سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆرمىتىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا

114142

تارقاتقان ۋاقىت : 04-09-2010

كۆرگۈچىلەر : 12163

سۇئال

نېمە ئۈچۈن بەزى ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماقامىنى ۋەسىلە قىلىشتىن توسىدۇ؟ كۆپىنچە ئالىملار بۇنى جايىز دېسە سەلەپلەر نېمە ئۈچۈن ھارام دەيدۇ؟ ئىبنى تەيمىيەدىن بۇرۇنقى ئۆلىمالارنىڭ جايىز دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلسە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بىرىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زاتى بىلەن ۋەسىلە قىلىشنىڭ مەنىسى دۇئا قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زاتىنى دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققى- ھۆرمىتى ئۈچۈن دېگەنگە ئوخشاش.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار توپلىمىسىنىڭ 1- توم 337-338-بەتلىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالادىن سورىغۇچى، دۇئا قىلىش جەريانىدا ئاللاھقا قەسەم قىلىش بىلەن ياكى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىدۇ. بۇ خۇددى غاردىكى ئۈچ كىشىنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى ۋەسىلە قىلغىنىغا، ياكى ئەنبىيالارنىڭ ئاللاھقا قىلغان دۇئالىرىنى دەلىل قىلىپ دۇئا قىلىشقا ئوخشاشتۇر .
دۇئا قىلغۇچى دۇئاسىدا ئاللاھتىن سورىغان بولسىمۇ باشقا بىرىنى ئارىغا سېلىپ خۇددى ئىككىسىدىن سورىغاندەك سورىسا بۇ جايىز ئەمەس. ئەگەر قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئارىغا سېلىپ دۇئا قىلسا بۇ جايىز. ئەگەر پەيغەمبەر ۋە سالىھلارنىڭ زاتى بىلەن سورىسا بۇ بۇيرۇلغان ۋەسىلە ئەمەس. كۆپ ئالىملار بۇنى مەنئى قىلغان ۋە جايىز ئەمەس دېگەن. بەزىسى رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ ئالدىنقىسى توغرا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتى ۋ ە ئىتائىتىنى ۋەسىلە قىلىشتەك ياخشى ئەمەللىرىنى ياكى ياخشىلارنىڭ دۇئاسىنى شېپى كەلتۈرۈپ سورىسا بولىدۇ. چۈنكى سالىھلارنىڭ دۇئاسى تىلىگەنلىرىمىزگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ۋەسىلىدۇر. شۇنىڭدەك ياخشى ئەمەللەرمۇ ساۋاب تېپىشىمىز ئۈچۈن سەۋەبدۇر. ياخشىلارنىڭ دۇئاسى بىلەن تەلەپ قىلىشىمىز ئاللاھ تائالانىڭ ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا ۋەسىلە تەلەپ قىلىڭلاردېگەن سۆزىگە كىرىدۇ. (مائىدە سۈرىسى 35- ئايەت).
ۋەسىلە دېگەن ياخشى ئەمەللەردۇر. دۇئا قىلغان ئاشۇ كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا ۋەسىلە ئىزدەيدۇ ( ئىسرا سۈرىسى 57- ئايەت) يەنى پەرۋەردىگارىدىن ساۋاب ئىزدەيدۇ. ئەگەر بىز ياخشىلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ياخشى ئىشلىرىمىز بىلەن ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىلا ( يەنى زاتىنى ) ۋ ە سىلە قىلساق، بۇ دۇئالىرىمىزنىڭ ئىجابەت بولىشىغا ۋەسىلە بولالمايدۇ. بىز ۋەسىلىنى يولىدا قوللانمىغان بولىمىز. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياكى سەلەف سالىھلاردىن بۇ ھەقتە سەھىھ رىۋايەت يوق .
ئىككىنچى: بۇ دېگەننىڭ مەنىسى؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ماقامى ۋە ھۆرمىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدىكى كاتتا ماقامنىڭ ۋە ئۇلۇغ ئورۇننىڭ ئىگىسى، ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىدۇر. ئۇنىڭ كاتتا ماقامى ئۇنى ۋەسىلە قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن نەرسە سوراش بىلەن بولمايدۇ.
شەيخۇل ئىسلام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھەق دەپ بېكىتكىنى ھەقتۇر. لېكىن بۇ يەردىكى سۆز ئۇنىڭ ماقامىدىن سوراش بولىۋاتىدۇ. دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەق بولسا يوللۇق ھالدا سوراش بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى سورىسا ئىجابەت قىلىدىغان ھەقتۇر. ئەمما دۇئا قىلغۇچى پالانىنىڭ ھەققى بىلەن سورايمەن دېسە، شېپى كەلتۈرۈلگەن زاتلارنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىسى بولسىمۇ، ئۇ مەرتىۋە ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاستۇر. باشقىلار بۇ مەرتىۋىنى شېپى كەلتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى زاتلارغا كۆرسىتىدىغان ھۆرمىتىدىن مەھرۇمدۇر. ئاللاھنىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىشىغا ۋەسىلە بولىدىغان ئىشلار، شۇ بەندىنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشى ۋە ئىتائەت قىلىشىدىدۇر. باشقىسىنىڭ ئەمەلى شەپى كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەگەر سورىغان نەرسە ئۇنىڭ شاپائىتى ياكى دۇئاسى بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىزىن بەرگەن بولسا بۇ ئۇنىڭ ھەققىدۇر. شۇنىڭدەك شاپائەت تەلەپ قىلىنغۇچى زاتلار ئەگەر شۇلارغا شاپائەت قىلسا ياكى ئۇلارغا دۇئا قىلسا بۇ ئۇنىڭ ھەققىدۇر.
شەيخۇل ئىسلام يەنە پەتىۋالار مەجمۇئەسى 1- توم 287 - بەتتە مۇنداق دېگەن: بىراۋ ئۆلگەندىن كېيىن، ئى ئاللاھ ئۇنى ماڭا شاپائەت قىلدۇرغىن ۋە مېنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلدۇرغىن دېسە، بۇ سۆز باتىلدۇر.
ئۈچىنچى: دۇئا ئىبادەتتۇر. بەلكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت دۇئادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: دۇئا - ئىبادەتتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار "ماڭا دۇئا قىلىڭلار مەن ئىجابەت قىلىمەن" دېدى دەيدۇ. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ دېگەن.
ئىبادەت پەقەت ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن بويىچە قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزغا ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى كىرگۈزىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ دېگەن. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: "ئەرەبلەر رەدنى مەردۇد يەنى رەت قىلىنغۇچى ۋە باتىل دېگەن مەنىدە قوللىنىدۇ. بۇ ھەدىس ئىسلام پرىنسىپلىرىدا بىدئەت ۋ ە خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇشتا ئاساسلىنىدىغان ئوچۇق دەلىلدۇر". بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەۋامىئۇل كەلىم دىن ئىبارەت ئىخچام ۋە مەنىلىك سۆزلىرىدىن بىرىدۇر .
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىكى ئۆلىمالاردىن "ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى بىلەن..... " دەپ دۇئا قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: دۇئادا " ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ياكى بەرىكىتى يا ئۇلۇغلىقى يۈزىسىدىن مېنىڭ دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن، تىلەكلىرىمنى بەرگىن " دەپ ۋەسىلە قىلىش ئىسلامدىن چىقىرىدىغان دەرىجىدە شېرىك سانالمايدۇ، ئەمما شېرىككە بېرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش يۈزىسىدىن مۇنداق ۋەسىلە قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ .
شەكسىزكى، پەيغەمبەرلەرنى ۋە سالىھلارنى دۇئادا ۋەسىلە قىلىش شېرىككە ئاپىرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. تەجرىبىلەر ۋە ۋەقەلىكلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇ. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرمۇ شۇنى تەكىتلەيدۇ. شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان يوللارنى ئالدىنى ئىلىش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرىنى سۆكمەڭلار، ئۇلار جاھىللىقىدىن ئاللاھنى سۆكمىسۇن. ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇنىڭ ئەمەلىنى شۇنداق چىرايلىق كۆرسەتتۇق. (ئەنئام سۈرىسى 108- ئايەت).
مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرى باتىل تۇرسىمۇ ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى سۆكۈشتىن توسقان. بۇمۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھقا تىل ئۇزىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىلەرنى مەسجىد قىلىۋېلىشتىن توسقانلىقىمۇ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ سالمىسۇن ئۈچۈن ئىدى. يات ئەر بىلەن يات ئايالنىڭ يالغۇز قېلىشىدىن توسۇشىمۇ ھارامغا چۇشۇپ قىلىپ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئىدى. ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە زىننەتلىرىنى ئېچىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن مەنئى قىلىنغان. چۈنكى دۇئادا ئۆزىنىڭ ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىش ئىبادەتتۇر. ئىبادەتلەر ئىجتىھاد ياكى ئىنسانى خاھىش بىلەن ئەمەس، بەلكى شەرىئەت دەلىللىرى بىلەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىم ياكى ساغلام ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىشقا دائىر دەلىل ئىسپات كەلمىگەن. بۇنىڭدىن بىلىنىدۇكى، ئۇ ئىش بىدئەت، دىندا ئەسلى يوقتۇر . پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 1-توم 501-502-بەتلەرگە قارالسۇن.
سورىغۇچى ئىبنى تەيمىيە تۇنجى بولۇپ ۋەسىلىنى ھارام دېگەن دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئۇ كىشى ئىسلام دۈشمەنلىرىدىن ياكى دىننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردىن ئالغان بولىشى مۇمكىن. ئۆز ۋاقتىدىمۇ ئىبنى تەيمىيەنى قارىلىغانلار ئاز بولمىغان. ھەتتا ئۇنى ئىجمانى بۇزغان كىشىى دەپمۇ سۈپەتلىگەن. لېكىن كۆپلىگەن ئىلمىي دەلىللەر ۋە نۇرغۇن ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بۇ سەپسەتىنى رەت قىلىدۇ. ئىبنى تەيمىيە ئىجمانى بۇزغان ياكى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ئەمەس.
" رەددۇل مۇختار دېگەن ئەسەردە : ھېچكىمنىڭ ئاللاھقا ئاللاھ كۆرسەتكەن يولدىن باشقىسى بىلەن دۇئا قىلىشىغا يول يوق. دۇئا بۇيرۇلغان ۋە كۆرسىتىلگەن تەلىماتتۇر. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئايەتتىن پايدىلىنىش مۇمكىن ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار دېگەن.
ئەللامە كاسانىي مۇنداق دېگەن: " بىراۋ دۇئاسىدا، ئى ئاللاھ پالانى پەيغەمبەرنىڭ يۈز خاتىرىسى ياكى پالانىنىڭ ھەققى ئۈچۈن دەپ دۇئا قىلىشى مەكرۇھتۇر. چۈنكى ئاللاھتا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق ".
ئىبنى ھىمام، زەيلەئىي، ئىمام ئەزەم، ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد قاتارلىق كاتتا ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن، يەنى بۇنداق ۋەسىلىنىڭ سادىر بولىشىدىن چەكلىگەن.
نوئمان خەيرۇددىن ئەلۇسى مۇنداق دېگەن: «دۇئا قىلغۇچىنىڭ پەيغەمبەرلەر ۋە ئەۋلىيالارنىڭ ھەققى ئۈچۈن، بەيتۇللاھنىڭ ھەققى ئۈچۈن دەپ دۇئا قىلىشى مەكرۇھتۇر. چۈنكى ھېچكىمنىڭ ئاللاھتا ھەققى يوق.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەردىن سەلەپ ئالىملىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ تۈردىكى ۋەسىلە قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى ئوچۇق كۆرۈۋېلىشىمىز مۇمكىن.
دېمەك؛ بۇ تۈردىكى ۋەسىلە قىلىشتىن توسقان بىرىنجى كىشى ئىبنى تەيمىيە ئەمەس، ئۇ ئاۋۋالقى ۋە ئاخىرقى توسقان كىشىمۇ ئەمەسلىكى ئېنىقلاندى.
ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى