جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھاجىلار مېناغا ماڭغاندا ۋە ئەرەپات كېچىسى مىنادا قونغاندا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار

سۇئال

ھاجىلار مېناغا ماڭغاندا ۋە ئەرەپات كېچىسى مېنادا قونغاندا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھاجىلار مېناغا ماڭغاندا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلاردىن:

-مېناغا ماڭغاندا ئۈنلۈك تەلبىيە ئېيتىش يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، بەزى ھاجىلار تەلبىيەنى ئۈنلۈك ئېيتمايدۇ، ھاجىلار توپ-توپ بولۇپ ئۆتىدۇ، سىز ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ تەلبىيە ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىمايمىز. بۇنداق قىلىش سۈننەتكە خىلاپ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى بۇيرىغان بۇيرۇققا زېت، سۈننەت بويىچە قىيىنچىلىق بولمىغاندا تەلبىيىنى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئۈنلۈك ئېيتىش كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، تەلبىيە ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەر بىر تاش-چالما قاتارلىق نەرسىلەرمۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ئۇ كىشىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

-بەزى ھاجىلار مېنادا قونماستىن ئۇدۇللا ئەرەپاتقا چىقىدۇ، گەرچە بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولۇپ، ئەرەپات كۈنىدىن بۇرۇن مېنادا قونۇش زۆرۈر بولمىسىمۇ، لېكىن ھاجىلار ھەج پائالىيەتلىرىدە ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنى چاشكا ۋاقتىدىن زۇل ھەججىنىڭ 9-كۈنى كۈن چىققۇچە بولغان ۋاقىتتا مىناغا چۈشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى ئۆزى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۆگىنىڭلار» [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

توققۇزىنچى كېچىسى مېنادا قونماي، ئەرەپاتقا چېقىپ كەتسە بولىدۇ، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئۇرۋەتە ئىبنى مۇدرس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، ئۇ كىشى مۇزتەلىپىدە، ھېيت كۈنى كېچىسى بامدات ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ ئۇلۇغۇم ھېرىپ، مەن چارچاپ كەتتىم، ئېگىز تاغ ياكى دۆڭ جايلاردىن ئۆتسەم ئۇ يەردە تۇرۇپ كەلدىم، مېنىڭ ھەججىم توغرا بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جاۋاپ بېرىپ: مۇزتەلىپىدە بىز بىلەن ھازىرقى بامدات نامىزىغا قاتناشقان، بىز بىلەن بىرگە تۇرۇپ، بىرگە قايتقان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كېچىدە ياكى كۈندۈزدە ئەرەپاتتا تۇرغان كىشىنىڭ ھەججى ھەج بولىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رېۋايىتى 1950-ھەدىس].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توققۇزىنچى كېچىسى مېنادا قونۇشنى سۆزلىمىدى، بۇ توققۇزىنچى كېچىدە مېنادا قونۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئېكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

سەككىزىنچى كۈنى ھاجىلار مېنادا تۇرغاندا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلاردىن: بەزى كىشىلەر مېنادا نامازنى قەسىر قىلىپ جۇغلاپ ئوقۇيدۇ، پىشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇيدۇ، بۇنداق قىلىش سۈننەتكە خىلاپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بويىچە، مېنادا نامازنى جۇغلىماستىن قەسىر ئوقۇش يولغا قويۇلغان، گەرچە ھەج پائالىتىنىمۇ سەپەر دەپ قاراپ، سەپەردە مۇساپىرنىڭ بىر يەرگە چۈشكەندە ياكى كېتىۋاتقاندا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشى دۇرۇس بولغاندىن كېيىن، مىنادا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنى دۇرۇس دېسەكمۇ، لېكىن ياخشىسى سەپەردە بىر يەرگە چۈشكەن كىشى ئۈچۈن نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشقا سەۋەپ بولىدىغان ئامىل تېپىلمايدىكەن نامازنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ، مىنادىمۇ نامازنى جۇغلاپ ئوقۇيدىغانغا سەۋەپ تېپىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مىنادا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇمىغان، ئەمما تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەتتىن قەسىر قىلىپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، پېشىننى ۋە ئەسىرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيدۇ، شامنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈچ رەكەت ئوقۇيدۇ، خۇپتەننى ۋە بامداتنى ئۆز ۋاقتىدا ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى