سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

مەھدىينىڭ چېقىشى توغرىسىدا

10301

تارقاتقان ۋاقىت : 31-05-2023

كۆرگۈچىلەر : 527

سۇئال

قۇرئان كەرىمدە ئىمام مەھدىينىڭ مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاچان چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت كەلگەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلمان قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىك ۋە ئەگىشىش جەھەتتىن بىر مەرتىۋېدە ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. قۇرئان ۋە سۈننەت ھەممىسى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا يَنْطِقُ عَنِ الْهَوَى، إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى تەرجىمىسى: «(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ.» [سۈرە نەجمى 3-4-ئايەت].

    مىقداد ئىبنى مەدىي كەرۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت! ماڭا كىتاب ۋە كىتابنىڭ ئوخشىشى بېرىلدى، يېقىندا بىر كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، قورسىقى توق، ئورۇندۇققا يۆلىنىپ شۇنداق دەيدۇ: سىلەر مۇشۇ قۇرئاننى لازىم تۇتۇڭلار، قۇرئاندا ھالال دەپ تاپقان نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار، ھارام دەپ تاپقان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4604-ھەدسى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سۈنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا  3848-ھەدىستە كەلتۈردى].

    ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇنى مۇستەقىل ئىتائەت قىلىپ مۇنداق دېدى: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ تەرجىمىسى:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.» [سۈرە نىسا 59-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُواۖ تەرجىمىسى:«پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار» [سۈرە ھەشىر 7-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ئۈچىنچى: قۇرئان كەرىمدە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە مەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا چېقىدىغانلىقىدىن باشقا ئۇنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى كەسكىن يول بىلەن بېكىتكەن دەلىل يوق، لېكىن تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش زۆرۈر بولىدۇ:

   1-مەھدىينىڭ چېقىشى قىيامەت ئۈچۈن بولغان كېچىك ئالامەتلەرنىڭ ئاخىرىدۇر.

   2-نۇرغۇن كىشىلەر مەسىلەن: قادىيانى، بەھائىيە، شىئە ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى توغرا يولدىن چىققان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مەقسەتلىرى، ئازغۇن ئېتىقادلىرىنى كۈچلاندۇرۇش ئۈچۈن مەھدىينىڭ چىققانلىقىنى ياكى يېقىندا چىقىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ قۇرۇق دەۋاسى كېيىنكى بەزى كىشىلەرنى مەھدى توغرىسىدكى ھەدىسلەرنى رەت قىلىش ياكى ئۇ ھەدىسلەرنى مەھدىينىڭ چېقىشىدىن بولغان مەقسەت ئاخىر زاماندا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى دەپ تەۋىل قىلىشقا ئېلىپ باردى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارىشىغا : «مەھدى دېگەن پەقەت ئەيسا ئىبنى مەريەم»دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلدى. بۇ  ھەدىس زەئىپ، بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىش توغرا بولمايدۇ. [شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھنىڭ"زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" 1-توم 175-بەت].

   3-نۇرغۇن ئالىملار مەھدىينىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كىتابلارنى يازدى، بۇنى مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسىنىڭ جۇملىسىدىن قىلدى، ئۇلار: ھاپىز ئەبۇ نۇئەيم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى كەسىر، سەخاۋىي، شەۋكانىي ۋە باشقا ئالىملار.

   4-سەھىھ ھەدىستە: مەھدىينىڭ ئەيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى، ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئادا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنغان.

   جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ:«مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر بۆلەك كىشىلەر قىيامەتكىچە ھەققە ياردەم بېرىپ ئۇرۇش قىلىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قوماندانى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگىن دەيدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام: ياق، سىلەرنىڭ بەزىڭلار بەزىڭلارغا قوماندان، ئاللاھ تائالا بۇ ئۇممەتنى ئېكرام قىلدى» دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 156-ھەدىس].

   ھەدىستە زىكىر قىلىنغان قوماندان ئۇ مەھدىيدۇر. ئەبۇ نۇئەيىم ۋە ھارىس ئىبنى ئۇسامىنىڭ رىۋايىتىدە: «ئۇلارنىڭ قوماندانى بولغان مەھدى شۇنداق دەيدۇ» دەپ كەلگەن. ئىبنى قەييىم: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ياخشى دېگەن.

   5-مۇسۇلمان مەھدىينىڭ چىقىشىنى كۈتمەسلىكى كېرەك، بەلكى دىنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جۇشقۇنلۇق بىلەن، تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىشقا ئالدىرىشى، دىن ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەك، مەھدىينىڭ ياكى باشقىلارنىڭ چىقىشىنى كۈتمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئۆزىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى ئىسلاھ قىلىشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشسا ئۆزىنىڭ ئۈزۈرسىنى قويغۇدەك بىر ھالەتتە بولىشى كېرەك. شەيخ مۇھەممەد بىن ئىسمائىلنىڭ "مەھدى ھەقىقەتتۇر خۇراپات ئەمەس" ناملىق كىتابقا قارالسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى