سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆپكە تۇبىركىليۇز كېسىلى سەۋەبلىك روزا تۇتالمايدىغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

   بىر كىشى ئۈچ يىلدىن بىرى ئۆپكە تۇبىركىليۇز كېسىلى بولۇپ، ئىككى نەپەر مۇسۇلمان دوختۇر ئۇ كىشىنىڭ بۇ كېسەل سەۋەبىدىن روزا تۇتالمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان، بۇ كىشىنىڭ رامزاندا روزا تۇتماسلىقى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   "ئىككى مۇسۇلمان دوختۇر بۇ كېسەللىك بىلەن روزا تۇتسا بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان بولسا، ئۇ كىشى روزا تۇتماي، ئاللاھ خالىسا، بۇ كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ". ["شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالىرى" 4-توم 181-182-بەت].

   ئەگەر ساقايغاندىن كېيىنمۇ يەنە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ كىشى ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى