جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىككى جىنىس ئارىسىدىكى مەپتۇنلۇقنىڭ خەتىرى، ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىش ۋە مەپتۇن بولغاننى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىزدىن ھەيران قالغان ۋاقتىدا، شەخسىيىتىڭىز ئۇنى جەلپ قىلىۋالسا، ئاندىن ئۇ جەلب قىلىش ئەقلى بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كەتسە(خۇددى قىزلار ئارىسىدىكى مەپتۇنلۇققا ئوخشاش) مۇشۇنداق ھالەتتە نېمە قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ؟سىزگە ۋە ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزمەستىن بۇ شەخسىيەتنى ئىلاج قىلىشنىڭ يولى قايسى؟ئىنساننىڭ پىتنىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، مۇشۇنداق بىر ھالەتكە دۇچار بولغان كىشىگە(دىنى تەرەپتىن ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن) نېمە توغرىسىدا نەسىھەت قىلىسىز؟ ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىر بەرسۇن، بۇ تېما بەك مۇھىم، ئاللاھ سىلەرگە پىردەۋۇس جەننەتنى نېمەت قىلىپ بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تۇغما تەبىئەتنىڭ مايىللىقى دېگەن ئۇ ئەرنىڭ ئايالغا ۋە ئايالنىڭ ئەرگە مايىل بولىشىدۇر، ئەمما بىر ئىنساننىڭ ئۆز جىنسىدىن بولغان بىرىگە مايىل بولىشى بولسا شەھۋەت ۋە ئىنتىلىشتىن بولغان مايىللىق بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ياراتقان تەبىئىي ھالەتكە زىت كېلىدۇ.

    ئەجەبلىنىش-مەپتۇن بولۇش دېگەن جەمئىيەتكە تارقالغان خەتەرلىك كېسەل بولۇپ، بۇ قەلبنىڭ ئىماندىن خالى بولىشى، ئىلىم-مەرىپەتتىن يىراق بولىشى، ئەسلى تەبىئىتى بۇزۇلغان كاپىرلار جەمئىيىتىگە ئەگىشىشنىڭ نەتىجىسىدۇر، بۇ ئەجەبلىنىش تەرەققى قىلىپ ئاشىقلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ، قىزچاق ئۆزى ئاشىق بولغان قىزنى كۆرۈشتىن ياكى ئاۋازىنى ئاڭلاش ياكى رەسىمىنى كۆرۈشتىن ۋاز كېچىشكە قادىر بولالمايدۇ، بۇ ياۋۇز ئالاقە چەكلەنگەن ئەركەكزەدەكلىك قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئەركەكزەدەكلىك قىلىش ۋە قولى بىلەن لەززەتلىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سۇئال قىلىنغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: "ئاياللارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئەركەكزەدەكلىك قىلىشى چەكلەنگەن ھارام ئىشتۇر، بەلكى چوڭ گۇناھلاردىن بولغان بىر گۇناھ بولۇپ ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىگە زىت كېلىدۇ، ئاللاھ تائالا  مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ . إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ . فَمَنِ ابْتَغَى وَرَاءَ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْعَادُونَ  تەرجىمىسى: ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر، (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ)، بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. [سۈرە مۆمىنۇن 5-7-ئايەت].

    شۇنىڭدەك قول بىلەن لەززەتلىنىشمۇ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە چەكلەنگەن ھارام ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ ئىنسان ئۈچۈن زور زىيان بولىدۇ.  شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىيپى، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"22 -توم 68-بەت].

   ئىككىنچى: ئۆز كۆڭلىدە بىرىگە ئەجەبلەنگەن ۋە مەپتۇن بولغانلىقىنى بىلگەن، شۇ ئەجەبلىنىش ۋە مەپتۇن بولۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى تونىغان كىشى تىزدىن ھىكمەت بىلەن بۇنىڭ چارىسىنى قىلىشقا ئالدىرىسۇن، بۇنىڭ چارىسىنى قىلىش:

   1-ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۈچلاندۇرۇپ، ئۆزىنى تائەت-ئىبادەتكە رىغبەتلەندۈرۈپ، گۇناھ-مەسىيەتتىن يىراق تۇتۇشى لازىم.

   2-قەلبىگە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆيگۈسىنى يېتىشتۈرۈش.

   3-ئاللاھ توغرىسىدا ياخشى كۆرۈشنىڭ مەنىلىرىنى ۋە ئۆلچىمىنى ئۈگۈنۈش، ئۇ بولسىمۇ ئۆز پەرۋەردىگارىغا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىمان بولۇپ، ھەيئەت ۋە شەكىل جەھەتتىن ئەمەس بەلكى ئەمەلىي جەھەتتىن تائەت-ئىبادەت قىلىش.

   4-تەكرار ئۇچۇرلىشىش ۋە دائىم كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت قويماسلىق.

   5-ئۇچراشقان ۋاقىتتا بىر-بىرىگە قانماي قاراش ياكى قوچاقلىشىش ياكى سۆيۈشۈشكە ئىمكانىيەت بەرمەسلىك.

   6-ئۆزىنى مۇھىم بولغان ئىلمى دەۋەت ئىشلىرىغا بېسىش، مەسىلىلەرنىڭ دەلىللىرىنى توپلاش ياكى كىتابنى خۇلاسلاش ياكى ئاۋاز لىنتىلىرىنى ئاڭلاش شۇنىڭدەك كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىش، كىتاپ تارقىتىش، ئاۋازلىق لىنتا تارقىتىشتەك دەۋەت ئىشلىرىنى تۇرغۇزۇش، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز ۋاقتىنى تائەت-ئىبادەت ۋە پايدىلىق بولغان دۇرۇس ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشتۇر.

   ئۈچىنچى: مۇسۇلمان ئۆز نەپسىدە باشقىلارغا بولغان ئەجەبلىنىشنى كۆرسە، بۇنىڭ شەيتاننىڭ يولى بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە: بۇ ئىش تەرەققى قىلىپ چەكلەنگەن ئاشىقلىق دەرىجىسىگە يېتىپ قىلىشتىن ئىلگىرى دەرھال بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا، بۇنىڭ چارىسىنى قىلىشقا ئالدىرىسۇن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىدا، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسۇن:

   1-قەلبىنى ئۆز پەرۋەردىگارىغا باغلىسۇن، ئۇ ئاللاھ  ئۇ كىشى كاتتا نىمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن قەلبىنىڭ سۆيگۈسىنى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلەندۈرسۇن.

   2-كۆڭلى ئالاقىدار بولغان ھەرقانداق نەرسە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزسۇن، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ۋە چىرايىنى كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرمىسۇن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشماسلىققا ھېرىس بولسۇن، گەرچە ئۇ سۆيۈملۈك كىشى ئوقۇتقۇچى ياكى تەربىيچى ياكى كۆيۈمچان بولسىمۇ، مانا بۇ نەپسىنى داۋالايدىغان ۋە چارىسىنى قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئىلاجدۇر.

   3-سالىھلار، ئالىملار ۋە مۇجاھىدلارنىڭ سىيرەتلىرىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى ئۈستۈنلۈككە چېقىرىش يولىدا ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى، ماللىرى ۋە ۋاقىتلىرىنى قانداق تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلىش، بۇ ئۆز ۋاقتىنى سۆيگۈنىنىڭ رەسىمگە قاراش ياكى ئاۋازىنى ئاڭلاپ مەستخۇش بولۇش ياكى مەكتۇپلىرىنى ئوقۇشقا مايىل بولۇش سەرپ قىلغاندىن ياخشىدۇر.

   4-ئۇ كىشىدىن ۋەيران قىلغۇچى ئىشقى-مۇھەببەت ۋە چەكلەنگەن مەپتۇنلۇقتىن ئىبارەت بۇ ھالاكەتلىك ئىككى كېسەللىكنىڭ خەتىرىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەسەرلەردە توختاش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئىشتىن كىلىپ چىقىدىغان زېيانلاردىن:

   1-ئىنساننى ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن باشقىلارغا زېيىنى يېتىدىغان پايدىسى يەتمەيدىغان ئاجىز بىر مەخلۇقنىڭ تەرىپىگە ئۆرۈۋېتىش.

   2-دەرت، خاپىلىق، غەم-قايغۇنى، دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

   3-ئۆزىنىڭ سۆيگۈنى ۋە مەشۇقى بىلەن بولغان بېقىشىش، سىلىشىش، شەھۋەت بىلەن سۆيۈشۈشتىن ئىبارەت بولغان چەكلەنگەن شەكىللەرنى خىيال قىلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۇ ئىش ئايالنى ئەركەكزەدەكلىك قىلىشقا، ئەرنى لەۋاتەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خىيالى تۇيغۇ مەۋجۇدلۇق ئالىمىدە ئەمەلىلىشىدۇ.

   4-ساغلام تەبىئەت ئاجىز بولغان تەبىئىي جىنسى ئالاقىنىڭ رىغبىتى بىلەن بۇلغىنىدۇ، بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بىلەن بولغان جىنسى مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزىلىشى ۋە ئۆزى بۇرۇندىن كۆنۈپ قالغان چەكلەنگەن ئادەتكە رىغبەتلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، ئەر كىشىگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق بولىدۇ.

    تۆتىنچى: مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئالاقە شەرئى پرىنسىپقا، تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىشى كېرەك، دۇنيادىكى ئالاقىسى گۇناھ-مەسىيەت ئاساسىغا بولىدىكەن، بۇ ئىككىسىنىڭ ئالاقىسى قىيامەت كۈنىدە دۈشمەنلىككە ئۆرۈلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  الْأَخِلَّاءُ يَوْمَئِذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا الْمُتَّقِينَ  تەرجىمىسى: بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر). [سۈرە زۇخرۇپ 67-ئايەت].

    ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۇنيادا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن دوست بولغانلار قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دۈشمەن بولىدۇ، بەزىسى بەزىسىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ، پەقەت تەقۋادارلىق ئاساسىغا دوست بولغانلار ئۇنداق ئەمەس". ["تەپسىر تەبەرى"21-توم 637-بەت].

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن بولغان ھەرقانداق دوستلۇق ۋە ھەمراھلىق ئۇ قىيامەت كۈنىدە دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن بولغان دوستلۇق بولسا دائىمىي داۋاملىشىدۇ". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"7-توم 237-بەت].

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئىككى مەنپەئەتنىڭ غەيرىدە بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتى دۈشمەنلىك بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ زاتى ئۈچۈن بولسا بۇ مەنپەئەتلىك بولىدۇ، ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلسا، تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئۇنىڭ ئىزنى بىلەن ياردەم بەرسە، بۇ رازىلىق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ بىر-بىرىگە ئۆچلۈك، دۈشمەنلىك ۋە لەنەت بولۇپ قايتىدۇ، ھەر بىرى يەنە بىرىگە: سەن بولمىغان بولساڭ مەن يالغۇز بۇ ئىشنى قىلمايتتىم، مېنىڭ ھالاكىتىم مېنىڭ ۋە سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بولدى دەيدۇ.

    بەزى ۋاقىتتا دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە لەنەتتىن چەكلەپ قويالمايدۇ، گەرچە ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىگە زۇلۇم قىلغان بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن چەكلەنگەن، ھەر بىرى يەنە بىرىگە: سەن ئۆز مەقسىدىڭ ئۈچۈن مېنى بۇ ئىشقا دۇچار قىلدىڭ دەيدۇ، ئىككى زىنا قىلغۇچىنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىگە: ئۆز مەقسىدىڭگە يېتىش ئۈچۈن مەن بىلەن شۇنداق قىلدىڭ، سەن قىلمىغان بولساڭ مەنمۇ قىلمايتتىم دەيدۇ، لېكىن ھەر بىرى ئۈچۈن يەنە بىرىنىڭ ئۈستىگە قىلغان قىلمىشىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ. ھەر ئىككىسى ئوخشاش بولىدۇ". ["پەتىۋالار توپلىمى"15-توم 129-بەت].

   تەۋبىگە يۈزلەنگەن كىشى ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ئېشىكى ئوچۇقتۇر، ياخشى ئەمەللەر كۇلۇبىغا كېرىشكە رىغبەتلەنگەن كىشى ئۈچۈن نېمەت، ئىمان ۋە تائەت-ئىبادەت مەۋجۇدتۇر، ئاللاھ تائالا گۇناھنى مەغپىرەت قىلىدۇ، تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامانلىقنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِلَّا مَنْ تَابَ وَآَمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً  تەرجىمىسى: پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر [سۈرە پۇرقان 70-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحاً ثُمَّ اهْتَدَى  تەرجىمىسى: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن [سۈرە تاھا 82-ئايەت].

   تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن 10050 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن، بۇ سوئالدا نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى لەۋاتەت ۋە ئەركەكزەدەكلىكنى ھارام قىلدى؟ دېگەن مەسىلىنىڭ بايانى بار. يەنە 21058 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن، بۇ سوئالدا، ئەركەكزەدەكلىكنىڭ ئاقىۋىتى بايان قىلىنغان، يەنە 60351- ۋە 36837-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن، بۇ ئىككى سوئالدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئېغىزىغا سۆيۈشۈش ۋە كۈندىلىك سۆيۈشۈشنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، 591- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئايالنىڭ ئايالنى ئايرىلىپ كېتىشكە تاقەت كەلتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشىنىڭ ھۆكمى بايان قىلىنغان.

   ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى