سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش رىزىقنى جەلىپ قىلىدۇ

102512

تارقاتقان ۋاقىت : 08-04-2014

كۆرگۈچىلەر : 4186

سۇئال

مەن ھازىر ئوتتۇز ياشقا كىردىم. بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى گەرچە ناماز ئوقۇپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ ئەمما گۇناھ-مەسىيەتلەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدىم. توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن فرانسىيىگە باردىم ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم، بۇنىڭ چارىسىنى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش ئارقىلىق ھەل قىلدىم، شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلدىم. قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا باشلىدىم، دىنى بىلىملەرنى ئۆگەندىم، يىل بويى نەپلە روزا تۇتىدىغان بولدۇم، نامازنى ئاساسەن مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىمەن. ھەتتا قىرىق كۈندىن ئارتۇق بولدى نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە باشلاپ ئوقۇۋاتىمەن. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز مەدھىيىلەر بولسۇن، بۇنىڭ نەتىجىسىدىن تۇرمۇش ئەھۋالىم ماددى-مەنىۋى تەرەپلەردىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلغانسىرى ماڭا كىلىدىغان ياخشىلىقلار يەنىمۇ زىيادە بولدى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سۆزۈمنىڭ راسلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. ھازىرقى مەسىلە، مېنىڭ تائەت-ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلىشىم ئاخىرەت ئۈچۈنمۇ ياكى دۇنيالىق ئۈچۈنمۇ بۇنى بىلمەيمەن. مەسىلەن: سەدىقە قىلسام قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابنى ئۈمىت قىلىمەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا بۇنىڭ ئورنىغا ھەسسىلەپ تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. قەلبىمدە مەندە نىپاقلىق بارمۇ يوق؟، دەيدىغان بىر شەك-شۈبھە بار. بو تۇغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

قېرىندىشىم! ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى تەۋبە قىلىشقا ۋە توغرا يولغا قايتىشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان مۇكەممەل نېمىتى ۋە كاتتا ئىنئامىدۇر. سىز بۇ نېمەتلەرگە كۆپلەپ شۈكۈر ئېيتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتىگە ئېرىشىش ھەر بىر مۆمىننىڭ غايىسىدۇر.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەۋبە قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ خاس كىشىلىرى بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ. تەۋبە دېگەن ئىماننىڭ ھەقىقىتى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان، شۇنداقلا چوڭقۇر مەنانى ئىپادىلەيدىغان بىر ئىسىم بولۇپ، بەندە گۇناھلىرى ئۈچۈن چىن قەلبىدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلسا، رەب سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بۇنىڭدىن ئاجايىپ خۇرسەن بولىدۇ." [مەدارىج ئەسسالىكىن 1-توم 343-بەت].

سىز تائەت-ئىبادەتكە كۆپ تىرىشچانلىق قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىزگە رىزىق يوللىرىنىڭ ئىچىلىشىدىكى سەۋەبكە كەلسەك، ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋالىق ۋە تائەت-ئىبادەت رىزىقنىڭ زىيادە بولىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَمَن يَتَّقِ اللَّـهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا ، وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ﴾تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ.ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].

تائەت-ئىبادەت رىزىقنى جەلىپ قىلغاندەك، گۇناھ-مەسىيەت پېقىرلىق ۋە كەمبەغەللىككە سەۋەپ بولىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن كۆپ رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ، تائەت-ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىش رىزىقنى جەلىپ قىلسىمۇ، لېكىن شۇ ئەمەل-ئىبادەتلەرنى باشلاشتىن ئىلگىرى نىيەتنى ئاللاھ رىزاسىغا توغرىلاش ۋە مەزكۇر ئەمەلنى ئىخلاس بىلەن قىلىش كېرەك.

سىز دائىم ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىخلاسىڭىزنى تەكشۈرۈڭ ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىڭ، ئەمەل-ئىبادەت قىلىۋاتقاندا ياكى قىلىپ بولغاندىن كېيىن قىلغان ئەمىلىڭىزنى بىكار قىلىۋېتىدىغان رىياخورلۇق، ئەمىلىدىن ئەجەبلىنىش ۋە پەخىرلىنىش، ماختىلىش، كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئىلىش، ھۆرمەت-سازاۋەرگە ئېرىشىش ياكى ئۆزىڭىزگە كېلىۋاتقان مەلۇم بىر ياخشىلىق ئۈچۈن قىلىشتىن ساقلىنىڭ. شۇنداقلا، سىز ياخشى ئەمەللەرنى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك مەلۇم مەنپەئەتنىلا كۆزلەپ قىلغىنىڭىزدا، ئەگەر سىزگە رىزقنىڭ يوللىرى ئېتىلسە، ئۇ ئەمەللەرنى تاشلىشىڭىز ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئىخلاسنىڭ ماھىيىتىگە زىت كېلىدۇ ۋە تائەت-ئىبادەتنى بۇزۇۋېتىدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، گەپ ئەمەل قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر ئەمەلنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ۋە بۇزۇۋېتىدىغان ئامىللاردىن ھىمايە قىلىش مۇھىمدۇر". [ئەلۋابىل ئەسسەيىب 20-بەت].

ئىنسان شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەل-ئىبادىتى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى، ئاخىرەت دىيارىدىكى ئەجىر-ساۋابنى مەقسەت قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيادىمۇ ياخشى ياشاش، رىزقى كەڭرى بولۇش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلسا بۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. شۇنداقلا، بۇنىڭغا دۇنيادا بېرىلىدىغان ياخشى نەتىجىلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. بۇنىڭدىن مۆمىن كىشى ئەمەل-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئىككى دۇنيالىق ئەجىر-ساۋاپلارنى مەقسەت قىلسا توغرا بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ "پايدىلىق سۆزلەر" ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-توم 224-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلىرى بىلەن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى مەقسەت قىلسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿وَمَن يَتَّقِ اللَّـهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا ، وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ﴾تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ.ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].

شەيتان قەلبىڭىزگە سەن مۇناپىق ياكى ئەمەلنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلمايسەن دېگەندەك ۋەسۋەسىلەرنى سالمىسۇن. چۈنكى شەيتاننىڭ مەقسىتى سىزنى ياخشى ئەمەللەردىن چەكلەپ، ياخشىلىق يوللىرىدىن توسۇشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزگە كېلىۋاتقان رىزىق ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىپ، رىزىق مەنبىيى ئۈزۈلۈپ قالسا ياخشى ئەمەللەرنى تەرك قىلغۇچىلاردىن بولماڭ. ئەمەللىرىڭىزنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىڭ، ئۆزىڭىزگە يەتكەن ياخشىلىقلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا كۆپلەپ رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىڭ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌتەرجىمىسى:ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: نېمىتىگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئۇنى تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر كۇفرانى نېمەت قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ، دەپ جاكالىدى. [سۈرە ئىبراھىيم 7-ئايەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى