سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟

104119

تارقاتقان ۋاقىت : 07-11-2014

كۆرگۈچىلەر : 4483

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟ ئاللاھنىڭ نۇسرىتى كېلىشنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: دىن ۋە ئىسلام ئەھلىگە ئۇرۇش ئاچقان دىن دۈشمەنلىرى ۋە مۇلھىدلار ئۈستىدىن ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى ھەقدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ھەقدۇر. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە نۇسرەتنى ۋەدە قىلغان ۋە غەلبىنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بۇ غەلىبىنى كېچىكتۈرۈشى ئۇلۇغ بىر ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى ئۈچۈندۇر. ئىمانى مۇستەھكەم، ئىشەنچىسى كۈچلۈك كىشى ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرگەن ئۇ ئىشنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلِكُم ۖ مَّسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّـهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّـهِ قَرِيبٌ تەرجىمىسى: سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆمىنلەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟، دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر. [سۈرە بەقەرە 214-ئايەت].

ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتنىڭ مەنىسى: ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن مۆمىنلەر! سىلەر تېخى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇچرىغان ئېغىر كۈلپەت، قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلارغا ئۇچرىماي جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلار ئېغىر قىيىنچىلىق، قاتتىق سىناقلار، تۈرلۈك كېسەللىكلەر بىلەن سىنالغان، ئۇلار ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەردىن قىلچىلىك تەۋرەپ قالمىغان، دۈشمەنلىرىدىن قورقۇپ قالمىغان، ھەتتا ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلارغا كىلىدىغان ياردەم كېچىكىپ قالغاندا، ئۇلار: ئاللاھ بىزگە قاچان نۇسرەت بېرىدۇ؟ دېگەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا يېقىندا ياردەم بېرىدىغانلىقى، دۈشمەنلەرگە قارشى ئۇلار بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقى، ئۇلارغا مەدەت بېرىدىغانلىقى، ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىدىغانلىقى، كاپىرلارنىڭ ئۇرۇش ئوتىنى ئۆچۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى." [تەپسىرى تەبەرىي 4-توم 288].

شەيخ مۇھەممەدئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتتىن ئىلىنغان بەزى پايدىلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

1-ئىنسان غەلىبە ۋە ياردەمنى نۇسرەت بېرىشكە قادىر بولغان زاتتىن سورىشى لازىم، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالادۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَتَىٰ نَصْرُ اللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟.

2-پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەرنىڭ پرىنسىپى پەيغەمبەرلەرنىڭ پىرىنسىپىدۇر، ئۇلار پەيغەمبەر دېگەن سۆزنى دەيدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: ئاللاھنىڭ(بىزگە ۋەدە قىلغان)ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟ دېگەن ئىدى. غەلبىگە ئالدىرىغانلىقىدىن ھەممىسى بۇ سۆزنى دېيىشەتتى.

3-ئاللاھ تائالانىڭ كامالى قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّـهِ قَرِيبٌ﴾ تەرجىمىسى: بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر دېگەن سۆزىدۇر.

4-نۇسرەتنىڭ يېقىن بولىشى بىلەن بىرگە، مەلۇم ۋاقىت ئۇلاردىن ياردەمنى چەكلەپ قويۇشمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىدىندۇر.

5-ئاللاھ يولىدا ئۇچرىغان بالا-مۇسىيبەتلەرگە سەبىر قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. چۈنكى ئايەتنىڭ مەنىسى: "جەننەتكە كىرگۈچە سەبىر قىلىڭلار" دېگەن بولىدۇ.

6-مۆمىنلەرنى غەلىبە بىلەن خۇرسەن قىلىپ، دۈشمەن بىلەن بولغان جىھادنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق كۆرسىتىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن خوش-خەۋەر بېرىش. [بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى 3/42].

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان نۇسرىتى، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئويلىغان ۋە مۆمىن دەپ جار سالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بولاۋەرمەستىن، بەلكى بۇ نۇسرەت قەلبىگە ئىمان مۇستەھكەم ئورۇنلاشقان، ئەمەلىيىتىدە ئىسلام پرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ۋە ئىماننىڭ تەقەززاسى بىلەن ھايات كەچۈرگەن كىشىلەرگە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَعَدَ اللَّـهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ . وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. [سۈرە نۇر 55-56-ئايەت].

ئىمام ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئۇنىڭ ئۈممىتىنى زېمىنغا ھۆكۈمران قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى، يەنى ئىنسانلارنىڭ يېتەكچىسى، ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچى، ئۇلار ئارقىلىق دۆلەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزەش، بەندىلەرنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا شۇنداق قىلدى. ئاللاھ تائالاغا كۆپ مەدھىيىلەر بولسۇن! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا مەككە شەھىرىنى، خەيبەرنى، بەھرەيننى، ئەرەب يىرىم ئارىلىنىڭ قالغان تەرەپلىرىنى، يەممەننىڭ ھەممە قىسمىنى ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن پەتھى قىلىپ بەردى، ھەجەر مەجۇسىلىرى ۋە شامنىڭ بەزى تەرەپلىرىدىكى مەجۇسىلاردىن جىزيە ئالدى، رۇم پادىشاھى ھىرەقلى، مىسىر ۋە ئىسكەندىريەنىڭ ۋالىيسى مىقەۋقەس، ئۇمماننىڭ پادىشاھى، ھەبەشىستاننىڭ ئەسھەمەدىن كىيىنكى پادىشاھى نەجاشىي قاتارلىقلارنى دىنغا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتتى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىكى ئىززەت-ھۆرمەت، شان-شەرەپكە تاللاپ، ۋاپات تاپقۇزغاندىن كىيىن، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىز باسار خەلىپە بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇردى". [تەپسىر ئىبنى كەسىر 6-توم 77-بەت].

شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغىنى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان ئەڭ سەمىمى، راست ۋەدە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەت ئىچىدە ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان سالىھ كىشىلەرنى زېمىنغا ئىز باسار قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. ئۇلار زېمىندا ئىزباسار-خەلىپە بولىدۇ، زېمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلغان، ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئۆزى رازى بولۇپ تاللىغان ئىسلام دىنىنى زېمىندا مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىسلام دىنى بۇ ئۈممەتنىڭ پەزلى، شان-شەرىپى شۇنداقلا ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن كاتتا نېمەتتۇر. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى مۇستەھكەملەپ ماددى-مەنىۋىي تەرەپتىن ئۆزىدە ۋە باشقىلار ئارىسىدا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى باشقا دىنىدىكىلەر ۋە كاپىرلار خارلىق-ئازغۇنلۇقتىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بەردى، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايتتى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلەپ ئازار-كۈلپەتلىرىگە ئۇچراپ تۇراتتى. مۇسۇلمانلار گۇرۇھى زېمىندىكى باشقا گۇرۇھلارغا نىسبەتەن بەك ئاز ئىدى. بارچە گۇرۇھلار بىردەك ئۇلارغا قارشى تۇرغان ئىدى.

ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا يەنى مۇسۇلمانلارغا يۇقىرىقى ئىشلارنى ۋەدە قىلدى، گەرچە ئۇلار زېمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش، دىننى مۇستەھكەم قىلىش، تولۇق ئامانلىق بەرپا قىلىش، ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن پەقەت بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ بىر مەخلۇقتىن قورقماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى تولۇق كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈممەتنىڭ ئەۋۋىلىدىكى كىشىلەر ئاللاھقا چىن ئىشىنىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى تولۇق بەرپا قىلىش ئارقىلىق پەزىلەتتە باشقىلاردىن ئىلگىرىلەپ كەتتى. ئۇلار زېمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، دۇنيانىڭ شەرق-غەرب تەرەپلىرىدىن نۇرغۇن جاينى پەتھى قىلدى، دىن مۇستەھكەملەندى، تولۇق ئامانلىق بەرپا بولدى. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان ئاجايىپ مۆجىزىلەردىندۇر. مۇسۇلمانلار ھەر قاچان ئاللاھ تائالاغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، قىيامەتكىچە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرىدۇ. ئەمما بەزى دۆلەت-رايونلاردا كاپىرلار-مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ۋە زۇلۇم قىلىشى، مۇسۇلمانلاردىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ تولۇق بەرپا بولماسلىقىدىن ئىبارەتتۇر". تۈگىدى. [تەپسىر سەئدىي 573-بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن شەيخ شەنقىيتىنىڭ "ئەدۋائۇل بايان 6-توم 36-بەتكە، ئىمام شەۋكانىينىڭ "پەتھۇل قەدىر 4-توم 69-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئۈچىنچى: ئۆز رەببىگە بولغان ئىماندا راستچىل بولغان كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى تۇرغۇزغۇچى كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوچۇق دالالەت قىلىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھ تائالا زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ، ئۇلار غەلىبە-نۇسرەت بېرىش بىلەن ۋەدە قىلىنغان كىشىلەردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:الَّذِينَ إِن مَّكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنكَرِ ۗ وَلِلَّـهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ. [سۈرە ھەج 41-ئايەت].

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ئاتا قىلىدىغان نۇسرىتى توغرىسىدىكى ئايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: الَّذِينَ إِن مَّكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنكَرِ ۗ وَلِلَّـهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ. [سۈرە ھەج 41-ئايەت]. بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ۋەدە قىلغان نۇسرىتىنىڭ، ئۇلار نامازنى بەرپا قىلغاندا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرگەندە، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندا ھاسىل بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

ئەمما ھازىر كىشىلەرنىڭ نامازنى بەرپا قىلماستىن، پۇل-مېلىنىڭ زاكىتىنى چىقارماي، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىمەي (يەنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە ئىلىپ چىقماستىن) زېمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى، ئۆزلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشى قاتارلىقلار گەرچە ئۇلار ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولسىمۇ ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن ياردەم ئەمەس، ئاللاھ تائالا ئۇ تۈردىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلمىدى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغان گۇرۇھلاردىن ئەمەس، شۇنداقلا ئۇلار ئاللاھ تائالا ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئاللاھنىڭ يېقىن كىشىلىرىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلار شەيتاننىڭ دوستلىرى ۋە يېقىنلىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار شۇ ھالىتى بىلەن ئاللاھ تائالادىن نۇسرەت سورىسا، بۇ خۇددى مەلۇم خىزمەتنى ئادا قىلىشنى دىيىشىپ، خىزمەتنى ئورۇنلىماستىن ھەق تەلەپ قىلغان كىشىگە ئوخشاپ قالغانلىقتۇر. بۇ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس.

يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئالدىدىكى ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّـهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌتەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر ئايەتتىكى: عَزِيزٌ دېگەن سۈپەتتىن؛ئاللاھ تائالا غالىبتۇر، ئاللاھ تائالاغا غالىب كىلىشتە تەڭداشسىز دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئەرەب تىلىدىكى شاھىتلىرىنى تەكرار بايان قىلدۇق.

بۇ ئايەت ئىز باسار خەلىپىلەرنىڭ خىلاپىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بەردى، ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەردى، نامازنى بەرپا قىلدى، زاكاتنى ئادا قىلدى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىدى، مانا بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق دىننى تۇرغۇزدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَدَ اللَّـهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا تەرجىمىسى: ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى. [سۈرە نۇر 55-ئايەت]. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ۋە قىيامەتكىچە ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. توغرىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلگۈچىدۇر". تۈگىدى. [ئەدۋائۇل بايان 5-توم 272-بەت].

تۆتىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەردىن باشقا يەنە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى كېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ بىلىش زۆرۈر بولىدۇ. نۇسرەتنىڭ كېلىشى ئۈچۈن سەۋەب قىلماستىنلاتەلەپ قىلىش بولسا، شەرىئەتكە ۋە ئەقىلگە زىت كېلىدۇ.

شەيخ سەئىيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھەب ئەلقەھتانىي مۇنداق دەيدۇ:"ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمىزكى، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلار مۇشۇ سەۋەبلەرنى تولۇق ئەمەلىلەشتۈرگەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.بۇ سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىرى:

1-ئىماندا چىن بولۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَدَ اللَّـهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَتەرجىمىسى:ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. [سۈرە نۇر 55-ئايەت].

2-ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش. غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى: مۇسۇلمان ئۆز ئېتىقادى، سۆزى ۋە ئىش- ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈندۈلىك تۇرمۇشىدا شەرىئەتنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش،كىشىلەرنى ئىسلام دىنغا دەۋەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّـهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ . وَالَّذِينَ كَفَرُوا فَتَعْسًا لَّهُمْ وَأَضَلَّ أَعْمَالَهُمْتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ. كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ. [سۈرە مۇھەممەد 7-8-ئايەتلەر].

3-ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىش. كۈچ-قۇۋۋەت تەييارلاش بىلەن بىرلىكتە ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش بولسا، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنىڭ كىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّـهِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ تەرجىمىسى: بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. [سۈرە ئال-ئىمران 159-ئايەت].

ئاللاھ تائالا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۇتۇش زۆرۈردۇر، چۈنكى تەۋەككۇل قىلىش ئىككى چوڭ ئاساسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالاغا تايىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ غەلىبە-نۇسرەت بېرىشتىن ئىبارەت ۋەدىسىگە تولۇق ئىشەنچ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىككىنچى: شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان سەۋەبلەرنى تۇتۇش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَعِدُّوا لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّـهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّـهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّـهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ تەرجىمىسى: دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ). [سۈرە ئەنپال 60-ئايەت].

4-ئىسلام قوشۇنى تەشكىللەش ئۈچۈن رەھبەرلەر ئۆز-ئارا مەسلىھەت قىلىش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەقىل-پاراسەتلىك، توغرا كۆز-قاراش ساھىبى تۇرۇپمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ساھابىلىرىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەسلىھەت قىلىپ ئىش ئىلىپ باراتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَمْرُهُمْ شُورَىٰ بَيْنَهُمْ تەرجىمىسى: ئۇلار ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلاردۇر. [سۈرە شۇرا 38-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

5-دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرۇش. غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى: دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا تەۋرەنمەسلىك، سەپنى بۇزۇپ قېچىپ كەتمەسلىكتۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئى ئىنسانلار! دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلماڭلار، ئاللاھ تائالادىن ئاپىيەت (خاتىرجەملىك ۋە سالامەتچىلىك) سوراڭلار، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا سەۋىرچان بولۇڭلار، بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن جەننەت قىلىچلارنىڭ سايىسى ئاستىدىدۇر. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

6-جەڭگىۋارلىق ۋە شىجائەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق. غەلىبىنىڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورۇقماسلىقتۇر. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، جىھاد قىلىش ئۆلۈمنى كېچىكتۈرمەيدۇ ياكى ئىلگىرى قىلمايدۇ (يەنى ئىنساننىڭ ئەجىلى توشقاندا قەيەردە بولۇشتىن قەتئى نەزەر ۋاپات بولىدۇ). بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:أَيْنَمَا تَكُونُوا يُدْرِككُّمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنتُمْ فِي بُرُوجٍ مُّشَيَّدَةٍ تەرجىمىسى: قەيەردە بولماڭلار، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. [سۈرە نىسا 78-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

7- دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىش.غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە كاتتا مەنىۋىي ئامىللىرىنىڭ بىرى: ئاللاھ تائالادىن ئۈزۈلدۈرمەي ياردەم سوراش، ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلىشتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا كۈچ-قۇدرەتتە چەكسىزدۇر، ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە ياردەم بېرىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇب قىلىشقا قادىردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ﴾تەرجىمىسى: مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىماننىڭ تەقەززاسى بىلەن ياشىسۇن). [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت].

8-ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش. ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش بولسا، ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يُطِعِ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ وَيَخْشَ اللَّـهَ وَيَتَّقْهِ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. [سۈرە نۇر 52-ئايەت].

9-بىرلىك تۇرغۇزۇش ۋە ئىختىلاپ قىلىشماسلىق. غەلىبە-نۇسرەتنىڭ ئامىللىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مۇجاھىدلارنىڭ بىرلىشىشى،بارچە ئىشلاردا ھەرۋاقىت ئاللاھ تائالاغا تايىنىپ، ئىختىلاپ ۋە بۆلۈنۈشكەسەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَأَطِيعُوا اللَّـهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ ۖ وَاصْبِرُوا ۚ إِنَّ اللَّـهَ مَعَ الصَّابِرِينَ تەرجىمىسى: پۈتۈن سۆز ھەرىكەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ- قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ، سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. [سۈرە ئەنپال 46-ئايەت].

10-سەبىر قىلىش ۋە سەۋىرچان بولۇش. ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە سەبىر قىلىش مۇھىمدۇر. بولۇپمۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇشلاردادۇشمەندىن غالىپ كەلگۈچە قەدەر سەۋىرچان بولۇش بەك مۇھىمدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّـهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! تائەت- ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار. [سۈرە ئال-ئىمران 200-ئايەت].

11-ئاللاھقا سەمىمىي بولۇش. ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى ياكى قايتقۇچىدا سەمىمىي ئىخلاس بولمايدىكەن، ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ خَرَجُوا مِن دِيَارِهِم بَطَرًا وَرِئَاءَ النَّاسِ تەرجىمىسى: يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار. [سۈرە ئەنپال 47-ئايەت].

12-ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋابقا رىغبەتلىنىش. دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان سەۋەبلەردىن يەنە بىرى، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتىنى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتنى تاما قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

13-قوماندانلىقنى ئىمانلىق، سالىھ كىشىلەرگە تاپشۇرۇش. غەلبىنىڭ سەۋەپلىرىدىن: چوڭ-كىچىك قوشۇنلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوماندانلىققا ئىمانى كامىل، ياخشى ئەمەللەر بىلەن تونۇلغان پەزىلەتلىك كىشىلەرنى بېكىتىش، ئاندىن قالسا مۇجاھىدلار ئىچىدىكى ياخشى سۈپەتلىك كىشىلەرنى تاللاش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّـهِ أَتْقَاكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌتەرجىمىسى: ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].

14-ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ چۈشۈشى، مەغلۇبىيەت، ھالاكەتتىن قۇتۇلىدىغان مۇستەھكەم قورغانلار بىلەن مۇداپىئەلىنىش كېرەك. بۇ ئىشلار تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە نۇقتىغا ئىخچاملاپ بايان قىلىمىز:

بىرىنچى: چوڭ-كىچىك بارلىق گۇناھ-خاتالىقلاردىن تەۋبە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى شەرتلەر تولۇق بولمىغان تەۋبىنى قوبۇل قىلمايدۇ: بارلىق گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈش، ئۇ گۇناھقا ئىككىنچى قەدەم باسماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش، ئىلگىرى قىلغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر گۇناھ-خاتالىق كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولسا، يۇقىرىقى ئۈچ شەرتتىن باشقا تۆتىنچى شەرت، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىپ، مۇمكىن بولسائۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش كېرەك.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ساغلام رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىش. تەقۋادارلىق بولسا بەندە بىلەن رەب ئارىسىدىكى قالقان بولۇپ، بەندە ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋادارلىقى ئارقىلىق، ئۆزى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى ۋە غەزىپىنىڭ ئارىسىغا توسانچە قىلىدۇ.

ئۈچىنچى: بارلىق پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە نەپلە ئەمەللەرنىمۇ تولۇق ئادا قىلىش.

تۆتىنچى: ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش.

بەشىنچى: ئېتىقاد، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش.

ئالتىنچى: ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ۋە ھاجەتلىرىنى ئۇنىڭدىن يېلىنىپ تۇرۇپ سوراش. تۈگىدى.

شەيخ سەئىيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھەب ئەلقەھتانىينىڭ: "ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى، مەرتىۋىسى، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى" ناملىق ئەسەرنىڭ (21-30) بەتلىرىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى