جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قۇرئان كەرىم مەخلۇق ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر

سۇئال

قۇرئان كەرىمنىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدىغان ئىنگىلىزچە بىرەر كىتاپ تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى، شۇنداقلا بىز مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلىدە قانداق ئېتىقاد قىلىشىمىز ۋاجىپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە خەۋەر بەرگەن نەرسىلەرگە تولۇق ئېتىقاد قىلىشىمىز لازىم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ سۆزلىگۈچى سۈپىتى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّـهِ حَدِيثًا

تەرجىمىسى: ئاللاھتىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى سۆزىدە، ۋەدىسىدە ئاللاھتىنمۇ سادىق ھېچكىم يوق) [سۈرە نىسا 87-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّـهِ قِيلًا تەرجىمىسى: ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك ھېچ كىم بولمايدۇ) [سۈرە نىسا 122-ئايەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىگۈچى، سۆزىنىڭ راستلىقى ۋە ھەق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سۆزىدە ھېچقانداق بىر يالغاننىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى يوقلىقىغا ئىسپاتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ قَالَ اللَّـهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىسا!. [سۈرە مائىدە 116-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىگۈچى ئىكەنلىكى، سۆزىنىڭ ئاڭلىنىدىغانلىقى، سۆزنىڭ ئاۋاز بىلەن بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سۆزىنىڭ سۆزلۈك ۋە جۈملىلەردىن تەركىپ تاپىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنىڭ ھەرىپلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَمَّا أَتَاهَا نُودِيَ يَا مُوسَىٰ. إِنِّي أَنَا رَبُّكَ﴾ تەرجىمىسى: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا!. مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن. [سۈرە تاھا 11-12-ئايەت]. مانا بۇ ئايەت ھەرىپلەردىن تۈزۈلگەن، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنىڭ ئاۋاز بىلەن بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَنَادَيْنَاهُ مِن جَانِبِ الطُّورِ الْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَاهُ نَجِيًّاتەرجىمىسى: ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن (دەرگاھىمىزغا) يېقىنلاشتۇردۇق. [سۈرە مەريەم 52-ئايەت]. چاقىرىق ۋە مۇناجات پەقەت ئاۋاز بىلەنلا بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "شەرھى لەمئەتۇل ئېئتىقاد" ناملىق ئەسىرى 73-بەتكە قارالسۇن].

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالاقاچان، قەيەردە، قانداق ئۇسلۇبتا سۆزلەشنى خالىسا، ھەرىپ ۋە ئاۋاز بىلەن سۆزلىگۈچىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ ئاۋازى مەخلۇقلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئاۋازىنىڭ مەخلۇقلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ ۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ تەرجىمىسى: ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [سۈرە شۇرا 11-ئايەت].

يۇقىرىدىكى بۇ ئېتىقاد بۇرۇندىنلا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسى دەپ مەشھۇر بولدى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنى ئاللاھنىڭ كالامى (يەنى سۆزى) دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ أَحَدٌ مِّنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّىٰ يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّـهِ تەرجىمىسى: ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن. [سۈرە تەۋبە 6-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. بۇ ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ سۆزىدىن بىردەك قۇرئان كەرىم مەقسەت قىلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزى دەپ بايان قىلىنىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى (يەنى سۆزى) ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدە قارىشى بويىچە، ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم مەخلۇق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدۇر، قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل بولغاندەك، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ تەرجىمىسى: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّا أَنزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ تەرجىمىسى: بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق. [سۈرە قەدرى 1-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَقُرْآنًا فَرَقْنَاهُ لِتَقْرَأَهُ عَلَى النَّاسِ عَلَىٰ مُكْثٍ وَنَزَّلْنَاهُ تَنزِيلًا تەرجىمىسى: قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە - دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق. [سۈرە ئىسرا 106-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا بَدَّلْنَا آيَةً مَّكَانَ آيَةٍ ۙ وَاللَّـهُ أَعْلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوا إِنَّمَا أَنتَ مُفْتَرٍ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ . قُلْ نَزَّلَهُ رُوحُ الْقُدُسِ مِن رَّبِّكَ بِالْحَقِّ لِيُثَبِّتَ الَّذِينَ آمَنُوا وَهُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُسْلِمِينَ. وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّهُمْ يَقُولُونَ إِنَّمَا يُعَلِّمُهُ بَشَرٌ ۗ لِّسَانُ الَّذِي يُلْحِدُونَ إِلَيْهِ أَعْجَمِيٌّ وَهَـٰذَا لِسَانٌ عَرَبِيٌّ مُّبِينٌ تەرجىمىسى: بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا (يەنى بىر ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈمنى چۈشۈرگىنىمىزدە)، - ئاللاھ ئۆزى نازىل قىلغاننى (يەنى شۇ ھۆكۈمدە بەندىگە نېمە مەنپەئەت ۋە ھېكمەت بارلىقىنى) ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار: ئى مۇھەممەد! سەن (ئاللاھقا) يالغان چاپلىدىڭ دەيدۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى ئۇقمايدۇ، ئېيتقىنكى، قۇرئاننى جىبرىئىل مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭ ھۇزۇرىدىن راستچىللىق بىلەن نازىل قىلدى. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بىر ئىنسان تەلىم بېرىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس، بۇ قۇرئان بولسا روشەن ئەرەب تىلىدۇر. [سۈرە نەھل 101-102-103-ئايەتلەر].

ئايەتنىڭ ئورنىغا باشقا ئايەتنى ئالماشتۇرغۇچى پەقەت ئاللاھ تائالادۇر.

قۇرئان كەرىم مەخلۇق ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ كالامى (يەنى سۆزى) ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تەرجىمىسى: يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. [سۈرە ئەئراپ 54-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە؛ يارىتىش ئايرىم ئىش، بۇيرۇق ۋە تەسەررۇپ قىلىشنىڭ ئايرىم ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، چۈنكى جۈملىدە سۆزلۈكنىڭ ئالدىنقى كەلىمىگە قايتۇرۇلۇپ زىكىر قىلىنىشى سۆزنىڭ باشقا مەنا بىرىدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم بولسا بۇيرۇقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكَذَٰلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحًا مِّنْ أَمْرِنَا ۚ مَا كُنتَ تَدْرِي مَا الْكِتَابُ وَلَا الْإِيمَانُ وَلَـٰكِن جَعَلْنَاهُ نُورًا نَّهْدِي بِهِ مَن نَّشَاءُ مِنْ عِبَادِنَا تەرجىمىسى: شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن ۋەھيىدىن ئىلگىرى قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. [سۈرە شۇرا 52-ئايەت].

قۇرئان كەرىم بۇيرۇق تۈرىدىن بولغاندا ئۇنىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. ئەگەر مەخلۇق بولغان بولسا، ئۇنى ئىپادىلەشتە سۆزلۈكنى تەقسىم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. مانا بۇ قۇرئان كىرىمدىن بولغان دەلىلدۇر.

بۇنىڭ ئەقلى دەلىلى، بىز قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى (يەنى سۆزى) دەيمىز، بۇ سۆز ئاللاھ تائالادىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئايرىم تۇرمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالادىن ئايرىلىپ ئايرىم تۇرىدىغان بولسا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنى مەخلۇق دېگەن بولاتتۇق، لېكىن سۆز، دېگەن سۆزلىگۈچىنىڭ سۈپىتىدۇر. سۆز، سۆزلىگۈچىنىڭ سۈپىتى بولىدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىئۇنىڭدىن بولۇپ، ئۇ مەخلۇق ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى مەخلۇق ئەمەس. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "شەرھى ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە" ناملىق ئەسىرى 1-توم 418-426-441-بەتلەر].

بىزنىڭ يۇقىرىقىدەك ئېتىقاد قىلىشىمىز ۋە شۇنداق ئىشەنچ قىلىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلى مۇراد-مەقسەتتىن ئۆزگەرتمەيمىز، چۈنكى قۇرئان ئايەتلىرى قۇرئاننىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ. ئىمام تاھاۋى رەھمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ كالامى (يەنى سۆزى) ئۇ ئاللاھ تائالادىن باشلانغان (يەنى قانداق سۆزلىگەنلىكى بىزگە نامەلۇم ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق سۆزلىگەن)، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋەھيى ئارقىلىق چۈشۈرگەن، مۆمىنلەر بۇنىڭغا ھەقىقى شەكىلدە ئىشەنگەن، بۇنىڭ ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە، ئىنسانلار ۋە باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىغا ھەقىقى ئىمان ئېيتقان. ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ بۇ ئىنساننىڭ سۆزى دەپ ئويلايدىكەن ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنداق كىشىلەرنى ئەيىبلىگەن، سۆككەن ۋە دوزاخقا سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنْ هَـٰذَا إِلَّا قَوْلُ الْبَشَرِ . سَأُصْلِيهِ سَقَرَ بۇ كالامۇللاھ ئەمەس پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر، دېدى. ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن. [سۈرە مۇددەسسىر25- 26-ئايەتلەر].

بىز شۇنى بىلدۇق ۋە چىن ئىشەنچ قىلدۇقكى، ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ سۆزى ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنىڭ سۆزىگە ئوخشىمايدۇ. [شەرھى ئەقىدە ئەتتاھاۋىيە 179-بەت].

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد