جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ياشاشتىن بىزار بولۇپ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش ھەققىدە

سۇئال

بىر كىشى ھاياتلىقتىن بەك بىزار بولۇپ ياخشىلىق ئۈمىت قىلىپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ ئۆلۈم تىلىسە توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇنيادىن بىزار بولۇپ ئاللاھ تەرەپتىن كىلىدىغان ياخشىلىق ۋە خۇرسەنلىكتىن ئۈمىدسىزلىنىش توغرا ئەمەس. ئاللاھنىڭ تەقدىر بەلگىلىمىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەبرى قىلىش، دۈچكەلگەن بالا-مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئاللاھ دىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش، بۇنى ئاسانلاشتۇرۇشنى ئىلتىجا قىلىش، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم سوراش ۋە ئاللاھنىڭ ئاسانلاشتۇرۇشىنى كۈتۈش كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار، مۇسۇلمان مەلۇم كېسەللىك ياكى باشقا ھادىسىلەرگە دۈچ كەلگەندە ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىشى توغرا ئەمەس. بۇ ھەقتە بۇخارىي-مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ئەگەر بەك ئارزۇ قىلىشنى خالىسا، "ئى ئاللاھ! مەن ئۈچۈن ھاياتلىق ياخشى بولسا مىنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر مەن ئۈچۈن ئۆلۈم ياخشى بولسا مىنى ۋاپات قىلدۇرغىن" دېسۇن.
بۇ ھەدىستە، ھەممە ئىشنى ئاللاھغا تاپشۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش ئىپادىلىنىدۇ. مۇسۇلمان بۇ دۇنيادا دۈچ كەلگەن بالا-مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئۆچ كۆرمەي سەبىر قىلىپ ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىت قىلسا، ئۇنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، قەلبى غەپلەتتىن ئويغىنىدۇ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىبرەت بولىدۇ.
توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئال-شەيخ
شەيخ سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەلپەۋزان
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 398-بەت

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى