىماملىرىنىڭ تۇتقان يولى ئىسلام دىنىدىن ھېسابلىنامدۇ؟ بۇنى كىم كەشىپ قىلغان؟ چۈنكى شىئەلەر ئۆزلىرىنىڭ مەزھەب يولىنى  ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىدۇ، دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "شىئە ئىماملىرىنىڭ مەزھەب يولى ئۇنىڭ ئەسلى ۋە شاخچىلىرى ئىسلامدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان دىندا ئاساسى يوق بىدئەت يولدۇر. سىلەرنى بىز: "خۇتۇتۇل ئەرىيزە" ۋە "مۇختەسەر ئەلتۇھپەتۇل ئىسنا ئەشەرىييە" ۋە شەيخۇل ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىينىڭ "مىنھاج ئەسسۈننە" قاتارلىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەزكۇر كىتابلاردا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن بىدئەت قاراشلىرى بايان قىلىنغان". پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار. تۈگىدى. "دائىمى كومىتىت پەتىۋاسى" (2/377).

    ئىككىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر بويىچە، بۇ مەزھەب قارىشىنىڭ باتىللىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە بۇ قاراش ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىگە خىلاپ بولۇپ، بۇ ئېتىقاد ھېچ بىر  كىشىدىن، يەنى مەيلى شىئەلەرنىڭ ئۆلىمالىرىدىن بولسۇن ياكى ئەگەشكۈچىلەردىن بولسۇن قوبۇل قىلىنمايدۇ.

    ئۇلار ئۆزىمىزنىڭ ئىماملىرىمىز دېگەن ئاشۇ ئىماملار ئۆزلىرىگە ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن نىسبەت بېرىلگەن باتىل-توقۇلمىلاردىن پاك ۋە ئادا-جۇدادۇر.

ئۇ ئىماملارنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

   1-ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجىرىيە 40-يىلى شەھىد قىلىنغان.

   2-ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجىرىيە   3-يىلى تۇغۇلۇپ، 50-يىلى شەھىد بولغان.

   3- ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجىرىيە 4-يىلى تۇغۇلۇپ، 61-يىلى شەھىد قىلىنغان.

   4-ئەلى زەينىل ئابىدىين ئىبنى ھۈسەيىن ھىجىرىيە 38-يىلى تۇغۇلۇپ، 95-يىلى ۋاپات بولغان، ئۇ كىشى كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن"نامازخان" دەپ ئاتالغان.

   5-مۇھەممەد ئىبنى ئەلى زەينىل ئابىدىين ھىجىرىيە 57-يىلى تۇغۇلۇپ، 114-يىلى ۋاپات بولغان، بۇ كىشى باقىر دەپ ئاتالغان.

   6-جەپەر ئىبنى مۇھەممەد ئەلباقىر ھىجىرىيە 83-يىلى تۇغۇلۇپ، 148-يىلى ۋاپات بولغان، ئۇ كىشى سادىق دەپ ئاتالغان.

   7-مۇسا ئىبنى جەپەر ئەسسادىق ھىجىرىيە 128-يىلى تۇغۇلۇپ، 183-يىلى ۋاپات بولغان، ئۇ كىشى كازىم دەپ ئاتالغان.

   8-ئەلى ئىبنى مۇسا ئەلكازىم ھىجىرىيە 148-يىلى تۇغۇلۇپ، 203-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ كىشى رىزا دەپ ئاتالغان.

   9-مۇھەممەد ئەلجەۋاد ئىبنى ئەلى رىزا ھىجىريە195-يىلى تۇغۇلۇپ، 220-يىلى ۋاپات بولغان، ئۇ كىشى تەقى دەپ ئاتالغان.

   10- ئەلى ئەلھادىي ئىبنى مۇھەممەد ئەلجەۋۋاد، ئۇ كىشى ھىجىرىيە 212-يىلى تۇغۇلۇپ 254-يىلى ۋاپات بولغان، ئۇ كىشى نەقى دەپ ئاتالغان.

   11-ھەسەن ئەسكەرىي ئىبنى ئەلى ئەلھادىي ھىجىرىيە 232-يىلى تۇغۇلۇپ 260-يىلى ۋاپات بولغان، ئۇ كىشى زەكى دەپ ئاتالغان.

   12- مۇھەممەد ئەلمەھدىي ئىبنى ئەلھەسەن ئەلئەسكەرىي بولۇپ، ئۇ كىشى سانلانغۇچى جانلىق ھۆججەت دەپ ئاتالغان. شىئەلەر بۇ كىشىنى سامۇرائ شەھىرىدىكى بىر غارغا كىرىپ كەتكەن ئاخىرىقى زاماندا چىقىدۇ دەپ گۇمان قىلغان بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئەسلى يوق پەقەت شىئەلەر تەرىپىدىن توقۇلغان يالغان ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى بىكىتتى. "مەۋسۇئەتۇل مۇيەسسەرە" ناملىق ئەسەر 1-توم 51-بەتكە قارالسۇن.

    ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ: "ئەلبىدايە ۋەننىھايە" ناملىق ئەسەر 1-توم 177-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئىمامنى غاردا دەپ ئىتىقاد قىلىشىغا، ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق، ئەقىلگە توغرا كەلمەيدىغان ئەپسانە، خىيالى قاراشتۇر." تۈگىدى.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ شىئە ئىماملىرىنى مۇنداق تۆت تۈرگە ئايرىيدۇ:

بىرىنچى قىسىم: ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ھەسەن، ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل ساھابىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ پەزىلىتى-ئارتۇقچىلىقى توغرىسىدا ھېچكىم شەك قىلمايدۇ، لىكىن ئۇلارغا سۆھبەت پەزىلىتىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئورتاق بولدى. ساھابىلاردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردە ئوچۇق بايان قىلىنغان ئۇلاردىنمۇ پەزىلەتلىك ساھابىلار بار.

    ئىككىنچى قىسىم: ئەلى ئىبنى ھۈسەيىن، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەلباقىر، جەئپەر ئىبنى مۇھەممەد ئەسسادىق، مۇسا ئىبنى جەئپەر قاتارلىق كىشىلەر بولسا ئۆز زامانىسىدىكى ئىشەنچىلىك دىنى ئالىملاردىن ھېسابلىنىدۇ. "مىنھاج ئەسسۈننە" 2-توم 243-244-بەتلەر].

    ئۈچىنچى قىسىم: ئەلى ئىبنى مۇسا ئەررىزا، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇسا ئەلجەۋۋاد، ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەلئەسكەرىي، ھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەسكەرىي قاتارلىقلار توغرىسىدا شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلام ئۈممىتى پايدىلانغۇدەك ئالىملار چىقمىغان، شۇنداقلا ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنىمۇ مەيدانغا كەلتۈرمىگەن، بەلكى ئۇلار باشقا ھاشىمى جەمەتىدىن بولغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئىززەت-ھۆرمەت، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە ئېسىل نەسەپلىك كىشىلەردۇر. ئەمما  ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا ئۇلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەردە دىن ۋە ئىسلام ئېھتىياجلىق بولغان ئىلىم-مەرىپەتلەر بار دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بۇ توغرىدا بىرەر نەرسە قەيت قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇنى ئىلىم ئىگىلىرى ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلاردىن ئىسلام ئالىملىرى بىرىنچى قىسىمدىكى ئۈچ ساھابىدىن ئىلىم ئالغاندەك  ئىلىم-مەرىپەت ھاسىل قىلمىدى، ئەگەر ئۇلاردا مەنپەئەتلىك بىر ئىلىم بولغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇلار پايدىلىنىتتى. ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى باشقىلاردىن بەكراق بىلگۈچىدۇر." ["مىنھاج ئەسسۈننە"6-توم387-بەت].

    تۆتىنچى قىسىم: مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەلئەسكەرىي ئەلمۇنتەزىر  بىز ئىلگىرى بايان قىلغاندەك بۇ كىشىنىڭ ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس (يەنى بۇ ئىسىم بىلەن ئۇ ۋاقىتلاردا بىركىشى بولمىغان).

    ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى