سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ياخشى-سالىھ ئەر پەقەت ياخشى-سالىھە ئايال بىلەنلا نىكاھلىنامدۇ؟

10376

تارقاتقان ۋاقىت : 20-09-2014

كۆرگۈچىلەر : 5429

سۇئال

ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ھەر بىر ئىنسان ئۆز لايىقى بىلەن توي قىلىدۇ. ياخشى-سالىھ بولسا ياخشى-سالىھە ئايال بىلەن توي قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئېدىم، ئەمما بۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچبىر ھەدىس تاپالمىدىم، ماڭا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟. يەنە بىر ئىش، بىر كىشى زىنا قىلغان بولسا چوقۇم ئۇ كىشىنىڭ يېقىن ئايال تۇغقانلىرىدىن بىرى زىنا قىلىش ئارقىلىق جازالىنىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟. كۆپچىلىك ياشلار ئۆزلىرىگە ھارام ئىشتا شېرىك بولىدىغان ھەمراھلارنى ئىزدەيدۇ، ئۇلارغا ياخشىلار ياخشىلارغا ئېرىشىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلغان بىر ئىمتىھانى دەپ چۈشەنچە بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: سىزنىڭ ھەر بىر ئىنسان تەقۋادارلىق ۋە بۇزۇقچىلىقتا ئۆزىگە ئوخشاش لايىقى بىلەن نىكاھلىنىدۇ دەپ ئاڭلىغان سۆزىڭىز توغرا ئەمەس. بۇنىڭ ئىسپاتى:

1- ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرلىرىدىن نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئايالىنىڭ كاپىرلاردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ضَرَبَ اللَّـهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ كَفَرُوا امْرَأَتَ نُوحٍ وَامْرَأَتَ لُوطٍ ۖ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّـهِ شَيْئًا وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ تەرجىمىسى: ئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن خىيانەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككىسىگە: دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار، دېيىلدى. [سۈرە تەھرىم 10-ئايەت].

2- ئىسلام شەرىئىتى زىناخورنىڭ ئىپپەتلىك ئايال بىلەن توي قىلىشىنى، شۇنداقلا ئىپپەتلىك ئەرنىڭ زىناخور-بۇزۇق ئايال بىلەن توي قىلىشىنى چەكلىگەنلىكى، بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكى، بەلكى بۇنداق ئىشلار كۆپ يۈز بەرگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الزَّانِي لَا يَنكِحُ إِلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ ۚ وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ تەرجىمىسى: زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى. [سۈرە نۇر 3-ئايەت].

3 - پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام نىكاھلىنىش ئۈچۈن قىز-خانىملارنى ئىختىيار قىلىشتا ئۇنىڭ مال-دۇنياسى، نەسەبى-ئائىلە كېلىپ چىقىشى، چىراي-شەكلى ۋە دىنى ئەخلاقىغا قاراشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھنىڭ دىندار، ئەخلاقلىق ئايال بىلەن توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى، دىندار بولمىغان ئايال بىلەن توي قىلىشنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى، بەزى ۋاقىتتا ئەر كىشى ئۆزىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئايال بىلەنمۇ توي قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى تۆت ئىش ئۈچۈن نىكاھ قىلىنىدۇ: مال-دۇنياسى، نەسەبى-يۈز ئابرۇيى، چىراي-شەكلى ۋە دىن-دىيانىتى. دىندار ئايال بىلەن توي قىلساڭ بەخت تاپىسەن. [بۇخارى رىۋايىتى4802-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1466 -ھەدىس].

4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئائىلە باشلىقلىرىنى پەرزەنتلەرنى دىنداركىشىلەر بىلەن نىكاھلاندۇرۇشقا بۇيرىغانلىقى، بەزىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالىدىغانلىقىنىڭ دالالىتىدۇر.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر دىنى ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىغا سىلەر رازى بولىدىغان بىرەرسى قىزىڭلارنى سوراپ كەلسە، ئۇلارنىڭ نىكاھىنى قىلىپ قويۇڭلار، ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئۇ قىز زېمىندا بۇزۇقچىلىق ۋە پىتنە-پاساتنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى1084-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1967-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 1022 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

نىكاھلىنىشنى مەقسەت قىلغان كىشى دىندار، ئەخلاقلىق قىز-ئاياللارنى ئىزدىشى كېرەك. شۇنىڭدەك قىز ئىگىلىرىمۇ قىزلىرىنى دىندار ، ئەخلاقلىق كىشىلەرگە نىكاھلاپ بېرىشى لازىم. چۈنكى ھەر بىر ئىنسانغا ئۆزى ھەمراھ بولغان كىشىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇزۇن زامان بىرگە ياشىغاندا بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىنىڭ دىنىدا بولىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ كىم بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا قارىسۇن.[تىرمىزى رىۋايىتى2378-ھەدىس.شەيخ ئەلبانىي بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 1937-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىنىڭ دىنىدا بولىدۇ دېگەنلىكتىن: ئۇ كىشى ئۆزى ئارىلاشقان كىشىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى، مىجەز-خۇلقى ۋە تەبىئىتىدە بولىدۇ دېمەكتۇر.

ئۆزىنىڭ كىم بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا قارىسۇن دېگەنلىكتىن: ئۆزى ئارىلاشقان، دوست- بۇرادەر بولغان كىشىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا پىكىر قىلسۇن، ئويلانسۇن دېمەكتۇر.كىمكى دوست-بۇرادەر بولغان كىشىنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىغا رازى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشسۇن، دىنى ۋە ئەخلاقى تەرەپتىن سۆيۈنمەيدىغان كىشىدىن يىراق بولسۇن. چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى بىر-بىرىگە تىز يۇقىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ياخشى-يامان بولىشىغا تىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىمام غەزالىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "باشقىلار بىلەن ئولتۇرۇش-قوپۇش ھېرىسمەنلىكنى پەيدا قىلسا، ئارىلىشىش ھېرىسمەنلىكنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ،دۇنياغا بېرىلمەيدىغان زاھىد كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇش ۋە ئارىلىشىش ئىنساننى دۇنياغا بېرىلمەيدىغان تەبىئەتنىڭ يېتىلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان تەبىئىتىئۆزى ئارىلاشقان كىشىگە ئەگىشىش ۋە ئوخشاش بولۇشقا مايىلدۇر. بەلكى ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئۆزىمۇ سەزمىگەن-تۇيمىغان ھالدا باشقىلارنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ئۆزىگە تىز يۇقتۇرىۋالىدۇ." [تۇھپەتۇل ئەھۋەزى ناملىق ئەسەردىن ئىلىندى].

ئىككىنچى: زىناخور ئەرگە نىسبەتەن، ئۇ كىشى ئۆز ئەھلىدىن بىرەر ئايالنىڭ باشقىلار بىلەن زىنا قىلىشى ئارقىلىق جازالىنىدۇ دېگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس يالغان، يەنى توقۇلما بولسىمۇ ئەمما ئىپادىلىگەن مەنىسى توغرىدۇر. بىز بۇ توغرىدا 22769 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى