سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كەھف سۈرىسى جۈمە كۈنى قايسى ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ؟

سۇئال

جۈمە كۈنى كەھف سۈرىسىنى قايسى ۋاقىتتا ئوقۇساق سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ؟، بامدات نامىزىدىن كېيىن جۈمە نامىزىغا بارىدىغان ۋاقىتقىچە ئوقۇساق بولامدۇ؟ ياكى جۈمە كۈنى قايسى ۋاقىتتا ئوقۇساق ئوخشاشمۇ؟، جۈمە كۈنىدە ئال-ئىمران سۈرىسى ئوقۇش سۈننەتمۇ؟، ئەگەر سۈننەت بولسا قايسى ۋاقىتتا ئوقۇيمىز؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

جۈمە كۈنىدە ياكى جۈمە كېچىسىدە كەھف سۈرىسى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان:

ئا- ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى جۈمە كېچىسى كەھف سۈرىسىنى تىلاۋەت قىلسا، ئۆزى بىلەن كەبە ئارىسى ئۇزۇنلىقىدا نۇردىن يورۇقلۇق ئاتا قىلىنىدۇ. [ھاكىم ۋە بەيھەقى رىۋايىتى. دارىمىي رىۋايىتى3407-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ ناملىق ئەسىرىدە 6471-ھەدىستە سەھىھ دېگەن].

ب- ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى جۈمە كۈنى كەھف سۈرىسىنى ئوقۇسا، ئىككى جۈمە ئارىسىدا ئۇنىڭغا نۇردىن يورۇقلۇق ئاتا قىلىنىدۇ. [ھاكىم رىۋايىتى (2399). بەيھەقىي رىۋايىتى (3249)].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "تەخرىيجۇل ئەزكار" ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى"ھەسەن" ھەدىس دېيىش بىلەن بىرگە، كەھف سۈرىسى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن ئەڭ كۈچلۈك ھەدىس دېگەن. [پەيزۇل قەدىر ناملىق ئەسەر 6-توم 198-بەتكە قارالسۇن]. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسىرىدە 6470 -نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن.

ج- ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى جۈمە كۈنىدە كەھف سۈرىسىنى ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن، ئىككى تاپىنىنىڭ ئاستىدىن ئاسمان يۈزىگە سوزۇلغان بىر نۇر بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۈنىڭ ئۈچۈن پارلاپ نۇر چاچىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىككى جۈمە ئارىسىدىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [ئەلمۇنزىرى رەھىمەھۇللاھ: بۇ ھەدىسنى ئەبۇبەكرى ئىبنى مەردەۋەيھى تەپسىر كىتابىدا نورمال ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغاندەيدۇ. "ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىيب" ناملىق ئەسەر 1-توم 298-بەت].

جۈمە كۈنى كېچىدە ياكى كۈندۈزدە كەھف سۈرىسى ئوقۇش جۈمە كېچىسى يەنى پەيشەنبە كۈنى كەچ كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن باشلىنىپ، جۈمە كۈنى كەچ كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كەھف سۈرىسى ئوقۇش پەيشەنبە كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ جۈمە كۈنى كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقتا بولىدۇ.

ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "ئەمالىيە" ناملىق ئەسىرىدە كەھف سۈرىسى ئوقۇش بەزى رىۋايەتلەردە "جۈمە كۈنى كۈندۈزدە" يەنە بەزى رىۋايەتلەردە "جۈمە كېچىسىدە" دەپ كەلگەن، بۇ رىۋايەتلەرنى بىرلەشتۈرگەندە: جۈمە كۈندۈزىدىن كېچىسى، كېچىسىدىن كۈندۈزى مەقسەت قىلىنىدۇ. [پەيزۇل قەدىر 6-توم 199-بەت].

ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ: كەھف سۈرىسىنى جۈمە كۈنى كۈندۈزدە تىلاۋەت قىلىش ياخشى كۆرۈلگەندەك، جۈمە كېچىسىدىمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرۈلىدۇ، دەيدۇ. [پەيزۇل قەدىر 6-توم 198-بەت].

ئەمما جۈمە كۈنىدە ئال-ئىمران سۈرىسىنى ئوقۇش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى زەئىپ ياكى توقۇلما ھەدىستۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى جۈمە كۈنىدە ئال-ئىمران ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان سۈرىنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى كۈن ئولتۇرغىچە قەدەر رەھمەت ۋە مەغپىرەت يوللايدۇ. [بۇ ھەدىسنى تەبرانىي "ئەلمۈئجەم ئەلئەۋسەت" ناملىق ئەسىرى 6-توم 191-بەتتە، "ئەلمۈئجەم ئەلكەبىر" 11-توم 48-بەتتە، بۇ ھەدىس ناھايىتى زەئىپ ياكى توقۇلما دەپ بايان قىلغان].

ئىمام ھەيسەمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىسنى تەبرانىي "ئەلمۈئجەم ئەلئەۋسەت" ۋە "ئەلمۈئجەم ئەلكەبىر" ناملىق ئەسىرىدە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئىسنادىدىكى تەلھە ئىبنى زەيد ئەررۇقىي دېگەن كىشى بەك زەئىپ. ["مەجمۇئە ئەززەۋائىد" 2-توم 168-بەت].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: راۋىيلاردىن تەلھە بەك زەئىپ بولۇپ، ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق ھەدىسشۇناس ئالىملارمۇ تەلھەنى ھەدىس توقۇيدۇ دېگەن. [پەيزۇل قەدىر 6-توم 199-بەت].

شەيخ ئالبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى "زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسىرى 5759-نومۇرلۇق ھەدىستە توقۇلما ھەدىس دېگەن.

ئەتتىيەمى رەھىمەھۇللاھ "ئەتتەرغىيب" ناملىق ئەسەردە: جۈمە كېچىسىدە بەقەرە بىلەن ئال-ئىمران سۈرىسىنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن، يەتتە قات-زېمىن بىلەن يەتتە قات ئاسماننىڭ ئارىسى توشقىدەك ئەجىر بېرىلىدۇ، دېگەن ھەدىسنى بايان قىلغان بولۇپ، ئىمام مەناۋىي بۇ ھەدىسنى ناھايىتى زەئىپ ۋە غەرىپ دەپ ھۆكۆم قىلىدۇ [پەيزۇل قەدىر 6-توم 199-بەت].

ھەممىدىن توغرنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد