پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

جازانە قىلىش توغرىسىدا

1120

تارقاتقان ۋاقىت : 25-07-2010

كۆرگۈچىلەر : 5848

سۇئال

جازانە قىلىش ئومۇملاشقان غەيرىي ئىسلامىي مەملىكەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جازانىنىڭ ھاراملىقىنى جاكارلىغان شەرىئەت دەلىللىرىنىڭ ئومۇملىقنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قانداقلا بىر ۋەزىيەتتە بولمىسۇن، ھەتتا جازانە ئۇستىگە قۇرۇلغان بىر جەمئىيەتتە بولسىمۇ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى قەتئىي جائىز ئەمەس. بەلكى كۈچىنىڭ يېتىشىچە بۇ خىل ھارام مۇئامىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم. ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، جازانىنىڭ تۇمانلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق جەمئىيەتتىن يۆتكىلىپ كېتىشى لازىم.
- سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا دائىمىي كومىتېتى 13194

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلىمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى"13-توم 194-بەت