پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاينىڭ كىرگەن ياكى ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلاشتا ئاينى كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ

سۇئال

بەزى كىشىلەر رامىزاننىڭ ھىلال ئېيىنى كۆردۇق دەيدۇ، ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ كېچىدە ئاينى كۆرۈش مۇمكىن بولمايدۇ دەيدۇ، مېنىڭچە بۇ مۇرەككەپ مەسىلە ئەمەس، چۈنكى بۇ ھېسابلاشتا خاتا كېتىش ۋە بېكىتىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىندۇر. بۇ يەردىكى مەسىلە: شەمسىيە ھېسابىغا تايىنىدىغان ئاسترونومىيە ئالىملىرى شۇ كىچىدە ئۆزىدە بار بولغان ئىلغار كۈزۈتۈش ئۈسكۈنىلىرىگە تايىنىپمۇ ئاينى كۆرەلمىگەن تۇرسا، كۆز بىلەن كۆرۈش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ ئەگەر مەسىلە بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولسا ئىدى، يەنى ئىلغار ئۈسكىنىلەر بىلەن كۆرۈپ كۆز بىلەن كۆرەلمىگەن بولسا ئىدى، بۇ كۈندە روزا تۇتىمىزمۇ ياكى تۇتمايمىزمۇ؟ بۇ كۈندە ھېيت قىلىمىزمۇ قىلمايمىزمۇ؟ دېگەن تالاش-تارتىش يوللۇق بولاتتى، لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە كۆز بىلەن كۆرگەن ئەمما ئىلغار ئۈسكىنىلەر بىلەن كۆرەلمىگەن، مەن ۋە باشقىلارمۇ بىلىشكە ئىنتىزار بولغان بۇ مەسىلىدىكى ئىككىلىنىشىمىزنىڭ ئېنىق بىر يەرگە توختىشى ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى روشەن بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ئاي كۆرۈش ياكى ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاي كۆرۈلمىگەندە، شەئبان ئېيىنى ئوتتۇز كۈن تولۇقلاش ئاساس قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىس ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىكى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئىپتار قىلىڭلار يەنى ئېغىز ئېچىڭلار، ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاي كۆرۈلمىگەندە شەئبان ئېيىنى ئوتتۇز كۈن تولۇقلاڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 1900-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1081-ھەدىس].

ھەدىستە بايان قىلىنغان ھاۋا تۇتۇق بولسا دېگەن سۆزگە ئاساسەن شەمسىيە ھېسابى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ئەسلىدە ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈش كېرەك، ئەگەر ئىلغار ئۈسكىنىلەر بىلەن كۆرگەن بولسا بۇمۇ كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 106489-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

ئاينى ئىلغار ئۈسكىنىلەر بىلەن كۆرەلمەيدۇ ئەمما كۆز بىلەن قانداق كۆرىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك؛ ئاي كۆرۈنىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئومۇمى جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا ھۆكۈم ئاينى كۆرۈشكە ئالاقىدار بولىدۇ. ئەگەر ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان كىشىلەردىن بىرى ياكىئىككىسى ئاينى كۆرىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىسپاتى بويىچە ئاي كۆرگەنلىككە ئاساسەن روزا تۇتىلىدۇ ياكى ئېغىز ئىچىپ ھېيت قىلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئەللۇھەيدان (ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي) مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ ئابدۇللاھ ئەلخۇدەيرى ئىسىملىك، ئاينى كۆزۈتۈش بىلەن مەشھۇر بولغان بىر قېرىندىشىمىز بولۇپ، ھەتتا ئاي چىقمايدىغان ۋاقىتلاردىمۇ ئاينى كۆزىتىدۇ، بىر قىسىم ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ "ھوتە سۇدەير" دېگەن جايدا ئۇچرىشىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە: ئۇلار يەنى ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئۈسكۈنىلىرىگە تايىنىپ بۈگۈن كېچە پالانى ئورۇندىن چىقىدۇ دەپتۇ ئەمما ئابدۇللاھ ئۇلارغا بۈگۈن ئاينىڭ ھەرگىزمۇ ئۇلار دېگەن ئورۇندىن چىقمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن ئاينىڭ چىقىش ئورنىنى كۈزەتكەنلىكىنى ئېيتقان، چۈنكى ئابدۇللاھ ھەر كېچىسى ئاينىڭ قايسى ئورۇندىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، ئاي چىققان ۋاقىتتا ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بېكىتكەن يۆلىنىشى بويىچە بولماستىن بەلكى ئابدۇللاھ قېرىندىشىمىزنىڭ خەۋەر بەرگەن يۆلىنىشى بويىچە كۆتۈرۈلگەن.ئۇلار ئابدۇللاھغا ئۈزۈر ئېيتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاينىڭ چىقىشىنى كۆز بىلەن كۆرۈپ ئەمەسبەلكى قولىدىكى ئۈسكۈنىلىرىگە تايىنىپ بېكىتكەنلىكىنى بايان قىلغان". رىياد گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئابدۇللاھ بىلەن ئىلىپ بارغان سۆھبىتىدىن ئىلىندى.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى