سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھاجىلار ئۈچۈن ھاسىل بولىدىغان مەنپەئەتلەر نېمىلەردىن ئىبارەت؟

109233

تارقاتقان ۋاقىت : 06-10-2014

كۆرگۈچىلەر : 3249

سۇئال

ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھاجىلار ئۈچۈن ھاسىل بولىدىغان پايدا-مەنپەئەتلەر قايسى؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھاجىلار ماددى (دۇنيالىق) ۋە مەنىۋى (دىنى)، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىن نۇرغۇن پايدا-مەنپەئەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.

دىنى تەرەپتىن بولسا: ھاجىلار قاتنىشىدىغان ھەج پائالىيەتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار پائالىيەت جەريانىدا دىنى ئالىملارنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سەرپ قىلغان ئىقتىساد ئۈچۈن بۈيۈك ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ بۇ يولدا سەرپ قىلغان پۇل-ماللىرى ئاللاھ يولىدا قىلىنغان خەيرى ئېھساندۇر.

ئىجتىمائىي تەرەپتىن بولسا: ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھاجىلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئەھۋاللىشىپ، بىر-بىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىرىدىن، گۈزەل مۇئامىلىلىرىدىن، ئۆرنەك ئالىدۇ ۋە تەربىيىلىنىدۇ، ئەقلىنى ئىشلەتكەن كىشى ئازراق تەپەككۇر قىلسا بۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايدۇ.

دۇنيالىق تەرەپتىن بولسا: قاتناش ۋاستىلىرى، ياتاق قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىگىلىرى ئىجارە ۋە باشقا تەرەپلەردىن مەنپەئەتلىنىدۇ، ھاجىلار ھەج سەپىرىدە مەككىگە مال ئىلىپ كېلىدۇ، ھەجدىن يانغاندىن كىيىن يەنە مەككىدىن مال ئىلىپ يانىدۇ، شۇ ئارقىلىق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن پايدىلار ھاسىل بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لِّيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ تەرجىمىسى: كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن. [سۈرە ھەج 28-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئەپسۇس ھازىرقى ۋاقىتلاردا كۆپ ساندىكى ھەج قىلغۇچىلار ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھاسىل بولىدىغان بۇ چوڭ پايدىلاردىن مەنپەئەت ئالالمايۋاتىدۇ. ھەج گوياكى ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل بولمايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر-بىرى بىلەن يېقىنلىشىش، ئۈلپەتلىشىش ۋە دىنى بىلىملەرنى ئۈگىنىش تۇيغۇسى ئۆچكەن، بەلكى ئۇلارنىڭ بەزىسى ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر ھەج مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، بىلىمسىز ھاجىلارغا ئۆزىنىڭ باتىل ئېتىقاتلىرىغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن باتىل كۆزقاراشلار ئىپادىلەنگەن كىتاب-ماتېرىياللارنى تارقىتىدۇ، بۇ ئەھۋال كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. بۇ ھەجنىڭ ئەسلى يولغا قويۇلىشىدىكى مەقسەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلغۇچى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز:

بىرىنچى: ھەجنى خالىس نىيەت بىلەن پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ، جەننەت دىيارىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا قىلىش.

ئىككىنچى: ھەجنى ئادا قىلىشتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۆگىنىڭلار.[بەيھەقى رىۋايىتى].

ئۈچىنچى: مۇسۇلمانلار ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، يېقىنلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە دىنى قىيىنچىلىقلىرىنى ئۈگىنىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

تۆتىنچى: ھاجىلار پائالىيەت جەريانىدا، تاۋاپ قىلغاندا، سەئيى قىلغاندا، شەيتانلارغا تاش ئاتقاندا، ئەرەپات ۋە مۇزتەلىبىدىن قايتقان ۋاقىتلاردا بىر-بىرىگە مۇلايىم، مېھرىبان بولۇشى كېرەك.

بەشىنچى: ھەج پائالىيىتىنى تىنچ-خاتىرجەم ھۇزۇرى دىل بىلەن ئادا قىلىشقا تېرىشىش كېرەك، گوياكى ئەسكەرلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرمەسلىك لازىم. بۇنداق ئىشلار ھاجىلار شەيتانغا تاش ئاتقان ۋاقىتلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزى ھاجىلار ناھايىتى ئاچچىقلانغان، ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك ھالەتتە شەيتانغا تاش ئاتقىلى يۈزلىنىدۇ، شۇنداقلا، ئۇلار شەيتاننى تىللىدۇق دەپ، مۇشۇنداق ئۇلۇغ جايغا ھېچ مۇناسىپ كەلمەيدىغان ناچار سۆزلەرنى قىلىشىدۇ.

ئالتىنچى: پائالىيەت جەريانىدا كىشىلەرگە ئازار بولىدىغان ماددى ۋە مەنىۋى ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم. يوللارغا، كىشىلەرنىڭ ئولتۇرىدىغان ئورۇنلىرىغا ئەخلەت ۋە باشقا مەينەت نەرسىلەرنى تاشلىماسلىق كېرەك. شۇنداقلا جامائەت سورۇنلىرىدا تاماكا قاتارلىق سىېسىق پۇراقلىق چېكىملىكلەرنى چېكىپ، ئىس چىقىرىپ باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك كېرەك. چۈنكى تاماكا چىكىش ئېھرامدا ياكى باشقا ۋاقىتلاردىمۇ مۇتلەق ھارامدۇر. ئېھراملىق ھالەتتە ھارام ئىشنى قىلسا، قىلغان ھەج-ئۆمرىنىڭ ساۋابى ۋە پەزىلىتى ئازلايدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ تەرجىمىسى: بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. [سۈرە بەقەرە 197-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. تاماكا چىكىش ھارام بولۇپ، بۇنى داۋاملاشتۇرۇش چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئىنسان ھەج قىلىش جەريانىدا دىنى ۋە ئەخلاقى تەرەپتىن ئەڭ كامىل ھالەتتە بولسا، ئۇ كىشى مۇشۇ قىلغان ھەجنىڭ لەززىتىنى تاپىدۇ. تۈگىدى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى