سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەج قىلىشنى خالايدۇ لېكىن ھەجنىڭ قائىدە ئەھكاملىرىنى بىلمەيدۇ

سۇئال

مەن ھەج قىلىشنى خالايمەن لېكىن ھەجنىڭ قائىدە ئەھكاملىرى توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيمەن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ھەج پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئۆگىنىشى ياكى ئىشەنچىلىك مەشھۇر ئالىملار تەرىپىدىن يېزىلغان ھەج قوللانمىسىنى پائالىيەت جەريانىدا ئۆزىگەيېتەكچى قىلىشى لازىم.

ھەج پائالىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان پايدىلىق كىتابلاردىن:

1-شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "ھەج قوللانمىسى (قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئۆمرە ۋە ھەج، زىيارەت مەسىلىلىرى)" ناملىق رىسالىسى.

2- شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى" ناملىق كىتابى.

پائالىيەت جەريانىدا بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلسە، ئىلىم ئەھلىدىن سوراش كېرەك. ھەج قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققاندا، ھەجگە دائىر بىلىملەرنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىلىملىك كىشىلەردىن بىرەرسى بىلەن ياكى دىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە چىقىش كېرەك.

ھەج ئۆمەكلىرى ئارىسىدا ئالىم-ئۆلىمالار بولغان ئۆمەك بىلەن بىرگە ھەجگە چىقىش ياخشىدۇر.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن بۇ توغرىدا سوئال سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: بىر نەرسىنى بىلمىسەڭلار ئىلىم ئەھلىدىن سوراڭلار. دېگەن. [سۈرە نەھل 43-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. ھەر قانداق بىر ئىبادەتنى بىلمىگەن كىشى ئۇ ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان توغرا رەۋىشتە ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئىلىم ئەھلىدىن سورىشى لازىم. چۈنكى ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتلىرى: ئىبادەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس بىلەن خالىس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىبادەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش بولسا، ئۇنىڭ ئاغزاكى ئېيتقان ۋە ئەمەلىي قىلغان ئىشلىرىنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سوئال سورىغۇچىغا دەيمەنكى، سىز ھەجنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز ئالدى بىلەن ھەجنىڭ قائىدە ئەھكاملىرىنى ئىلىم ئەھلىدىن سوراپ بىلىشىڭىز كېرەك.

مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى: ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچى سەپەر جەريانىدا ئۆزىنىڭ بىلمىگەن مەسىلىلىرىنى سوراش ۋە توغرا شەكىلدە ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىلىم ئەھلى ياكى دىنى ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرسى بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ." [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 22/50].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى