جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

دۇئادىن كىيىن ئالقىنى بىلەن يۇزىنى سىلاش توغرىسىدا

112004

تارقاتقان ۋاقىت : 29-12-2020

كۆرگۈچىلەر : 3462

سۇئال

ئەگەر بىر كىشى ئاللاھقا دۇئا قىلسا، دۇئادىن كىيىن يۈزىنى سىلامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

بەندىنىڭ، پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورىشى شەرىئەتتە يولغاقۇيۇلغان بەلكى تەرغىب قىلىنغان ئىبادەتتۇر. ئاللاھقا يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرۈش ھەم يولغا قويۇلغاندۇر. ئەمما دۇئادىن كىيىن ئىككى قولى بىلەن يۈزنى سىلاش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر زەئىپ ھەدىسلەردۇر.

مۇھەممەد ئىبنى كەئەب ئەلقۇرەزي، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سەن ئاللاھقا دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا ئالقانلىرىڭنىڭ ئارقا تەرەپلىرى بىلەن ئەمەس، ئالدى تەرەپلىرى بىلەن دۇئا قىلغىن، دۇئادىن پارىغ بولغان ۋاقتىڭدا ئالقىنىڭ بىلەن يۈزۈڭنى سىلىغىن. [بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنىڭ ئىچىدىكى سالىھ ئىبنى ھەسسان دېگەن كىشى ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئۆلچىمىگە توشمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مۇئەين، ئەبۇ ھاتەم ۋە دارى قۇتنى قاتارلىق ئالىملار زەئىپ ھەدىس دەپ قارىدى. ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى ئىنكار قىلىنغان ھەدىس دىدى. ئەبۇ نۇئەيم ئەل ئەسبەھانى بۇ ھەدىس ئىنكار قىلىنىدىغان ۋە ئەمەل قىلىنمايدىغان ھەدىس دىدى. ئىبنى ھەببان بۇ كىشىنىڭ زەئىپ ھەدىسلەرنى بايان قىلىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ. ئىبنى جەۋزى بۇ ھەدىس توغرىسىدا، مەزكۇر ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنىڭ ئارىسىدا سالىھ ئىبنى ھەسساننىڭ بولىشى سەۋەبلىك بۇ ھەدىس ساغلام ئەمەس دەپ قارايدۇ].

تىرمىزي ئۈزنىڭ "سۈنەن" ناملىق ئەسىرىدە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاغا قول كۆتۈرگەن ۋاقتىدا، ئۇ ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلىمىغۇچە قولىنى چۈشۈرمەيتتى. ئەبۇ ئىسا بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشەنچىلىك راۋىيلار ئىچىدە ھامماد ئىبنى ئىسادەك ئۇ بايان قىلغان ھەدىسلىرىنى ئىلىشقا بولمايدىغان كىشىلەرمۇ مەۋجۇد. شۇنداقلا بۇ ھەدىسنى يالغۇز تىرمىزىلا رىۋايەت قىلغان".

دۇئا قىلىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىبادەت بولۇپ، دۇئادىن كىيىن ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلاش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاغزاكى ياكى ئەمەلي كۆرسەتمىلەر سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بايان قىلىنمىغان، بەلكى دۇئادىن كىيىن ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلاش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر زەئىپ رىۋايەتلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ مەسىلىدە دۇئادىن كىيىن يۈزنى سىلاش بايان قىلىنمىغان توغرا ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىپ، دۇئادىن كىيىن يۈزنى سىلاشنى تەرك ئېتىش ئەۋزەلدۇر.

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز،پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇررازاق ئەفيفي، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسى (24 /215).

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى