Fri 27 Saf 1436 - 19 December 2014
1105
ئىسلام دىنى ئەر-ئايال ئارىسىنى باراۋەر دەپ قارامدۇ؟
قۇرئان كەرىمدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىش توغرىسىدا ئايەت بايان قىلىنغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    بىرىنچى: دۇنيادىكى باراۋەرلىك داۋاسىنى قىلغۇچى كۆپلىگەن مۇپەككىرلەر تۈرلۈك شەكىلدىكى ھاياتى تۇرمۇش ئورۇنلىرىدا "باراۋەرلىك" دېگەن سۆزىنى ئۆز ئورنىدىن ئاشۇرۇپ قوللانغان. بۇ باراۋەرلىك دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى يېتەرلىك چۈشەنمىگەنلىك ۋە ئۆز ئورنىدا ئىشلەتمىگەنلىك بولۇپ، بۇ شەكىلدە چۈشەندۈرۈش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق چۈشەندۈرۈلگەندە بەزى كىشىلەر بۇنداق شەكىلدىكى باراۋەرلىكنى ئىسلام دىنىغا ياكى قۇرئان كەرىمگە نىسبەت بېرىپ قويىدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ: "ئىسلام باراۋەرلىك دىنى" دېگەن سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار: "ئىسلام ئادىللىق ياكى ئادالەت ئاساسىغا قۇرۇلغان دىن" دەپ چۈشەندۈرسە توغرا بولاتتى.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بۇ يەردە شۇنى بىلىشىمىز زۆرۈركى، بەزى كىشىلەر "ئادالەت" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "باراۋەرلىك" دېگەن سۆزنى ئىستىمال قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئادالەت ھەرگىزمۇ باراۋەرلىك دېيىلمەيدۇ. چۈنكى باراۋەرلىك دېگەن ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ خاتا چۈشەنچىدىن كېلىپ چىققان باراۋەرلىك داۋاسى چېكىدىن ئاشقان چاقىرىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار: "ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟ دەپ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلدى". ھەتتا بەزىلەر: "ھۆكۈمران بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىنىڭ نېمە پەرقى؟ بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، ھەتتا دادىمۇ بالىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ، دەيدۇ. بۇ توغرىدا سۆزلەپ كەلسەك گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ.

     لېكىن بىز "ئادالەت" دېگەن ھەر بىر شەخسكە ئۆزىنىڭ ھەققىنى تولۇق بېرىش دەپ قارايمىز. شۇنداق دېگەندە سۆز توغرا ئىپادىلەنگەن بولىدۇ ۋە ھېچقانداق مەسىلە كېلىپ چىقمايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ھېچ بىر ئايىتىدە: "ئاللاھ تائالا باراۋەرلىككە بۇيرۇيدۇ" دەپ ئايەت بايان قىلىنمىدى، بەلكى سۈرە نەھلىنىڭ 90-ئايىتىدە:  ﴿إِنَّ اللَّـهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» دەپ ئايەت بايان قىلىندى.

     سۈرە نىسانىڭ 58-ئايىتىدىمۇ: ﴿وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ النَّاسِ أَن تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ﴾  تەرجىمىسى: «كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭلار ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار» دەپ بايان قىلىنغان.

     "ئىسلام باراۋەرلىك دىنى" دېگەن كىشى ئىسلامغا يالغاننى چاپلىغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئادىللىق دىندۇر. ئىسلام دىنى ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلدى، ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى. ئىسلام دىنى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە كىشى ھەرگىزمۇ "ئىسلام باراۋەرلىك دىنى" دېمەيدۇ. بەلكى قۇرئان كەرىمدە بۇ شەكىلدىكى باراۋەرلىكىنى رەت قىلىدىغان ۋە بۇنداق قاراشنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بايان قىلىندى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟.» [سۈرە زۇمەر 9-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. 

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ﴾ تەرجىمىسى: «كۆر (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق يەنى گۇمراھلىق بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟، دېگىن.» [سۈرە رەئد 16-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا يَسْتَوِي مِنكُم مَّنْ أَنفَقَ مِن قَبْلِ الْفَتْحِ وَقَاتَلَ ۚ أُولَـٰئِكَ أَعْظَمُ دَرَجَةً مِّنَ الَّذِينَ أَنفَقُوا مِن بَعْدُ وَقَاتَلُوا﴾ تەرجىمىسى: «سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل - مال سەرپ قىلغانلار ۋە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشقانلار، مەككە پەتھى قىلنغاندىن كېيىن پۇل-مال نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار بىر-بىرى بىلەن باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان پۇل-مال ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر.» [سۈرە ھەدىد 10-ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّا يَسْتَوِي الْقَاعِدُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ غَيْرُ أُولِي الضَّرَرِ وَالْمُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّـهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ﴾ تەرجىمىسى: «مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ.» [سۈرە نىسا 95-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. 

     قۇرئان كەرىمدە باراۋەرلىككە بۇيرۇيدىغان بىرمۇ ئايەت ئەمەس، ھەرپمۇ كەلمىگەن بەلكى ئادالەت ۋە ئادىللىققا بۇيرۇيدىغان ئايەتلەر بايان قىلىنغان. ئادالەت دېگەن سۆزنى ھەممە كىشى قوبۇل قىلىدۇ. مەسىلەن: مەن بىر كىشىگە نىسبەتەن ئۆزۈمدە ئىلىم ياكى مال-دۇنيا ياكى تەقۋادارلىق ياكى  ياخشى ئىشلارغا ياردەم بېرىش جەھەتتە ئارتۇقچىلىق بارلىقىنى ھېس قىلىمەن ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ مەن بىلەن تەڭ باراۋەر بولىشىغا ئەبەدىي رازى بولمايمەن. ئەگەر بىز ئەر-ئاياللار باراۋەر دېسەك، ھەر بىر ئىنسان بۇ سۆزدە بىر كەمسىتىلىش بولغانلىقىنى بىلىدۇ". ['شەرھى ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە 1-توم180-181-بەت].

     بىزنىڭ جاۋابىمىز: ئىسلام ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلسا ئۇلارغا زۇلۇم بولىدىغان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلمىدى. چۈنكى باراۋەرلىكنى ئۆز ئورنىدىن باشقا جايغا ئىشلىتىش زۇلۇمدۇر.

     قۇرئان كەرىم ئىككى جىنسنىڭ پىتنىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ئايرىپ ئاياللارنى ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغان ۋە ئەرلەرنى ئاياللارغا ئوخشىمايدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە بۇيرىدى، چۈنكى ئاياللارنىڭ ئەرلەر سەۋەبلىك  پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشى ئەرلەرنىڭ ئاياللار سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشىدىن ئازراق بولىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش بەدەنلىرىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئېچىپ يۈرۈشكە بۇيرۇش ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، چۈنكى ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ پىتنىگە ئىلىپ بېرىشى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا پەرقلىق بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

ئىككىنچى: ئىسلام پرىنسىپىدا ئەر بىلەن ئايال بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان تۆۋەندىكىدەك نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ:

     1-ھامىيلىق: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىسىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّـهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر(يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر).» [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

     ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنى تەپسىرلەپ تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بېرىدۇ: ﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ﴾ تەرجىمىسى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر.» يەنى: ئەرلەر ئاياللارنى ئىدارە قىلغۇچى، ھىمايە قىلغۇچىدۇر. ئەر كىشى ئايال قىڭغىر كەتسە ئۇنى ئەدەپلەيدىغان، ئۇنى باشقۇرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان يىتەكچىسىدۇر.

     ﴿بِمَا فَضَّلَ اللَّـهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن)ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر.» يەنى: ئەرلەر ئاياللاردىن ئەۋزەل ۋە ياخشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلىك، سەلتەنەت ۋە پادىشاھلىق ئەرلەرگە خاس قىلىنغان. بۇ توغرىدا ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى بەكرەتىدىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دادىسىدىن دادىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزلىرىگە ئايال كىشىنى رەھبەر قىلغان قەۋم نىجات تاپالمايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

     شۇنىڭدەك ئىسلامى قانۇندا ئايال كىشى قازىلىق مەنسىپىگە تەيىنلەنمەيدۇ.

     ﴿وَبِمَا أَنفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ﴾ تەرجىمىسى: «ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر.» يەنى: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىسلەردە ئاياللارغا بېرىلىدىغان تويلۇق مېھرى، نەپىقە ۋە باشقا خىراجەتلەر ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئەر كىشى ئايال كىشىدىن يۇقىرىدۇر ۋە ئەر كىشىدە ئاياللاردىن يۇقىرى تۇرىدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلار بولىدۇ. ئەرلەردىكى شۇ ئارتۇقچىلىقلار ئۇلارنىڭ ئاياللارغا ھامى، يېتەكچى بولىشىغا مۇناسىپ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە.» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

     ئەلى ئىبنى ئەبى تەلھە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ﴾ تەرجىمىسى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يەنى: ئەرلار ئاياللارنىڭ قوماندانلىرىدۇر. ئەرلەر ئاياللارنى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارغا بۇيرۇغاندا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئىتائەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلغانلىقى ۋە ئائىلە ئىقتىسادىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۇنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. [تەپسىر ئىبنى كەسىر 1-توم 490].

     2- گۇۋاھلىق: قۇرئان كەرىم ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىنى بىر ئەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا باراۋەر قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاسْتَشْهِدُوا شَهِيدَيْنِ مِن رِّجَالِكُمْ ۖ فَإِن لَّمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّن تَرْضَوْنَ مِنَ الشُّهَدَاءِ أَن تَضِلَّ إِحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الْأُخْرَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 282-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. 

     ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاياللارنىڭ ئەقلىنىڭ كەملىكى سەۋەبلىك گۇۋاھچىلىقتا ئىككى ئايال بىر ئەرنىڭ ئورنىدا قىلىندى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاياللار جامائىتى! سەدىقە قىلىڭلار، ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىڭلار، مەن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنى سىلەردىن ئىكەنلىكىنى كۆردۈم دېگىنىدە، ئاياللار ئارىسىدىن جەزلە ئىسىملىك بىر ئايال: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! نېمە سەۋەپتىن بىزلەرنىڭ كۆپ قىسمىمىز دوزاخ ئەھلىدىن بولىمىز؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەر لەنەتنى كۆپ قىلىسىلەر، ئەرلىرىڭلارغا تۇزكورلۇق قىلىسىلەر، سىلەردىن بەكرەك دىنى تولۇق ئەمەس، ئەقلى كام، ئەقىللىق ئەرلەردىنمۇ غالىپ كىلىدىغان بىرەرسىنى كۆرمىدىم! دېدى. ئۇ ئايال: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دىنىمىز ۋە ئەقلىمىزنىڭ كەملىكى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دېۋىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئايالنىڭ ئەقلىنىڭ كەملىكى؛ گۇۋاھچىلىقتا ئىككى ئايالنىڭ بىر ئەرنىڭ ئورنىدا تۇرۇشىدۇر. دىنىنىڭ كەملىكى؛ ئاياللارنىڭ ئادەت كۈنلىرىدە رامزاندا روزا تۇتۇش ۋە نامازنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنمىغانلىقىدا دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. (ئىبنى كەسىر 1-توم 336-بەت). 

     ھەقىقەتەن بەزى ئاياللار  ئەقىل-پاراسەتتە ئەرلەردىن ئېشىپ چۈشسىمۇ لېكىن بۇ ئەسلى قائىدە ئەمەس ۋە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلمايدۇ. ئىسلام پرىنسىپى ئومۇمنى ۋە كۆپ سانلىقنى  ئاساس قىلىدۇ.

     بۇ يەردە ئاياللارنى ئەقلى كامىل ئەمەس دېگەنلىكتىن ئۇلارنى ئەقىلسىز دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، لېكىن كۆپ ۋاقىتلارغا ئاياللارنىڭ ئەقلىگە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە مېھرىبانلىقى غالىپ كېلىدۇ. بۇنداق ھالەت ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا كۆپ بولىدۇ، بۇنى ھەقنى چۈشىنىدىغان ھېچ بىر كىشى ئىنكار قىلمايدۇ.

     3-ئايال كىشى مىراستا ئەركىشىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر بولىدۇ. (يەنى ئەر كىشى ئالغاننىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ). بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يُوصِيكُمُ اللَّـهُ فِي أَوْلَادِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنثَيَيْنِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ.» [سۈرە نىسا 11-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. 

     ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قايسىسىنىڭ مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇلاردىن ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىراس تەقسىماتىدا ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغاننى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئارىسىدا پەرقلىق ھالەتتە تەقسىم قىلدى." [تەپسىر قۇرتۇبىي 5-توم 164-بەت].

ئەرلەر سەرپ قىلىدىغان نەپىقە ۋە خىراجەت ئاياللارغا نىسبەتەن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مىراستىمۇ ئەرلەرنىڭ ئالىدىغىنى ئاياللارنىڭ ئالىدىغان ھەسسىسىدىن كۆپ بولىدۇ.

     4- كىيىم-كېچەك: ئاياللارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەت بولۇپ، بەزى ئالىملار قولىنىڭ ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزى ئەۋرەت ئەمەس دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر  يۈزى ۋە ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى ئىچىشنىمۇ توغرا ئەمەس دەپ قارىغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗ وَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا﴾ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە ئەھزاب 59-ئايەت].

     ئەمما ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكىدىن تىزىغىچە بولىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى جەپەر ئىبنى ئەبۇ تالىپقا: بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىس بولسا سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا؟ دېيىلگەندە، ئۇ كىشى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغىنىمنى سۆزلەپ بىرەي، باشقىلار گەرچە بەك ئىشەنچىلىك بولسىمۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ غەيرىدىن ئاڭلىغاننى سۆزلىمەيمەن. مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى كىندىكىدىن تىزىغىچە بولغان ئارىلىقتۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ. [بۇ ھەدىسنى ھاكىم مۇستەدرەكتە 6418 -ھەدىستە كەلتۈرگەن. ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 5583-ھەدىستە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

     بىز  مەسىلىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى بايان قىلدۇق، بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

     ئەر-ئايالدىن ئىبارەت بولغان ئىككى جىنسنىڭ ئارىسىدا يەنە نۇرغۇن پەرىقلەر بار:

    -ئەر كىشى تۆت ئايالنى نىكاھىغا ئىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما ئايال كىشى پەقەت بىر ئەرگىلا ياتلىق بولىدۇ. (يەنى بىرلا ۋاقىتتا شۇنداق).

    -ئەر كىشى ئايالنى تالاق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە قىلغان تالىقى توغرا بولىدۇ. ئەمما ئايالنىڭ تالاق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ ۋە ئايالنىڭ تالاق قىلىشىمۇ توغرا بولمايدۇ.

    -ئەركىشى ئەھلى كىتابنىڭ خانىم-قىزلىرى بىلەن توي قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئايال كىشى پەقەت مۇسۇلمان ئەر بىلەن توي قىلىدۇ. (يەنى مۇسۇلمان خانىم قىزلارنىڭ خرىستىئان ياكى يەھۇدى ياكى كوممۇنىست ياكى بۇددىست ئەرلەر بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ).

     -ئەر كىشى يالغۇز ياكى ئۆزى مەھرەم بولالايدىغان قىز-خانىملار بىلەن بىرگە سەپەر قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئايالنىڭ مەھرەمسىز يالغۇز سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

     -مەسچىتتە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئەرلەرگە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ۋاجىپ بولۇپ، ئاياللارغا مەسچىتتە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى ئايالنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى ئەۋزەلدۇر.

     -ئاياللار يىپەك كىيىم كىيىدۇ ۋە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى قوللىنىدۇ. ئەمما ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيىم كىيىشى ۋە ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردا ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئەر كىشى ئايالغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَيْسَ الذَّكَرُ كَالْأُنثَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «ئوغۇل قىزغا ئوخشاش ئەمەس.» [سۈرە ئال-ئىمران 36-ئايەت].

     ئەرلەر كۈچ-قۇۋۋەتتە، بەدەن قۇرۇلمىسىدا، گەپ-سۆز ئۇسلۇبىدىكى قوپال- يىرىكلىقتا ئاياللاردىن پەرقلىق بولىدۇ. ئاياللار بولسا؛ مۇلايىم، زىلۋا ۋە نازۇك كېلىدۇ.

     -ئەر-ئاياللار ئەقىل-پاراسەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئەرلەرنىڭ ئەقلى قۇۋۋىتى ۋە ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىز ۋە بىر نەرسىنى ئۇنتۇلۇپ قىلىشى كۆپ بولىدۇ. گەرچە بەزى ئاياللار ئەقىل-پاراسەتتە ۋە ئېسىدە تۇتۇشتا ئەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولسىمۇ ئەمما بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، كۆپلۈك ۋە ئەسلى بولغان قائىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ.

     -ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئەرلەرگە پەرز قىلىنغان بولۇپ، ئاياللارغا نىسبەتەن قورال تۇتۇپ جىھاد قىلىش پەرز ئەمەس. بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللارغا قىلغان رەھمىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنى ئېتىبارغا ئالغانلىقىدىندۇر.

     شۇنى كېسىپ ئېيتىمىزكى، ئەرلەرگە بېرىلىدىغان ھۆكۈم ئاياللارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈمگە ئوخشىمايدۇ.

      ئۈچىنچى: ئىبادەت ۋە مۇئامىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئارىسى باراۋەر قىلىندى. تۆۋەندە ئۇنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

     -ئەر-ئاياللار ئارىسىدا تاھارەت ئىلىش، غۇسلى قىلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا ھېچ پەرق يوقتۇر. ئەمما ئاياللار ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قالغان ياكى تۇغۇت سەۋەبىدىن نىپاسدار  بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ (ساقايغاندا نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ ئەمما روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ). ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ ۋە ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىدۇ. (يەنى ھەجنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىدە ئاياللارغا خاس ئەھكاملار باردۇر).

     -ئاياللارنىڭ سودا-سېتىق قىلىشى يوللۇق، بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا قوبۇل قىلىنىدۇ، سەدىقە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي قۇل-چۆرىلىرى بولسا ئازاد قىلىۋەتسە توغرا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت نۇرغۇن ئىشلار بار. چۈنكى ئاياللار ھەدىس شەرىپتە بايان قىلىنغاندەك ئەرلەرنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

     ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئەر كىشى ئۇيقىدىن ئويغانغاندا كىيىمىدە نەملىكنى كۆرىدۇ، ئەمما ئېھتىلام بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمايدۇ، ئۇ كىشى غۇسلى قىلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھە-ئە، غۇسلى قىلىدۇ،» دېگەن. بىر كىشى ئېھتىلام بولدى ئەمما كىيىمىدە نەملىكنى كۆرمەيدۇ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭغا غۇسلى ۋاجىپ بولمايدۇ، دەيدۇ. ئاياللاردىن ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئايالمۇ شۇنداق نەملىكنى كۆرسە غۇسلى قىلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھە-ئە، ئاياللارمۇ غۇسلى قىلىدۇ. چۈنكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىر پارچىسىدۇر، دېگەن.» [تىرمىزى رىۋايىتى 113-ھەدىس. ئەھمەد رىۋايىتى 25663-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 98-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئاياللار كۆپ ئىشلاردا ئەرلەرگە ئوخشايدۇ، بەزى ئىشلاردا پەرقلىق بولىدۇ. ئىسلام پرىنسىپىنىڭ كۆپ قىسمى ئەر-ئاياللارغا ئوخشاش ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمما ئىككى جىنسنىڭ ئارىسى پەرقلەندۈرۈلۈپ بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرگە مۇسۇلمان كىشى ئېتىراز بىلدۈرمەستىن، بەلكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئەزەلى ئىلمىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەنلىكى دەپ قارايدۇ. ئەمما ھەقىقەتنى كۆرمەيدىغان، ھەقنى چۈشەنمەيدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچى كاپىرلار بولسا، ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى پەرقنى ئۇلارغا قىلىنغان زۇلۇم دەپ قاراپ، ئۆز گۇمانىدا ئىككى جىنسنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ كىشى بىزگە سۆزلەپ بەرسۇن: ئەر تۆرەلمىنى قانداق كۆتۈرىدۇ، قانداق ئېمىتىدۇ، قانداق پەرۋىش قىلىدۇ، ئۇ كىشى ئايالنىڭ ئايلىق ئادەت كەلگەن ۋاقىتلىرىدىكى ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىنسان ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئۆز پىكرى بىلەن يۈرۈپ، نەتىجىدە باتىل كۆزقاراشنىڭ قۇربانى بولىدۇ. مۇسۇلمان بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ئىماننىڭ تەقەززاسى بىلەن خاتىرجەم ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ﴾ تەرجىمىسى: «مەخلۇقاتنى ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.» [سۈرە مۈلۈك 14-ئايەت].

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى