سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

نېمە ئۈچۈن بىز تەقدىرىمىزدە پۈتۈلگەن نەرسىلەرگە ھېساب بېرىمىز؟

11126

تارقاتقان ۋاقىت : 17-12-2014

كۆرگۈچىلەر : 3177

سۇئال

ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا پۈتۈلگەن بويىچە بولىدىغان بولسا، بىر ئىنساننىڭ تەقدىرىدە ئۇ مەلۇم بىر كىشىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسا، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟، ئۇ كىشى مەزكۇر خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەشكە قادىر بولالمايدىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ خاتالىققا ئاساسەن جازاغا ئۇچرايدۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئىشلارنى تەقدىر قىلدى، ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان تەقدىرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىلمىدە ئۇلارنىڭ يارىتىلغاندىن كىيىن نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا شۇنىڭ ئۈچۈن بەندىگە ئىختىيارلىقنى بىرىپ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. كىمكى توغرا ئىش قىلسا ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن، خاتا ئىش قىلسا ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ. وَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُتەرجىمىسى: كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.» [سۈرە زەلزەلە 7-8-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا، فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا، قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّاهَا، وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّاهَا تەرجىمىسى: روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى - يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ، نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى - فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ. [سۈرە شەمس 7-10-ئايەتكىچە].

شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈش بولسۇن ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ھەقسىز ئازار يەتكۈزۈش ھارامدۇر. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، دۇنيادىمۇ تىگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ شەرئىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ۋەلىيد ئەل پىريان