سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىسلام دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

10446

تارقاتقان ۋاقىت : 15-12-2014

كۆرگۈچىلەر : 4527

سۇئال

ئىسلام دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

لۇغەت ۋە قامۇسلارغا قارىسىڭىز ئىسلام دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىپ يىتىسىز.

ئىسلام كەلىمىسى: بويسۇنۇش، باش ئېگىش، تەسلىم بولۇش، بۇيرۇغۇچىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش، چەكلىگەن ئىشلىرىدىن ئېتىرازسىز يېنىش، ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس قىلىش، (قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق) بەرگەن خەۋەرلىرىنى تەستىقلاش، ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئۇقۇملارنى بىرىدۇ. شۇنداقلا، ئىسلام سۆزى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلىپ كەلگەن دىننىڭ بەلگىسىدۇر.

نېمە ئۈچۈن دىن "ئىسلام" دەپ ئاتىلىدۇ؟ دېيىلسە، يەر شارىدا بار بولغان بارلىق دىنلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر شەخسكە نىسبەت بېرىلسۇن ياكى مەلۇم بىر ئۈممەتكە نىسبەت بېرىلسۇن ئوخشاشلا ئۆز ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ناسارا دىنىنىڭ(خرىستىئان دىنى) ئاتىلىشى ناسارا دېگەن سۆزدىن ئىلىنغان. بۇددىست(بوزې)دىننىڭ ئاتىلىشى ئۇ دىننى ئاشكارا قىلغۇچى(بوزا)نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. زەردۇشت دىنى زەرادەشتىيە دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغان بولۇپ، بۇ دىننى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىگە نىسبەت بىرىلگەن. شۇنىڭدەك يەھۇدىي دىنىمۇ بەنىئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىكى يەھۇزا قەبىلىسىدىن ئاشكارا بولغان بولۇپ، يەھۇدىيە ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئەمما ئىسلام دىنى بولسا مەلۇم بىر شەخسكە ياكى مەلۇم بىر ئۈممەتكە نىسبەت بېرىلمەستىن بەلكى بۇ سۆز "ئىسلام" كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاس سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىسىمدىن شۇ ئاشكارا بولىدۇكى، ئىسلام دىنى مەلۇم بىرەر كىشى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنمىغانلىقى ياكى ئىنسانىيەت ئارىسىدىن مەلۇم بىرەر ئۈممەت ئۈچۈن خاس ئەمەسلىكى بەلكى بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىقى چېكىزېمىندىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىسلام دېگەن سۈپەت بىلەن زىننەتلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. مانا بۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ھەر بىر ئىنسان مەيلى ئىلگىرى ئۆتكەن بولسۇن ياكى ياشاۋاتقان بولسۇن مۇسۇلمان دېگەن ئىسىم بىلەن شەرەپلەندۇرۇلىدۇ. شۇنىڭدەك مەزكۇر سۈپەت بىلەن زىننەتلەنگەن ھەر بىر كىشى كەلگۈسىدىمۇ مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاللاھھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: www.islamqa.com