سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كاپىر خوشنىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش كېرەكمۇ؟

109199

تارقاتقان ۋاقىت : 24-12-2019

كۆرگۈچىلەر : 4440

سۇئال

خوشنام كاپىر، ئۇنىڭ مەندىن تەلەپ قىلغان ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بۇ ئىش سىز ياشاۋاتقان يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ئۇ يەردە خوشنىلارئۆز-ئارا ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشىدىغان ئادەت بولسا، مىسالغا ئالساق: بىرسى بازارغا بارماقچى بولسا، خوشنىسى ئۇنىڭغا: ماڭا بازاردىن مۇنداق-مۇنداق نەرسە ئالغاچ كېلىڭ دەپ تەلەپ قىلسا، گەرچە خوشنىسى كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئالغاچ كەلسە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ خوشنىنى ھۆرمەتلەشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوشنىدارچىلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى، خوشنىسىنى ھۆرمەت قىلسۇن. [بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ بىرقىسمى].

ئەمما مەزكۇر يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە خوشنىلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدىغان ياكى ياردەملىشىدىغان ئىشلار بولمىسا، بۇ ۋاقىتتا ئىشنىڭ يۆلىنىشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرىدىن ئىلىندى.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى