سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

سىڭلىسى تېلېفوندا يات كىشى بىلەن سۆزلەشسە، ئاتا-ئانىسى بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمىسە، ئاكىسى قانداق قىلىشى كېرەك؟.

111665

تارقاتقان ۋاقىت : 11-04-2014

كۆرگۈچىلەر : 5098

سۇئال

بىر كىشى قىز ھەمشىرىسىنىڭ تېلېفوندا يات ئەركەك بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، سىڭلىسىغا نەسىھەت قىلسا، ئۇ ئاكىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمايدۇ. بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا دىسە، ئۇلارمۇ قىزىغا بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلمايدۇ. قىزنىڭ ئاكىسى دەييۈزلۈكنى ياقتۇرمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۈنلۈكى بەك يامان بولسا، ئۇ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. بىرىنچى: كۈنلەش بولسا ئاللاھ تائالا ئىنسان تەبىئىتىدە بار قىلغان خۇسۇسىيەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئىززىتى ياكى ئىگىدارچىلىق دائىرىسىدىكى ئىشلار ئۆزى خالىمىغان ھالدا باشقىلار تەرىپىدىن ئىشتىراك ئېتىلگەندە، ياكى مۆمىن ئاللاھنىڭ پرىنسىپلىرىنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئاشكارا بولىدىغان خۇسۇسىيەتتۇر.

ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا كۈنلەش ئىشلىرىنى شەرىئەت قانۇنلۇق يولغا قويغان، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ياكى باشقا مەھرەم بولىدىغان ئايال تۇغقانلىرىنى يات كىشىلەردىن كۈنلىشىدۇر. ئەگەر كۈنلىمىسە بۇ ئىش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۈنلەمچىلىكىدىن ھەيران قىلىۋاتامسىلەر، مەن سەئەدتىن بەكرەك كۈنلەمچى، ئاللاھ تائالا مەندىنمۇ بەكرەك كۈنلەمچىدۇر.يەنە بىر رىۋايەتتە: ھەقىقەتەن سەئەد بەك كۈنلەمچى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كۈنلەمچى، ئاللاھ تائالا مەندىنمۇ بەكرەك كۈنلەمچىدۇر.[تەبەرانى رىۋايىتى].

كۈنلەمچىلىك ئۆز نەسەبىنى ساقلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر ئىنسانلار بۇ ئىشتا سەل قاراپ، كەڭ قورساقلىق قىلىدىغان بولسا كىشىلەرنىڭ نەسەبى ئارىلىشىپ كېتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈنلەمچىلىك ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەرلىرىدە، ئىپپىتىنى ساقلاش شۇ مىللەتنىڭ ئاياللىرىدا قىلىندى. شەرىئەت پرىنسىپىدا ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى (يەنى قىز-ئاياللىرىنى) مۇداپىئە قىلىش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشى شەھىد ھېسابلىنىدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئۆز ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشى شەھىد ھېسابلىنىدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئۆزىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، قىز ھەمشىرىلىرىنى يات ئەركەكلەردىن كۈنلىمىگەن كىشى دەيۈز دەپ ئاتىلىدۇ. دەيۈزلۈك ھەممە تەرەپتىن سۆكۈلىدىغان رەزىل بىر تەبىئەت بولۇپ، بۇنداق تەبىئەتتىكى كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن. كۆپچىلىك ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا دەيۈزلۈك چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە: ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان، ئەر كىشىنىڭ شەكلىگە كىرىۋالغان ئايال(گەپ-سۆزدە ياكى كىيىم-كىچەكتە)، دەيۈز ئەردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ. [نەسائى رىۋايىتى 2561-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ نەسائىنىڭ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" دا كەلتۈرگەن. "پىقھى ئېنسكلۇپىدىيەسى" ناملىق ئەسەر 31-توم 321-323-بەتلەردىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "دىننىڭ ئەسلى كۈنلەشتۇر. كۈنلۈكى يوق كىشىنىڭ دىنى بولمايدۇ. كۈنلەمچىلىك قەلبنى قوغدايدۇ ، قەلب ئۇ كىشىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى قوغدايدۇ. يامان ئىش-ھەرىكەت ۋە ناچار قىلمىشلاردىن مۇداپىئە قىلىدۇ. كۈندەشلىكى بولمىغان كىشىنىڭ قەلبى ئۆلىدۇ، ئاندىن باشقا ئەزالىرىمۇ ئۆلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ يامان ئىش-ھەرىكەت ۋە ناچار قىلىقلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك ھالى قالمايدۇ. ئىنسان قەلبىدىكى كۈندەشلىك بولسا، كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان ۋە كېسەللىكتىن ساقلايدىغان ئېمونت كۈچىگە ئوخشايدۇ. ئىنسان بەدىنىدە بۇ كۈچ يوقالسا، ئۇنىڭ ئورنىنى مىكروب قاپلايدۇ، شۇنداقلا بەدەننى مىكروبتىن مۇداپىئە قىلىدىغان قارشىلىق كۈچ بولمايدۇ-دە، نەتىجىدە ھالاك بولىدۇ." [ئەلجاۋاپ ئەلكافىي 45-بەت].

بىز قەلبى ساغلام ۋە كۈندەشلىك ئۇچقۇنلىرى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىۋاتقان ھالەتتە سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز بىلەن بىرسەپتە تۇرىمىز ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئائىلىنىڭ ئىززەت ئابرۇيى بولغان قىز قېرىندىشىنى ھىمايە قىلىش يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئىككىنچى: قىز ھەمشىرىسى بىلەن بولغان قىيىنچىلىقنى ئۇتۇقلۇق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن: قىز ھەمشىرىسىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە تۇرۇپ يات بىر ئەر بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلىشى ۋە مۇشۇنداق توغرا بولمىغان ئەخلاققا تۈرتكە بولغان سەۋەبنى بىلىش كېرەك. بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئۇ خاتالىقنىڭ سادىر بولىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بار:

ئا-ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈنمەسلىك: ئۇ قىزچاق ئانىسىنىڭ ياكى دادىسىنىڭ ياكى ھەر ئىككەيلەننىڭ كۆڭۈل بۇلىشىدىن مەھرۇم بولغان بولىشى مۇمكىن. ئاندىن ئاشۇ ئالدامچى بۆرە قىزچاقنى ئازدۇرۇپ يالغاندىن ئائىلىدە مەھرۇم بولغان مېھرىبانلىقنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان.

ب-ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى: ئەگەر ئۇ قىزچاق ئاللاھ تائالانى گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن تولۇق تونىغان بولسا، گۇناھ-مەسىيەتكە بېرىلىدىغان جازانى بىلگەن بولسا، ئەلۋەتتە خاتالىقتىن قول ئۈزەتتى ياكى ئۇ دەسلەپتە خاتالىق سادىر قىلىدىغان پەيتتە، خاتالىق بىلەن قىزچاقنىڭ ئارىسىدا توسانجى بولاتتى.

ج-بىكارچىلىق: كۆپچىلىك قىزلار كېچە-كۈندۈزدە بىكار بولسىلا ئىشقى-مۇھەببەت توغرىسىدىكى رومانلارنى ئوقۇيدۇ. تۈرلۈك تىلېۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلىرى، ئۇچۇر ۋاستىلىرى ياكى تېلېفوندا سۆزلىشىش ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ئۇلار شۇ ۋاقىتلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارغا سەرپ قىلغان بولسا ئىدى، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋاقتىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولاتتى.

د-چەكلەنگەن-ھارام نەرسىلەرگە قاراش: بۇ ئىنسان نەپسىدە شەھۋەتنى قوزغايدۇ، سۈرەتتىكى مودا ياكى ئارتىسلارنى تەقلىد قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە، ساختا ئىشقى-مۇھەببەت سەۋداسى بىلەن نەزەرىيىدە ئۆگەنگەن ياكى مېدىيە ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۆرگەن ۋە ئوقۇغان ئىشلارنى تەجرىبە قىلىشقا چاقىرىدۇ.

ن-يات جىنسلار بىلەن يالغۇز قىلىش: ئۇ جان ئالغۇچى كېسەللىككە ئوخشاش بولۇپ، قىزچاق يالغۇز يات جىنىس بىلەن ئۈلپەتلەشكەندە ياكى سۆھبەتلەشكەندە شەيتاننىڭ ئۆزلىرىنى ئازدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

م-تېلېفۇن ۋە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى توغرا قوللانماسلىق ھىلىقى يات ئەر بىلەن تونۇشۇش، سۆزلۈشۈشتىكى بىۋاستە خاتالىقنىڭ سەۋەبىدۇر.

بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ياكى ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەر توغرىسىدا ياخشى ئويلىنىپ، ئىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ناچارلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئائىلىدىكى توغرا پىكىر ئىگىلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە تۈپتىن يوق قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بېرىش كېرەك.

ئۈچىنچى: سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم!، بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: سىز ھەمشىرىڭىزگە تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇندا ئاغزاكى ياكى يازما ئارقىلىق نەسىھەت قىلىڭ:

1-ئۇ قىزچاق چەكلەنگەن سۆھبەت ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھىلىقى ئالدامچى بۆرىنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ قىزغا ئوخشىغان ئۆزىنى ئېتىبارسىز ھالەتكە چۈشۈرگەن قىزلار بىلەن توي قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ ھالەتتىكى قىزلارنىڭ تويدىن كىيىن ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

2- ئۇ قىز شۇ قېتىمقى چەكلەنگەن سۆھبەتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى بۇلغىدى ۋە ئائىلىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى چۈشەردى.

3-مەزكۇر سۆھبەت ۋە ئارىلىشىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭدا ياخشىلىق ۋە تائەت-ئىبادەتنى ياقتۇرماسلىق، خاتالىق، گۇناھ-مەسىيەتنى ياخشى كۆرۈش ئىستىكى زىيادە بولىدۇ.

تۆتىنچى: ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياقتۇرمايدىغان ۋە ئۇلاردىن ئايرىلىپ ياشاش توغرىسىدا پىكىر قىلىدىغان بولىدۇ.

بىز مۇشۇنداق ھالەتتە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بەزى ئىشلار توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمىز:

1-ئۇ قىزچاققا دائىم نەسىھەت قىلىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ توغرا يول تېپىشىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك.

2-ئاللاھتىن قورقۇدىغان تەقۋادار قىزلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

3-ئاتا-ئانىنى ئۇ قىزچاققا نەسىھەت قىلىش، تەربىيە قىلىش ۋە قىزچاقنى توغرا يولغا يېتەكلەشئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرۈش لازىم.

4-ئۇ بۇزۇق ئەر بىلەن تېلېفۇندا بولسىمۇ سۆزلىشىپ، ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇنىڭغا تەھدىت قىلىش ئارقىلىق قورقۇتۇپ قويۇش كېرەك.

5- مۇمكىن بولسا تىزراق ياتلىق قىلىۋېتىشنىڭ چارىسىنى كۆرۈش كېرەك.

6-ئاللاھ تائالاغا ئۇ قىزچاقنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ۋە پىتنىدىن يىراق قىلىشىنى تىلەپ كۆپ دۇئا قىلىش كېرەك.

بۇ بىزنىڭ قارىشىمىز، ئاللاھ تائالا سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئۇ قىزچاقنىمۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا باشلىسۇن، ئۇنىڭ قەلبىنى ئىماننى ياخشى كۆرىدىغان قىلسۇن ۋە ئىمان نۇرى بىلەن زىننەتلىسۇن، كۇپرى، پىسق-پۇجۇر ۋە ئاسىيلىقنى ياقتۇرمايدىغان توغرا يول تاپقۇچىلاردىن قىلسۇن.

ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى