سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىنساننىڭ رىزقى ۋە نىكاھلىنىشىنى ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن

112107

تارقاتقان ۋاقىت : 03-09-2010

كۆرگۈچىلەر : 13373

سۇئال

سوئال: ئىنساننىڭ رىزقى ۋە كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشى لەۋھۇل مەھپۇزدا يېرىلغانمۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارچە ھەمدۇ-سانالار ئۇلۇغ ئاللاھقا خاستۇر.
ئاللاھ قەلەمنى ياراتقاندىن تارتىپ، تا قىيامەتكىچە بولىدىغان كائىناتتىكى ئومۇمى ئىشلار لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلگەن.
ئاللاھ تائالا تۈنجى قىلىپ قەلەمنى ياراتتى ۋە ئى قەلەم! يازغىن دەپ ئەمرى قىلدى.
قەلەم: پەرۋەردىگارىم، نېمىنى يازىمەن؟ دېدى.
ئاللاھ: كائىناتتىكى پۈتۈن نەرسىلەرنى يازغىن دېدى.
قەلەم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىن باشلاپ تا قىيامەتكىچە كائىناتتا بولىدىغان ئومۇمى ئىشلارنى يازدى .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ : تۆرەلمە قورساقتا تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا تۆرەلمىگە جان كىرگۈزۈش، رىزقىنى پۈتۈش، ھاياتلىقىدا قىلىدىغان ئىشلىرى، ئەجىلى، بەختلىك ياكى بەختسىز ئىكەنلىكىنى پۈتۈش ئۈچۈن مەخسۇس پەرىشتە ئەۋەتىدۇ .
ئىنساننىڭ رىزقى سەۋەب قىلىشقا باغلىنىلغان بولۇپ، تەقدىردە پۈتۈلگىنىدىن كەملىمەيدۇ ياكى زىيادە بولمايدۇ.
ئۇ سەۋەبلەردىن بىرى؛ رىزق تېپىش ئۈچۈن تىرىشىشى ۋە ھەركەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ بەرگەن رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر سۈرە مۇلك 15-ئايەت.
يەنە ئۇ سەۋەبلەردىن؛ سىيلە-رەھىم، ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشىنى، ئۆلگەندىن كېيىن ياخشى خىسلەتلىرىنىڭ تارىلىشىنى ياخشى كۆرسە، ئاتا-ئاتا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سىيلە-رەھىم قىلسۇن.
ئۇ سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى؛ جانابى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى سۈرە تالاق 2-3- ئايەتلەر.
ئىنساننىڭ رىزقى پۈتۈلگەن ئىكەن، سەۋەب قىلمىساممۇ رىزقىمنى تاپىمەن دېيىشى ئېرادىسىزلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئىنسان قەتئى ئىرادىگە كېلىپ، ھىممەت كەمىرىنى باغلاپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە پايدىلىق بولغان رىزقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئۆز نەپسىگە ئەگەشمىگەن، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەمەل قىلغان ئىنسان دانا مۇسۇلماندۇر. نەپسىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىپ تۇرۇقلۇق، ئاللاھدىن ئامانلىق ئۈمىد كۈتكۈچى ئىرادىسىز ئىنساندۇر .
ئىنساننىڭ رىزقى تەقدىردە سەۋەب قىلىشقا باغلىنىلغان ئوخشاش، نىكاھلىنىشىمۇ تەقدىردە پۈتۈلگەندۇر. ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرى بىلەن نىكاھلىنىشى، بىرىگە بىرىنىڭ تۇرمۇش يولدىشى بولىشى تەقدىردە بەلگىلەنگەن ئىشلاردىندۇر. ئاللاھقا زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچقانداق نەرسە مەخپى ئەمەستۇر .
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى