سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئېھرامغا كىرگۈچىنىڭ ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكنى سىلىۋىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟

109350

تارقاتقان ۋاقىت : 12-09-2014

كۆرگۈچىلەر : 3488

سۇئال

ھەج-ئۆمرە ئىبادەتلەردە ئېھرام كىيگۈچىنىڭ تىكىلگەن كىيىم كېچەكلەرنى كەيمەسلىكىدىكى ھېكمەت نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ رەببىگە ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن مۇكەممەل باش ئەگكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئېھرام كىيگەندە يىڭنىدە تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى سىلىپ تاشلايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ رىدا ۋە ئىزار دىن ئىبارەت ئىككى پارچە رەختنى كىيىم ئورنىدا قوللىنىشى (بىردانە ئاستى كىيىم ۋە بىر دانە ئۈستى كىيىم) ئۆزىنى ناھايىتى بەك تۆۋەن تۇتقانلىقىدىندۇر. سىز ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ئەڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكنى كىيەلەيدىغان باي كىشىلەرنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشتا، ئەڭ كەمبەغەل كىشىلەرگە ئوخشاش ھالەتتە كۆرىسىز.

بۇنىڭدىكى يەنە بىر ھېكمەت: مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىرلىكنى نامايەندە قىلىش، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ بىر خىل بولىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىر كەبىنى تاۋاب قىلىدۇ، بىر ئورۇندا تۇرىدۇ، بىر ئورۇندا قونىدۇ، بىر ئورۇندا تاش ئاتىدۇ. (ھەج ئىبادىتى جەريانىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر بىرخىل ئۇسۇلدا ئىلىپ بېرىلىدۇ).

يەنە بىر ھېكمەت: شۇ ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دۇنيادىن كېتىدىغان ۋاقتىدا ئىھرامدىكىدەك ھالەتتە كېتىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. چۈنكى ئىنسان دۇنيادىن ھەرگىزمۇ ئېسىل كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن ھالەتتە ئايرىلمايدۇ، بەلكى دۇنيادىن كېپەن كىيگەن ھالەتتە ئايرىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە ياردەم بەرگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى