پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمانلارغا بولغان ھېسداشلىق-كۆيۈمچانلىقنىڭ ئەھمىيىتى قايسى دەرىجىدە بولىدۇ؟

110508

تارقاتقان ۋاقىت : 30-10-2020

كۆرگۈچىلەر : 4318

سۇئال

مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ھېسداشلىق-كۆيۈمچانلىقنى ئاشكارا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قايسى دائىرىدە بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنى ئىسلام دىنى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. ئىسلام دىنىنىڭ قانۇن-پرىنسىپلىرى قىيامەتكىچە بولغان ئىنسانلار ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە چەكسىز ھېكمەت بىلەن بايان قىلىندى.

ئىسلام شەرىئىتىدە بايان قىلىنغان ھېكمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتا بولغانلىرىدىن بىرى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىسى توغرىسىدا بايان قىلىنغىنى بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى مەزكۇر مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغان ئامىللارغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى بۇزىدىغان ۋە داغ تېگىشىگە سەۋەپ بولىدىغان بارلىق ئىشلارنى چەكلىدى. مۇسۇلمانلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، مېھرى-شەپقەت قىلىش ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلارمۇ شەرىئەت پرىنسىپىدىكى ئاساسلىق ئىشلاردىندۇر.

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىم كۆرسەتمىسى ئەڭ توغرا يول بولۇپ، بۇ يول ئارقىلىق جەمئىيەتتە شەخسلەر ئارا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىر بىرىگە زىچ باغلىنىدۇ. دىنى قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ ئىسلام دىنى بولۇپ، دىن جەمئىيەتتە شەخسلەر ئارا مۇناسىۋەتنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ، ھەتتا مەزكۇر ئالاقە سەۋەبى بىلەن بارلىق ئىسلامى جەمئىيەتلەر بىر-بىرىگە باغلىنىپ، نەتىجىدە ئۇلار بىر تەنگە ئايلىنىدۇ. خۇددى بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىسا، باشقا ئەزالاردىمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتما پەيدا بولغاندەك، سىز بىلەن قېرىندىشىڭىز ئارىسىدىكى ئىسلامى باغلىنىش خۇددى قولىڭىزنى بىغىشىڭىزغا، پۇتىڭىزنى تىقىمىڭىزغا چېتىپ باغلاپ قويغانغا ئوخشاشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئەگەر بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىسا، باشقا ئەزالاردىمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتما پەيدا بولغاندەك، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەت قىلىشى، ھېسداشلىق قىلىشى، كۆيۈنۈشى ۋە دوست بولىشى بىر جەسەتكە ئوخشايدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

شۇ سەۋەپتىن قۇرئان كەرىمدە "قېرىنداش" مەناسىنى ئىپادىلەيدىغان "نەپىس" سۆزى ئىنتايىن كۆپ ئىستىمال قېلىنىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىسلامى باغلىنىش مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۆز نەپسىگە ئوخشاش كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:وَلاَ تُخْرِجُونَ أَنْفُسَكُمْ مِّن دِيَارِكُمْ تەرجىمسى: بىر-بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا، سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. [سۈرە بەقەرە 84-ئايەت]. (يەنى قېرىنداشلىرىڭلارنى يۇرتتىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمەڭلار).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:لولا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ ظَنَّ المؤمنون والمؤمنات بِأَنْفُسِهِمْ خَيْراًتەرجىمىسى: بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر-ئايال مۆمىنلەر نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قارىدى. [سۈرە نۇر 12-ئايەت]. (يەنى قېرىنداشلىرىڭلار).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلاَ تلمزوا أَنفُسَكُمْ تەرجىمىسى: بىر- بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار. [سۈرە ھۇجۇرات 11-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. تەپسىر ئالىملىرىنىڭ توغرا قارىشىدا(يەنى قېرىنداشلىرىڭلارنى مەسخىرە قىلماڭلار) دېگەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَلاَ تأكلوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْتەرجىمىسى: بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار. [سۈرە بەقەرە 188-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. (يەنى سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنىڭ مېلىنى يەۋالمىسۇن) دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر بايان قىلىنغان.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى، يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە قەدەر ئىمانى كامىل بولمايدۇ.[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. (ئەدۋائۇل بايان 3-توم 130-131-بەت).

ئىككىنچى: بەزى ئورۇنلاردا مۇسۇلمانلارغا بولغان ھېسداشلىقنى ئاشكارا قېلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ خوشاللىق ۋە قايغۇلىق ۋاقىتلىرىدا بىرگە بولۇشنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

1-بۇ بولسا ۋاجىپ بولغان ئىماننىڭ كامىللىقىدىن ئىبارەتتۇر. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۆمىن، مۆمىن ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر قۇرۇلمىغا ئوخشاش بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى كۈچەيتىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى476-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2585-ھەدىس].

بۇ توغرىدا ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "مۆمىنلەرگە مېھرى-شەپقەت قىلىش، ھېسداشلىق قېلىش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا" دەپ ئايرىم بىر بۆلۈم تۇرغۇزدى.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مۆمىن، مۆمىن ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر قۇرۇلمىغا ئوخشاش بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئەگەر بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىسا، باشقا ئەزالاردىمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتما پەيدا بولغاندەك، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەت قىلىشى، ھېسداشلىق قىلىشى، كۆيۈنۈشى ۋە دوست بولىشى بىر جەسەتكە ئوخشايدۇ دېگەن ھەدىسلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر بىرى ئۈستىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئىنتايىن بۈيۈك ئىكەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنغان ۋە ئۇلارنى گۇناھ بولمايدىغان ۋە مەجبۇرلانمىغان ئەھۋاللاردا ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق قېلىش، ھېسداشلىق قىلىش، ئۆز-ئارا ياردەملىشىشكە رىغبەتلەندۈرگەن. ھەدىستە ئوخشىتىش ۋە مىسال بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستە بايان قىلغان: «باشقا ئەزالاردىمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتما پەيدا بولىدۇ» دېگەن سۆزىدىن: ئەزالارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئاغرىق ئازابىغا ئورتاقلىشىشقا چاقىرىدۇ دېگەن مەنا ئىپادىلىنىدۇ. [شەرھى مۇسلىم 16-توم 39-40-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قېلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈش، مېھرىبان بولۇش ۋە مېھرى-شەپقەت قېلىشتا مۆمىنلەرنىڭ مىسالى ئادەمنىڭ جىسمىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا بەدەننىڭ قالغان جايلىرىمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىززىش سەۋەبلىك تەڭ دەرت تارتىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5665-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2586-ھەدىس].

ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ، ئىبنى ئەبىي جەمرەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئۈچ سۆزنىڭ مەنىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇ سۆزلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ئىنچىكە پەرق بار. مەسىلەن: بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق قىلىش دېگەن: ئىماننىڭ ھەقىقى لەززىتىنى تېتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسىگە مېھرىبانلىق قېلىشىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مەنا بىلدۈرمەيدۇ.

دوستلىشىش ۋە ياخشى كۆرۈش دېگەندىن: ھەدىيە-سوۋغا تەقدىم قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببەتنى كۈچەيتىش دېمەكتۇر.

مېھرى-شەپقەتلىك بولۇش دېگەندىن: بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش دېمەكتۇر. [پەيزۇل قەدىر 5-توم606-بەت].

ئىمام مۇسلىمدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: مۇسۇلمانلارنىڭ مىسالى بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ بېشى ئاغرىپ قالسا بەدەننىڭ قالغان قىسمىمۇ قىزىتما ۋە ئۇيقىسىزلىقتىن تەڭ دەرت تارتىدۇ، دېيىلگەن.يەنە بىر ھەدىستە: مۆمىنلارنىڭ مىسالى بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالسا ياكى بېشى ئاغرىپ قالسا بەدەننىڭ قالغان قىسمى تەڭ دەرد تارتىدۇ،دېيىلگەن.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقى مۆمىن كىشى مۆمىنلەرگە خۇشاللىق يېتىدىغان ئىشلاردىن خۇرسەن بولىدۇ، مۆمىنلەرنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلاردىن راھەتسىز بولىدۇ. كىمكى ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ مۆمىنلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ. مانا بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىرلىك-ئىتتىپاقلىق بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئەينى ئەمەس، بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىدا بولالمايدۇ-ئەلۋەتتە، بەلكى، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشتە بىر-بىرىگە مۇۋاپىق كەلگەن ۋە بىرلىككە كەلگەن. بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈش، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈش شەكىللىنىدۇ." تۈگىدى. [پەتىۋالار توپلىمى 2-توم 373-374-بەتلەر].

ئىمام ھاپىز ئىبنى رەجەپ ھەنبەلىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ بۇخارىينىڭ شەرھىسى پەتھۇل بارىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن مۇستەھكەم بىر قۇرۇلمىغا ئوخشاتقان. بۇ ئوخشىتىش بىكاردىنلا بولماستىن بەلكى مەلۇم پايدا-مەنپەئەت كۆزدە تۇتۇلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن مۇستەھكەم بىر قۇرۇلمىغا ئوخشاتقان ۋاقتىدا، مەزكۇر مىسالنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ چۈشۈنۈشلىك بولىشى ئۈچۈن، بۇ ئوخشىتىشنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇرۇپ مەزكۇر مىسالنى بايان قىلىشىدىن شۇنى چۈشىنىۋېلىش كېرەككى، قولنىڭ بارماقلىرى بىر قانچە بولسىمۇ ماھىيەتتە بىر قول ۋە بىر ئادەمدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشى ۋە ھەمكارلىق تۇرغۇزۇشى قول بارماقلىرى بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەندەك مۇستەھكەم بولىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارنىڭ تەركىبىي قىسمى ئايرىم-ئايرىم شەخسلەردىن بولسىمۇ ماھىيەتتە ئۇلار ئەسلى بىر بولغان مەنبەگە قايتىدۇ. ئۇلارنى نەسەپ تەرەپتىن بولغان مۇناسىۋەت نۇھ ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالامغا باغلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمانى ۋە دىنى قېرىنداشلىق بىرلەشتۈرىدۇ". تۈگىدى.

2-مۇسۇلمانلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە مېھرى-شەپقەتنى ئىزھار قىلىش بولسا، ئۇلار ئارىسىدىكى جاھىلىيەت ياكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىللەت، رەڭ ۋە تىل تەرەپبازلىقىدىن ئىبارەت بولغان دىنى قېرىنداشلىققا زىت كىلىدىغان چەكلىمىلەرنى يوق قىلىپ تاشلايدۇ.

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، مىللەتچىلىك چاقىرىقى ئىنسانلارنى بىر-بىرىدىن پەخىرلىنىش ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا ئىلىپ بارىدۇ. چۈنكى مىللەتچىلىك دېگەن ئۆز مىللىتىنى بىر-بىرىدىن پەخىرلىنىش ۋە ھەددىدىن ئېشىشتىن چەكلىيەلەيدىغان ياكى توسالايدىغان ساماۋى دىن ئەمەس. قەۋمىيەتچىلىك نەزىرىيىسى بولسا جاھىلىيەت پىكرى بولۇپ، بۇ پىكىر ئۆز مىللىتىنىباشقىلاردىن پەخىرلىنىشكە، ئۆزىمىز ئېرىشكەن نەتىجىلەر ئارقىلىق باشقىلارغا ئەسەبىيلىك قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئەگەر مىللەتچىلىك باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشقا سەۋەپ بولۇپ قالسا، باشقىلار زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولىدۇ، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى چوڭقۇر ئويلانغان ۋە تەسەۋۋۇر قىلغان كىشى ئۈچۈن،ھەقىقەت ئوچۇق نامايەندە بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ قالدۇقلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلار بىلەن پەخىرلىنىشنى كەتكۈزىۋەتتى. شۈبھىسىزكى، ئىنسان تەقۋادار مۆمىن ياكى بەختسىز پاجىر بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋلادىدۇر، ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن تەقۋادارلىقتىن باشقا جەھەتلەردە ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان مۇنۇ ئايىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ:يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْتەرجىمىسى: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر. [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە دىنى قېرىنداشلىقنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە چوڭچىلىق قىلسۇن ياكى پەخىر قىلسۇن دەپ ئەمەس بەلكى ئۆز-ئارا تونۇشۇش ئۈچۈن تۈرلۈك قەبىلە ۋە مىللەتلەردىن قىلدى. ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغانلىرىنى تەقۋادارلاردىن قىلدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسمۇ مۇشۇ مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئەجدادلىرى بىلەن پەخىرلىنىش، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ جاھىلىيەت ئادەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئىسلام دىنى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، مۆمىنلەرنى كەمتەرلىك، تەقۋادارلىق ۋە ئاللاھ يولىدا دوست بولۇشقا چاقىرىدۇ. مۇسۇلمانلار يەر يۈزىدىكى باشقا دىن ۋە مىللەتتىكى ئىنسانلار بىلەنمۇ سەمىمى مۇئامىلىدە بولۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنداقلا بىرلىك، باراۋەرلىك ئاساسىدا بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، كۈچلەندۈرۈپ ھەقىقەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا گۈللەنگەن بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا چاقىرىدۇ." [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالارى 1-توم 290-291-بەتلەر].

3- ياشانغان، ئاجىز، مىسكىن، يېتىملەرگە كۆڭۈل بۆلۈشمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قېلىشىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسىدا (20348) مۇنداق بايان قىلىنغان: "يىتىم-مىسكىنلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇش، كەسىپ قىلالمايدىغانلارغا ياردەم بېرىش، ئاتا-ئانىسى نامەلۇم بالىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئېگە چىقىش، ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەش ۋە ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتتىن ئىشسىزلىق، ھورۇنلۇق، نامراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئىشلارغا ئاساس سېلىنسا، ئۇلارنىڭ ناچار تەربىيە ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى سەۋەبىدىن كىشىلەر تەرىپىدىن قاتتىق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، جەمئىيەت ۋە ئۈممەتكە بىر قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىن ئىبارەتتۇر". تۈگىدى.

4- ھەر قانداق جايدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش، كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە ئۇلارغا ھەمدەم بولۇش، بۇلاڭچى، زالىملارنىڭ قارشىسىدا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە قوراللىق كۆرەش قىلىش ياكى ئىقتىسادى تەرەپتىن ياردەم بېرىش، ئۇنداق قىلالمىغان كىشى ھېچ بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ غەلىبە قېلىشى، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى قاتارلىقلارمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قېلىشىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئىسلام ئالىملىرى (ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق بېكىتكەن: ئەگەر مەغربتە بىر ئايال مۇسۇلمان زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا مەشرىقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى پەرز بولىدۇ. مانا ھازىرقى ۋاقىتتا كۈندە مىڭلارچە مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرۈلىدۇ، يۇرتىدىن قوغلىنىدۇ، زۇلۇم قېلىنىدۇ، دۈشمەنلىك قېلىنىدۇ ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ھەرىكەت قىلمايدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا ياردەم قىلىدۇ".تۈگىدى. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالارى 2-توم 163-165-بەتلەر].

5- دىن دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئۇلارنى مۇستەملىكە قېلىش توغرىسىدىكى خام-خىياللىرىنى بەربات قىلىشمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قېلىشىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋرەنمەس بىر جامائەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خۇرسەنلىك ۋە خاپىلىقتا ھەمدەمدە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى، ھەددىدىن ئاشقان زالىم-پاجىر كاپىرمۇ ئاددى بىر مۇسۇلمانغا دۈشمەنلىك قېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتى. بىرەر مۇسۇلمانغا دۈشمەنلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايون-شەھەرلەرگە تاجاۋۇز قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىز-ئاياللىرىنىڭ ئابرۇيىغا چېقىلالمايدۇ، مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلالمايدۇ، كۈرەشچى مۇجاھىدلىرىنى سۈرۈپ چېقىرىۋىتەلمەيدۇ.

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شۇ مەنالاردا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر مۆمىنلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىشى، بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەت قىلىشى، ھېسداشلىق قېلىشى، ياخشىلىق، تەقۋالىق يولىدا ھەمكارلىشىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،" دەيدۇ.

ئۇلارنى مۇستەھكەم بىر قۇرۇلما ۋە بىر بەدەنگە ئوخشاتقانلىق، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىش، ھەمكارلىشىش، مېھرى-شەپقەت قىلىش، پىكىر-قارىشىنى بىرلەشتۈرۈپ سەپلىرىنى تەرتىپلەش ئارقىلىق، دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقى ۋە زۇلمىدىن سالامەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ. تۈگىدى. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالارى 2-توم 200-201-بەتلەت].

ئۈچىنچى: ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق قىلىش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىش-پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۈلگىلىك مىساللارنى بايان قىلىپ بەردى.

1- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋپ مەدىنىگە كەلگەن ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن سەئەد بىن ئەررەبىئىل ئەنسارىنىڭ ئارىسىنى قېرىنداشلاردىن قىلدى. سەئەد ئابدۇرەھمانغا ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالىدىن بىرىنى ۋە مال-مۈلكىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئابدۇرەھمان قېرىندىشىغا رەھمەت ئېيتىپ: ئاللاھ تائالا سېنىڭ ئەھلىڭ ۋە ماللىرىڭغا بەرىكەت بەرسۇن، سەن ماڭا مەدىنىدە بازىرىنى كۆرسىتىپ قويغىن، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى3937-ھەدىس]

ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىدىن ھەيران قالغانلىقىمىزنى بىز بىلمەيمىز، سەئەد ئىبنى رەبىنىڭ ئۆزىدىن باشقىلارنى ئەلا بىلگەنلىكى ۋە ئېسىللىقىمۇ ياكى ئابدۇرەھماننىڭ (ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ، تىرىشچانلىق ئارقىلىق كەسىپ قىلىشقا رىغبەتلەنگەنلىكىدىنمۇ بۇنى بىلمەيمىز.

2- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇھاجىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ! بىز مەدىنىگە كەلگەندىن بىرى ئەنسارىلار بىزگە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن تۈرلۈك ياردەملەردە بولدى، قېيىنچىلىقلىرىمىزنى يەڭگىللەتتى، ئىشلىرىغا شېرىك قىلدى، بىز ئۇلارنى ھەممە ئەجىر-ساۋابنى ئىلىپ كېتەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالدۇق-دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەرنى ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىنى مەدھىيىلەپ، ئاللاھ تائالادىن ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرساڭلار ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 12662-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2487-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "مىشكاتىل مەسابىھ ناملىق ھەدىس كىتابنىڭ" 2-توم 185- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

بۇ ھەقتە كۆپلەپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 98668-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى