پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون ئارقىلىق قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرتمۇ؟

سۇئال

بەزى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلاردا قۇرئان كەرىم پىروگراممىلىرى بار، ئىنسان خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون ئېكرانى ئارقىلىق قۇرئان كەرىم بەتلىرىنى ئېچىپ ئوقۇيالايدۇ، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئىلىش كېرەكمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

قۇرئان كەرىمنىڭ خەتلىك ياكى ئاۋازلىق پىروگراملىلىرى چۈشۈرۈلگەن تېلېفونلارغا قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەزكۇر تېلېفوننى تەرەتسىز تۇتسا ياكى ھاجەتخانىغا ئىلىپ كىرسە دۇرۇس بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ تېلېفونغا چۈشۈرۈلگەن يازما شەكلى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىگە يېزىلغان ئەسلى يازما خەت شەكلى ئەمەس. چۈنكى، تېلېفۇندىكى قۇرئان كەرىم پىروگراممىسى تېلېفوندا دائىم قالمايدۇ، پىروگرامما يۇيۇلسا ياكى بۇزۇلسا ئۇمۇ يوقىلىدۇ. شۇنداقلا تېلېفۇندا قۇرئان كەرىمدىن باشقا نۇرغۇن پىروگراممىلار بولىدۇ.

شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكتىن: تېلېفوندا تەرەتسىز قۇرئان ئوقۇش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمنى ياد ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرت ئەمەس، ھەتتا غۇسلى قىلىشى زۆرۈر بولغان كىشىمۇ يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى قۇرئان ئايەتلىرىنى ياد ئوقۇسا بولىدۇ. ئەمما قۇرئاننى ياد ئوقۇغاندىمۇ تاھارەت بىلەن تىلاۋەت قىلىش ئەۋزەل. چۈنكى ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى، قۇرئاننى تاھارەت بىلەن تىلاۋەت قىلغاندا، ئۇنى كامىل ئۇلۇغلىغان بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمنى تۇتۇپ ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان مەشھۇر ھەدىسلەردە: قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك كىشى تۇتسۇن دېيىلگەن. بۇ توغرىدا ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىنمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەر بايان قىلىنغان. شۇنىڭغا ئاساسەن جۇمھۇر ئۆلىمالار، تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشى ياكى تۇتۇشىنى چەكلىگەن يەنى ھارام دېگەن قاراشتا بولغان.

شۇنىڭغا ئاساسەن تېلېفون ياكى باشقا قۇرئان كەرىم پىروگراممىلىرى چۈشۈرۈلگەن ئۈسكۈنىلەرگە قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىم ھەرپلىرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك ۋە ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىك قاتارلىق تەرەپلىرى بۇ ئۈسكۈنىلەردىكى خەت شەكلىگە ئوخشىمايدۇ. بەلكى بۇ ئۈسكۈنىلەردە ھەرپلەرنىڭ خەت شەكلى قۇرئاندا ئوقۇلغاندەك بولماستىن بەلكى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاندا ئېكراندا ئاشكارا بولىدۇ، باشقا پىروگراممىغا يۆتكەلگەندە خەت شەكلى يوقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇرئان كەرىم پىراگراممىلىرى چۈشۈرۈلگەن تېلېفون ياكى لىنتا قاتارلىق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولغان نەرسىلەرنى تاھارەتسىز تۇتسا ياكى ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. [نۇرۇل ئىسلام توربېكىتى]

شەيخ سالىھ ئىبنى ئەلفەۋزان جانابلىرىدىن بىر كىشى: مەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا بەك ھېرىسمەن، ئادەتتە مەسچىتكە بۇرۇن كىرىمەن، مېنىڭ قولۇمدا قۇرئان كەرىم پىروگراممىلىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون بار، بەزى ۋاقىتتا تاھارەت ئالمايلا تېلېفوندا بىر قانچە سۈرە ياكى بىرەر پارە قۇرئان ئوقۇۋاتىمەن، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئىلىش كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئومۇملىشىۋاتقان باياشاتلىق ۋە راھەت پاراغەتنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئاللاھغا مەدھىيىلەر بولسۇنكى، مەسچىتلەردە ئېسىل ۋە سۈپەتلىك بېسىلغان قۇرئان كەرىم ناھايىتى يېتەرلىك، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇشقا ھاجەت بولمايدۇ. لېكىن تېلېفون ئارقىلىق قۇرئان ئوقۇشنى، قۇرئاننىڭ ئۆزىدىن تىلاۋەت قىلغاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ دەپ قارىمايمىز. قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك كىشىلا تۇتسۇن، دېگەن ھەدىستە بايان قىلىنغاندەكقۇرئاننى تەرەتسىز كىشى تۇتسا بولمايدۇ. ئەمما قۇرئان قاچىلانغان تېلېفون مۇسھەف دېيىلمەيدۇ. (يەنى قۇرئان دېيىلمەيدۇ) تۈگىدى.

تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇش ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قالغان خانىم-قىزلار، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قېيىن بولغان كىشىلەر ياكى تەرەت ئىلىش قىيىن بولغان ئورۇنلاردىكىكىشىلەر ئۈچۈن بىر ئاسانلىقتۇر. خۇلاسە: يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرت ئەمەس.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى