سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ۋىدالىشىش تاۋاپى پەقەت ھەج پائالىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن دۇرۇس بولىدۇ

سۇئال

زۇلھەججە ئېيىنىڭ 12- كۈنى (يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 3-كۈنى) ئەتتىگەندە ھەرەمگە كىرىپ، ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلىپ، ئاندىن مىناغا قايتىپ شۇ كۈنلۈك تاشنى ئېتىپلا ئۆز يۇرتىغا سەپەر قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھەج پائالىيىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەمەل ۋىدالىشىش تاۋاپى بولۇپ، ھەج پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماي تۇرۇپ ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە، ئىنسانلارنىڭ ھەج پائالىيىتىدە قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىبادىتى كەبىنى تاۋاپ قىلىشتۇر،دەپ بايان قىلىغان. [بۇخارى رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇلرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى