سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھالال ۋە ھارامنىڭ ئىنىقلىمىسى نىمە ؟

10887

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 13605

سۇئال

ھالال ۋە ھارامنىڭ ئىنىقلىمىسى نىمە ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ھارام بولسا ئۇنى قىلغۇچى جازالىنىدىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن ئاللاھ چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى تارىتقۇچى مۇكاپاتلىنىدىغان نەرسە . ھالال بولسا ئۇنى قىلسا گۇناھ بولمايدىغان ، شۇنىڭدەك ئۇنى قىلماسلىق بىلەن گۇناھ بولمايدىغان نەرسە ، بىراق بىر كىشى ئۇنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان ئىتائەتمەنلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلسا ، ئۇنداقتا بۇ نىيەت ئۈچۈن ئۇ مۇكاپاتلىنىدۇ .
بىر نەرسىنى ھالال قىلىش ۋە ھارام قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ھوقۇقى .خەلقلەر باركى ، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلىدۇ ، ھەمدە بەزى خەلقلەر باركى ، ئۇلار ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىدۇ . ۋە شۇنىڭدەك بەزى خەلقلەر ئاللاھ بەلگىلىمىگەن ئىبادەتلەرنى پەيدا قىلدى ھەمدە ئۇ چەكلەنگەنىدى . دىننىڭ ئاساسى پىرىنسىپى بولسا ، ھالال بولسا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى رۇخسەت قىلغان نەرسە ، ھەمدە ھارام بولسا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى چەكلىگەن نەرسە . دىن بولسا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بەلگىلىگەن نەرسە . ھىچكىمنىڭ ئاللاھ ئۆز ئەلچىسىگە ئەۋەتكەن توغرا يولنىڭ چەكلىمىلىرىدىن چىقىپ كىتىش ھوقۇقى يوق .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : بذمئنعث توغرا يولذمدذر،شذ يولدا مئثعثلار،نا توغرا يوللاردا ماثماثلار،ظذلار سعلةرنع الله نعث يولعدعن ظايرعؤئتعدذ،( الله نعث ظةمرعنع تذتذص دوزاختعن)ساقلعنعشعثلار ظىحىن،الله سعلةرضة بذ ظعشلارنع تةؤسعية قعلعدذ .
[ ئەنئام( چاھارپايلار) : 153 ]
ئاللاھ ئەنئام سۈرىسى ، ئەئېراف سۈرىسى ۋە باشقىلىرىدا ، ئاللاھ ئۇ سەۋەولىك مۇشرىكلارنى سۆككەن نەرسىلەرنى تىلغا ئالدى ، يەنى ئۇلار بەھىيرە ، سائىبەلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام قىلدى ؛ ھەمدە بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلىشتى ، ۋە ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان بىر دىننى بىكىتىشتى . شۇڭا ئاللاھ مۇنداق دىدى : ظذلارنعث اللة رذخسةت قعلمعغان نةرسعلةرنع دعن قعلعص بئكةتكةن مةبذدلعرع بارمذ؟
ھەمدە ئۇلار ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئىبادەتلەر قىلىۋىلىشتى ، مەسىلەن ، شىرىك قىلىش ، بۇزۇق ئىشلار ، مەسىلەن ، كەبىنىڭ ئەتراپىدا يالىڭاچ تاۋاپ قىلىش قاتارلىقلار .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد