جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بەزى جامائەتلەر تاۋاپ قىلغاندا ئاياللارنى ئوتتۇرىغا ئىلىپ تاۋاپ قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كەبە بەزىلەرنىڭ سول تەرىپىدە بولۇپ قالىدۇ بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟

سۇئال

   بەزى جامائەتلەر تاۋاپ قىلغاندا بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ھالقا شەكىلدە بولۇپ ئاياللارنى ئوتتۇرىغا ئىلىپ تاۋاپ قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كەبە بەزى كىشىلەرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، بەزى كىشىلەرنىڭ گەردىنىگە بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ھالەتتە تاۋاپ قىلسا توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بۇ بىر تەرەپتىن خەتەرلىك، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئىشتۇر، ئەمما كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشى:  ئۇلار تاۋاپقا بۇ شەكىلدە توپلىشىپ كەلسە كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ، كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ھالەتتە تاۋاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئەمما بۇنىڭ خەتىرىگە كەلسەك:  سوئال سورۇغۇچى ئېيتقاندەك، بەزىلىرى كەبىگە دۈمبىسىنى قىلغان ھالەتتە تاۋاپ قىلسا، يەنە بەزىلىرى كەبىگە يۈزلەنگەن ھالەتتە تاۋاپ قىلىدۇ، تاۋاپتا كەبىنى سول تەرىپىگە قىلىپ مېڭىش شەرت بولىدۇ، كەبىگە كەينىنى قىلىپ ياكى ئوڭ تەرىپىنى قىلىپ ياكى يۈزلەنگەن ھالەتتە تاۋاپ قىلسا، بۇ شەكىلدە قىلغان تاۋاپ توغرا بولمايدۇ".  ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  22 -توم 287 -288-بەتلەر].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى