سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۆمرە ئىبادىتى بۇرۇن ئادا قىلىنامدۇ ياكى قەرزمۇ؟

114534

تارقاتقان ۋاقىت : 12-12-2012

كۆرگۈچىلەر : 3935

سۇئال

مەن ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ئېشىنساملا ئۆمرە-ھەج قىلىمەن دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەگەر ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ئېشىنسام، ئۆتەشكە تىگىشلىك قەرزىم بار تۇرۇقلۇق ئۆمرە قىلسام توغرا بولامدۇ؟ ياكى قەرزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆمرە قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىش، ھەج-ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىشتىن ئۈستۈن قويۇلىدۇ.باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ، قەرز ئىگىلىرى قەرزنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ، قەرزدارلىق ھالەتتە ھەج-ئۆمرە قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئىسلام پرىنسىپى كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى ئالدىنقى قاتاردا قويىدۇ، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى ئارىسىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ئۇلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن بىر-بىرىنىڭ مال-مۈلكىگە يولسۇزلۇق ۋە ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق تەلەپ قېلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: مەن بىر قانچە كىشىگە قەرزدار، بۇ ھالەتتە ئەۋلادلىرىم بىلەن بىرلىكتە رامىزاننى مەككىگە بېرىپ ئۆتكۈزسەم بولامدۇ؟ بىز مەككىدە تۇرۇش جەريانىدا ئۆي ئىجارىسىنى ھەر بىرىمىز ئايرىم تۆلەيمىز،بۇ قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: مەن بىر قانچە سۇئال سوراپ باقاي: نەپلە سەدىقە قېلىش ياخشىمۇ ياكى بېكىتىلگەن زاكاتنى ئادا قىلىشمۇ؟، ئەلۋەتتە بېكىتىلگەن زاكاتنى ئادا قىلىش ياخشى. نەپلە ئىبادەتنىئادا قىلىش ئارتۇقمۇ ياكى پەرز ئىبادەتنى ئادا قىلىشمۇ؟، ئەلۋەتتە پەرز ئىبادەتنى ئادا قىلىش ياخشى.

ئەقلى قاراش بىلەن يەكۈنلىگەندىمۇ، ھەر قاچان پەرز ئىبادەتلەرنى نەپلە ئىبادەتلەردىن بۇرۇن ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەرزى بولغان كىشىنىڭ قەرزىنى ئادا قىلماستىن مەككىگە بېرىپ نەپلە ئىبادەت بولغان ئۆمرە-ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى قەرزنى ئادا قىلىش پەرزدۇر. نەپلە ئۆمرە قىلىش زۆرۈر ئەمەس بەلكى قەرزدار بولۇپ قالغان كىشىدىن پەرز ھەجنى ئادا قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.

قېرىنداشلار! دىن دېگەن ھېسسىيات-تۇيغۇ ئەمەس. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە پەرز قىلغان ئىبادەت ھەج قىلىشتۇر. قەرزدار كىشىدىن ئۆمرە پائالىيەتنى قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۆمرە قىلماستىن دۇنيادىن كەتسە گۇناھكار ھېسابلانمايدۇ.قەرزدار كىشى ھەج قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشىنى بىر پەرزنى ئادا قىلمىدى دېمەيمىز، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدە ئادا قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر پەرز بار، ئۇ بولسىمۇ قەرزدىن ئىبارەت. ئۇ كىشى قەرزىنى ئادا قىلىپ بولمىغىچە ئۇ كىشىگە ھەج قېلىش پەرز بولمايدۇ. ھەجنىڭ پەرز بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ھەج قىلغۇچىنىڭ قەرزدار بولماسلىقىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمىزكى، قېرىندىشىم! سىز رامىزاننى ئۆز يۇرتىڭىزدا ئۆتكۈزۈپ، پۇل-ماللىرىڭىزنى توپلاپ قەرزىڭىزنى تىزدىن ئادا قىلىشقا تېرىشىڭ. ئۆزىڭىزنى ئارتۇقچە جاپاغا سالماڭ. ساراي بىنا قىلىپ شەھەر بۇزغان كىشىدەك بولۇپ قالماڭ.شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئۆز شەھرىڭىزدە تۇرۇشىڭىز زۆرۈردۇر.

يەنە ئېيتىمىزكى، ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشى، ئۇ كىشى ئۈچۈن ھاسىل بولىدىغان ئىقتىسادقا تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئۆز يۇرتىدا تۇرۇشى ياكى سەپەر قىلىشىنىڭ قەرز ئىگىسىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.

مەسىلەن: بىر كىشى ئۇنىڭغا: سىزنىڭ ئون مىڭ كوي قەرزىڭىز بار ئىكەن، نەپلە ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن قەرزنى ئادا قىلىش مۇھىم، سىز ئائىلە-بالىلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە مەن بىلەن بىرگە بىرىڭ، بېرىش-كېلىش ئارىسىدىكى ھەممە خىراجەتنى مەن قىلاي دېسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىرگە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن بېرىشى كېرەكمۇ؟ دېيىلسە، بىز ئېيتىمىزكى، بۇ كىشى باشقىلارنىڭ خىراجىتى بىلەن بولسىمۇ ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى ئەسلى بويىچە داۋاملىشامدۇ ياكى ئازراق بولسىمۇ تۇتۇپ قىلىنامدۇ؟ بۇنىڭغا قارايمىز. ئەگەر ئايلىق ئىش ھەققى ئوخشاش داۋاملاشسا بارسا بولىدۇ. ئەمما ئىش ھەققى سەپەر قىلغانلىق سەۋەبىدىن كېمىيىپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەنمۇ سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

بۇ مەسىلىدە قەرز مۇددەتسىز بولسۇن ياكى مۇددەتلىك بولسۇن ئۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئەگەر قەرز مۇددەتلىك بولۇپ ۋاقتى كەلگەندە ئۆتەشكە كېپىللىك قىلالىسا ئۆمرە قىلىپ كەلسە بولىدۇ. مەسىلەن: ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئىككى ئايدىن كىيىن ئۆتەيدىغان قەرزى بار ئىكەن، ئۇ كىشى ۋاقتى كەلگەندە ئۇ قەرزنى ئۆتەشكە قادىر بولالايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ كىشىنىڭ نەپلە ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. ئۇ كىشىگە: سىزنىڭ ئۆز يۇرتىڭىزدا تۇرۇشىڭىز بىلەن سەپەر قىلىشىڭىزنىڭ قەرز ئىگىسىگە ھېچ قانداق زىيىنى بولمايدۇ. سىز ئۆمرە قىلىپ كەلسىڭىز بولىدۇ، دەيمىز. (ئايلىق ئۇچرىشىش) رەقەم33، 4- نومۇرلۇق سۇئال.

بىزنىڭ سۇئال سورىغۇچىغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: سىز بارلىق قەرزلىرىڭىزنى ئادا قىلىپ بولغىچە كۈتۈپ تۇرۇڭ. سىز ئىش ھەققىم ئاشسا ئۆمرە قىلىمەن دەپ ئۆزىڭىزگە نەزىر بېكىتكەن بولسىڭىز، بۇنى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ياخشى ئىشنى قىلىمەن دەپ نەزىر قىلىش ئىبادەت بولۇپ، بۇنى ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئەمما سىز نەزىر قىلىشنى سۆزلىمەستىن پەقەت ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىشىڭىز مۇستەھەپ يەنى ياخشى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئۆمرە قىلىش مۇسۇلماننى ئۆز پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان كاتتا ئەمەللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى