101582: ئەزەنگە ئەگىشىش ئەۋزەلمۇ ياكى ئىپتارغا ئالدىراشمۇ؟


ئەزان تىڭشاش ۋاجىپ دېيىلسە، ناماز شامغا ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا ئىپتار قىلسا قانداق بولىدۇ؟ ئىپتار قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئەپۇ قىلىنامدۇ؟، شۇنىڭدەك سوھۇر ۋاقتىدا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغاندا بىر نەرسە يېسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Published Date: 2016-01-22
جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەزان ئوقۇلغاندا مۇئەززىنگە ئەگىشىپ جاۋاپ بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاشمايدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ توغرا بولغان قارىشىدا ئەزەنگە ئەگىشىش ۋاجىپ بولماستىن بەلكى مۇستەھەپتۇر، بۇ مالىكىي، شاپىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-تومى 127-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ مەزھىبىمىزدە ئەزەنگە ئەگىشىش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ شۇنداق قارايدۇ. ئىمام تاھاۋىي بۇنىڭ ئەكسىچە بەزى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ۋاجىپ دېگەن قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ". تۈگىدى.

    "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-تومى 256-بىتىدە ئىمام ئەھمەتنىڭ: "ئەگەر مۇئەززىننىڭ دېگەن سۆزىنى دېمىسە ھىچ گەپ بولمايدۇ" دېگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەنلەرگە: «ناماز ۋاقتى بولغاندا سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، ياشقا چوڭراق بولغان بىرىڭلار ئىمام بولسۇن» دېگەن سۆزىدۇر. [بۇخارى رىۋايىتى].

     يۇقىرىقى ھەدىسمۇ ئەزەنگە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا سۆزلىگەن ئورۇن تەلىم بېرىش ئورنى بولغاچقا، ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ بېرىش كېرەك بولىدۇ. ئۇلار ئۆز قەۋمىنىڭ ئەلچىلىرى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا يىگىرمە كۈنچە تۇرۇپ ئۆز قەۋمىگە قايتىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزەنگە ئەگىشىش توغرىسىدا دېگەن سۆزىنى بىلمەيتتى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا ئەزەنگە ئەگىشىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەنلىكى، ئەزەنگە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ قاراشلار توغرىغا ئەڭ يېقىنراقى ۋە كۈچلۈكرەكىدۇر. [شەرھى مۇمتىئ 2-توم 75-بەت].

    ئىمام مالىك "مۇئەتتا" ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-تومى 103-بىتىدە ئىبنى شىھاب بايان قىلغان، سۇئلەبە ئىبنى ئەبى مالىك ئەلقۇرەزىيدىن نەقىل قىلىنغان ئەسەردە ئۇ كىشى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە جۈمە نامىزىغا كېلەتتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتبە سۆزلەش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقىپ ئولتۇرغاندا، مۇئەززىن ئەزان ئوقۇيتتى، سۇئلەبە مۇنداق دەيدۇ: ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا بىز سۆزلىشىپ ئولتۇراتتۇق، ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بىزنى تىنچلاندۇرۇپ خۇتبە سۆزلەيتتى، ئۇ ۋاقىتتا ھېچ كىشى سۆز قىلمايتتى".

    شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "تەمامۇل مىننە" ناملىق ئەسەرنىڭ 340-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ ئەسەر ئەزەنگە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىگە دەلىل بولىدۇ، بۇ ئىشنىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە بولغانلىقى، ئەزان ئوقۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا سۆزلىشىشى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭغا سۇكۇت قىلىشى ئۇنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. مەنمۇ كۆپىنچە بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا مۇشۇ ئەسەرنى دەلىللەپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىمەن". تۈگىدى.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن، سىزنىڭ تائام يېيىش ۋە ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبىدىن ئەزەنگە ئەگەشمىگەنلىكىڭىزگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەمما ئەزەنگە ئەگەشمەسلىك بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ئېرىشىدىغان زور ئەجىر-ساۋاپنى كەتكۈزۈپ قويماسلىق كېرەك.

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەزان ئوقۇغۇچى: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، دېگەندە، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، دىسە، ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ دېگەندە، ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ دېسە، ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ دېگەندە، ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ دېسە، ھەييە ئەلەس سالات دېگەندە، لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دېسە، ھەييە ئەلەل پەلاھ دېگەندە، لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دېسە، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، دېگەندە، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، دىسە، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېگەندە، چىن قەلبىدىن لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېسە جەننەتكە كىرىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 385-ھەدىس].

    ئەزەنگە ئەگىشىش بىلەن ئىپتارنى تىز قىلىش ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق، روزا تۇتقۇچى كۈن ئولتۇرۇش بىلەن ئىپتارنى قىلىپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يەنە ئەزەنگە ئەگىشىشكە قادىر بولالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىككى پەزىلەتلىك ياخشى ئىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ، يەنى ئىپتارغا ئالدىراش ۋە ئەزەنگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت.

    بۇرۇنمۇ ۋە ھازىرمۇ كىشىلەر تائام يېگەچ سۆزلىشىپ ئولتۇرىدۇ، تائام يېيىش ئۇلارنى سۆزلەشتىن چەكلەپ قويمايدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىپتارغا ئالدىراش ھەر قانداق نەرسە بىلەن ھاسىل بولىدۇ، روزا تۇتقۇچى بىر تال خورما ياكى بىر يۇتۇم سۇ ئارقىلىق ئېغىزىنى ئىچىشى مۇمكىن. ئېغىز ئىچىشتىن تويغۇدەك بىر نەرسە يېسۇن دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ. شۇنىڭدەك سوھۇرلۇق يەۋاتقاندا ۋە بامداتقا ئەزان ئوقۇلغاندىمۇ، قىينالماستىن ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن مۇئەززىن ناماز ۋاقتى بولغانغا ئەزان ئوقۇغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئەزاننى ئاڭلاش بىلەن يېمەك-ئىچمەكتىن قول يىغىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 66202-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا  مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
Create Comments