سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قىزچاق بالاغەتكە يەتكەن بولسىمۇ روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمەيدۇ

سۇئال

قىز بالا ئون بىر ياشتا ئادەت كۆرۈپ بالاغەتكە يەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا روزا تۇتۇش پەرز بولامدۇ؟، سالامەتلىك ئەھۋالى بەك ناچار بولۇپ، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ، قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىش سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، ئۇ قىزچاقنىڭ روزا تۇتىشى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ھەيز بولسا قىزلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر، ئەگەر ئەڭ تۆۋەن ياش توققۇز ياشتا ئادەت كۆرۈپ قالسىمۇ بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىسا شۇ ۋاقىتتا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتالمىسا ياكى روزا تۇتۇشتا بەك قىيلىنىپ قالسا، روزىنى بۇزىۋىتىدۇ، كىيىن تۇتالمىغان كۈنلىرىنى ھېسابلاپ شۇ بويىچە قازا روزىسىنى تۇتىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى