جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېھرام كىيگەن كىشىنىڭ يۇيۇنىشى ۋە ئېھرام كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشى توغرىسىدا

سۇئال

ئېھرام كىيگەن كىشىنىڭ يۇيۇنىشى ۋە ئېھرام كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشى توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئېھرام كىيگەن كىشىنىڭ پاكىزلىنىش ئۈچۈن يۇيۇنىشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېھراملىق ھالەتتە يۇيۇنغانلىقى ئىسپاتلانغان. شۇنداقلا كىيگەن ئېھراملىقنى ئۇنىڭدىن پاكىزىرەك ۋە يېڭىراقىغا ئالماشتۇرۇپ كىيىشى توغرا بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھاۋا سوۋۇتقۇچ قاتارلىق راھەتلىنىدىغان نەرسىلەردىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ".

["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"22-توم 144-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى