جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تۇرالغۇ جاي قىلىش ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ

105452

تارقاتقان ۋاقىت : 31-08-2014

كۆرگۈچىلەر : 2887

سۇئال

مەن ئايالىم بىلەن يەمەندە ياشايمەن، ھازىرغىچە يۇرتۇمدا ئۆي سىتىۋالالمىدىم، مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادىم بار، ھازىرغىچە ھەج قىلمىدىم، يېنىمدا ئىقتىساد بار ۋاقىتتا تىزدىن ھەج قىلىۋېلىشىم كېرەكمۇ ياكى ئالدى بىلەن ئۆي سېتىۋېلىپ، كىيىن ئىقتىسادقا ئىگە بولغاندا ھەج قىلساممۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا پەرز ھەجنى ھەج قىلىشقا شەرت-شارائىتلىرى تولۇقلانغان كىشىلەرگە پەرز قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًاتەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. [سۈرە ئال-ئىمران97-ئايەت]. يەنى ھەجگە بېرىپ قايتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىنىڭ ھەجگە بېرىپ كېلىشىگە يەتكۈدەك، شۇنداقلا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىراجەتلىرىگە يېتىپ ئاشقىدەك مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادقا ئىگە بولغان بولىشى كېرەك.

مادامىكى قولۇڭلاردىكى مەبلەغ سىلەرنىڭ تۇرالغۇ جاي سىتىۋېلىشتىن ئىبارەت زۆرۈر بولغان ئېھتىياجىڭلارغا يېتەرلىك بولمايدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئۆزۈڭلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىڭلاردىن ئېشىنمىغۇچە قەدەر سىلەرگە ھەج پەرز بولمايدۇ. زۆرۈر ئېھتىياجلىرىڭلاردىن ئېشىنغاندىن كىيىن، شۇنداقلا، تۇرالغۇ جاي سىتىۋېلىشىڭلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ نەپىقىسى ۋە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە نەپىقىسىنى بېرىش ۋاجىپ بولغان كىشىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئوشۇنغاندىن كىيىن ھەج قىلساڭلار بولىدۇ، بولمىسا سىلەرگە ھەج پەرز بولمايدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى