پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەج قىلىش ئۈچۈن تىجارەت قىلىپ ئايلاندۇرىۋاتقان ئەسلى مالدىن ئېلىش كېرەكمۇ؟

109334

تارقاتقان ۋاقىت : 30-08-2013

كۆرگۈچىلەر : 2745

سۇئال

مەن تىجارەتچى، تىجارەتتىن قىلغان كىرىمىم ئائىلە-بالىلىرىمنىڭ خىراجىتىگە ئاران يېتىدۇ. ئەسلى مەبلەغدىن ئالمىسام ھەج قېلىشقا قادىر بولالمايمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئەسلى مال كېمىيىپ، كېرىم نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇ ئائىلە-بالىلىرىمنىڭ خىراجىتىگە يەتمەيدۇ، بۇنداق ھالەتتە ماڭا ھەج قىلىش پەرزمۇ؟ بۇ ھەققە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ھەج پەقەت قادىر بولالىغانلار ئۈچۈن پەرز بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا تەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. [ئال-ئىمران 97-ئايەت].

ئىقتىسادى تەرەپتىن قادىر بولۇشنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى ھەجدىن قايتىپ كەلگۈچە ئۆزى ۋە ئائىلە-بالىلىرىنىڭ خىراجىتىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادىنىڭ بولىشىدىن ئىبارەتتۇر. شۇنداقلا ھەجدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە-بالىلىرىنىڭ خىراجىتىگە يەتكىدەك بىر نەرسىنىڭ بولىشى كېرەكتۇر.مەسىلەن: يەر ياكى ئۆي ئىجارىسى ياكى ئايلىق ئىش ھەققى ياكى تىجارەت دېگەنگە ئوخشاش.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى، پايدىسىنى ئائىلە-بالىلىرىغا خىراجەت قىلىنىدىغان ئەسلى مەبلەغدىن ئىلىپھەج قىلسا، ئەسلى مەبلەغنىڭ كېمىيىشى بىلەن ئۇنىڭدىن كىلىدىغان پايدىمۇ كېمىيىپ، ئائىلە-بالىلىرىنىڭ خىراجىتى كەملەيدىغان ئىش بولسا، ئۇ كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇغنىي ناملىق ئەسىرىنىڭ 5- توم 12- بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىنىڭ ئۆزى ياكى ئائىلە-بالىلىرى ئولتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان زېمىن ياكى ئايلىق ئىجارىسى خىراجەت قىلىنىدىغان ئۆي ياكى تىجارەت ماللىرى بولۇپ، ئەسلى مەبلەغ ئىشلىتىلسە پايدىسى كېمىيىپ، ئائىلە بالىلىرىنىڭ خىراجىتىگە يېتىشمىسە، ئۇ كىشىگە ھەج قېلىش زۆرۈر ئەمەس".

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن مۇنداق سۇئال سورالغان: مەن مىسىرلىق، ئائىلە باشلىقى، ئائىلىدە ئايالىمۋە كىچىك ئىككى پەرزەنتىم بار، مىسىردا ئالىدىغان ئايلىق ئىش ھەققىم كۈندىلىك تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان ئائىلە خىراجىتىگە ئاران يېتىدۇ، مېنىڭ باشقا كىرىمىم يوق، مەن ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بىردە تۆت يىل ئىشلەپ بىر ئاز مال توپلىدىم، ھاياتى دۇنيانىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۇرمۇشىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە ئۇ پۇلنى ئىسلامى بانكىدا ئامانەت قويدۇم، ھازىر مېنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىم بىلەن بۇنىڭدىن كىرگەن قوشۇمچە كىرىم ئائىلىنىڭ ئوتتۇراھال تۇرمۇشىغا يېتىدۇ. مەن مۇشۇنداق شارائىتتا ھەج قېلىشىم كېرەكمۇ؟ ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەم مۇشۇ مالنى سەرپ قىلىشىم كېرەكمۇ؟، ئەگەر مەن بانكىدا قويغان ئەسلى پۇلدىن مەلۇم مىقداردا ئىلىپ ھەج قېلىش ئۈچۈن خىراجەت قىلسام، ئۇ ئائىلىنىڭ ئايلىق خىراجىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە مېنى ماددى جەھەتتىن چارچىتىپ قويىدۇ. مەن قانداق قېلىشىم كېرەك؟.

ئۇلار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولسا سىزدە شەرئى پرىنسىپتا بېكىتىلگەنھەج قېلىشقا قادىر بولۇش دېگەن شەرت تېپىلمايدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەج قىلىشقا قادىرئەمەس.بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا تەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍتەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە دىندا قىيىنچىلىق قىلمىدى. [سۈرە ھەج 78-ئايەت]

ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابى كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى(1135،36).

خۇلاسە: يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا، سىز ئۆزىڭىزدە بار بولغان پۇل-مالنى ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سەرپ قىلىشىڭىز زۆرۈر بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدا ھەج قېلىشىڭىز پەرز ئەمەس.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى