سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شىئەلەرنىڭ ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قاتناشمىغان دېگەن دەۋاسى توغرىسىدا

116375

تارقاتقان ۋاقىت : 07-08-2015

كۆرگۈچىلەر : 3026

سۇئال

شىئەلەر ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا ھازىر بولمىغان دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى توغرىمۇ؟. ئۇ چاغدا ئۇلار قەيەردە بولغان؟، ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىنى كۈچلاندۇرىدىغان بىرەر دەلىل-ئىسپات بارمۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ قەبىھ ۋە پەسكەش خىسلەت يالغانچىلىقتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغانچىلىق خەتىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار، يالغانچىلىق پىسق-پۇجۇرغا باشلايدۇ، پىسق-پۇجۇر دوزاخقا باشلايدۇ، دائىم يالغان سۆزلەيدىغان ۋە يالغاننى تاللايدىغان كىشى ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا يالغانچى دەپ يېزىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 6134-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2607-ھەدىس].

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە نىسبەت بېرىلىدىغان گورۇھلار ئارىسىدا شىئەرلەردىنمۇ بەكراق يالغانچى بىر گورۇھ يوق. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى بۇرۇندىن ھەممىگە مەلۇملۇق. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئىسلام ئۆلىمالىرى كۆپلىگەن ئەسەرلەردە پاش قىلغان ۋە ئۇلار تاكى ھازىرغىچە بۇ ناچار ئەخلاق بىلەن سۈپەتلىنىپ كەلمەكتە.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسلەرنى نەقل قىلىش، رىۋايەت قىلىش ۋە ئىسنادىنى بايان قىلىشتا شىئە-راپىزىلار ئەڭ بەك يالغانچى كىشىلەردۇر. يالغانچىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇرۇنلا ئومۇملاشقان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئالىملىرى ئۇلارنىڭ يالغاننى كۆپ سۆزلەشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ".

بىر كىشى ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن: شىئە-راپىزىلار توغرىسىدا سورىغاندا، ئىمام مالىك: ئۇلار توغرىسىدا سۆزلىمىگىن، ئۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلمىغىن ئۇلار يالغانچى كىشىلەردۇر، دېگەن.

ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ: مەن شىئە-راپىزىلاردىنمۇ بەكرەك يالغان گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىرىنى كۆرمىدىم دەيدۇ.

يەزىد ئىبنى ھارۇن رەھىمەھۇللاھ: ھەر قانداق بىدئەتچى كىشىدىن (ئۆزىنىڭ بىدئەت قارىشىغا دەۋەت قىلمىسىلا) ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەمما شىئە-راپىزىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاجايىپ يالغانچىدۇر، دەيدۇ.

قازى شەرىك مۇنداق دەيدۇ: سەن راپىزىدىن باشقا ھەر قانداق تائىپىدىن ئىلىم ئالساڭ بولىدۇ، ئەمما راپىزىلار ئۆزلىرى يالغاندىن ھەدىسلەرنى توقۇپ، ئۇنى دىنى ھۆكۈم دەپ داۋراڭ سالىدۇ.

شەرىك قازى: ئۇ شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ قازى يەنى كۇپە شەھرىنىڭ قازىسى بولۇپ، سۇپيان ئەسسەۋرى ۋە ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھلارنىڭ تەڭ تۈشلىرىدىن بولۇپ، ئۇ كىشى، ئۆز ئاغزى بىلەن: مەن شىئە دەپ، شىئەلەرنىڭ ئارىسىدىكى يالغانچىلىققا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ ئەسەر ئىشەنچىلىك بولۇپ، بۇنى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئىبنى بەتتە ۋە باشقا ئالىملارمۇ: "ئىنابەتۇل كۇبرا" دېگەن ئەسەردە نەقىل قىلغان. تۈگىدى. "مىنھاج سۈننەتتۈل نەبەۋىييە" [1-26-27-بەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىرىيەنىڭ 11-يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى دۈشەنبە كۈنلۈكتە ۋاپات بولغان. مەدىنە ئەھلىنىڭ ھەممىسى جىنازە نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن چارشەنبە كۈنى دەپنە قىلىنغان. بۇ توغرىدا ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر جامائەت كىرىدۇ، تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن يەنە بىر جامائەت كىرىدۇ، ئۇلارمۇ تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن يەنە بىر جامائەت كىرىدۇ، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى كىرىپ ناماز ئوقۇدى. [تىرمىزى رىۋايىتى. "شەمائىل مۇھەممەدىيە" ناملىق ئەسەر 338-بەت. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسەرنى سەھىھ دېگەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا مەدىنىدە بار بولغان بارلىق ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىنازە نامىزىغا قاتناشقانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئىش بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچكىم باشقىچە بىر گۇماندا بولمايدۇ، ھەمدە بۇنىڭغا دەلىل تەلەپ قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە ئۆز نەپسىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرەلگۈچى ئىدى. بۇ توغرىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بىر كىشى يوق ئىدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 2754-ھەدىس. بۇ ئەسەرنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدى ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلى ئۈچۈن ئۆچ-ئاداۋەتكە توشۇپ كەتكەن پەسكەش كىشىلەر تۈرلۈك يالغان-توقۇلما ئويدۇرمىلار بىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن قالسىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان، شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىدۇ. ساھابىلار توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ماڭا زامانداش ياشىغانلار، ئاندىن ئۇلاردىن كىيىن كەلگەنلەر ئاندىن ئۇلاردىن كىيىن كەلگەنلەر. [بۇخارى رىۋايىتى 2652-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2532-ھەدىس].

ساھابىلارغا تەنە قىلغان، سۆككەن ۋە ھاقارەت قىلغان كىشىلەر ھەقىقەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تەنە قىلغان ۋە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ساھابىلار بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، ياردەمچىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىدۇر.

ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جىنازا نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىمىغا ھازىر بولغانلىقى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئوچۇق ئىش بولۇپ، بۇنىڭغا ھېچ دەلىل كېرەك بولمايدۇ. خۇددى بىر شائىر ئېيتقاندەك: "كۈندۈزنىڭ بولىشى دەلىلگە ئېھتىياجلىق بولسا ئەقىلدە ھېچ نەرسە توغرا بولمايدۇ".

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كىرگەن كۈنىدە مەدىنىدىكى بارلىق نەرسىلەر يورۇپ كەتكەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان كۈندە بولسا، مەدىنىدىكى بارلىق نەرسىلەر قاراڭغۇ-زۇلمەتكە تولدى. بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىرىدىن قول ئۈزمىدۇق ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى دەپنى قىلىۋاتقان بولساقمۇ بۇ ئىشنى بىزنىڭ قەلبىمىز ئىنكار قىلىۋاتاتتى. [تىرمىزى رىۋايىتى3618-ھەدىس. ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسەرنى سەھىھ دەپ "ئەلبىدايە ۋەننىھايە" ناملىق ئەسىرى 5-توم 239-بەتتە كەلتۈرگەن].

ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن قايتىپ كەلگەندە، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئەنەس! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك جىسمىغا توپا چىچىپ كۆڭلۈڭلار ئارام تاپتىمۇ؟. [بۇخارى رىۋايىتى4462 -ھەدىس].

مۇشۇنداق دەلىل-ئىسپاتلار تۇرسىمۇ ئاشۇ بۆھتانچىلار بۇ تۆھمەتلەرنى قەيەردىن پەيدا قىلىدۇ؟!.

لېكىن ئاشۇ تۆھمەتخورلارنىڭ دىندا مەلۇملۇق بولغان زۆرۈر ئىشلارنى ئىنكار قىلغانلىقى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئۇلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ساقلانغان-مۇھاپىزەت قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىمۇ ئىنكار قىلدى، قۇرئاننى ئۆزگەرتىلدى، ئۇنىڭدىكى بەزى سۈرىلەر ساھابىلار تەرىپىدىن قىسقارتىلدى دەپ گۇمان قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈز ئابرۇيىغا تەنە قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ پەزىلىتى-ئارتۇقچىلىقىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەڭگۈلۈك زىكىر قىلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ توغرىدا مۇتەۋاتىر شەكىلدە نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان ۋە پۈتۈن ئۈممەت ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار ساھابىلارنى ئەڭ ناچار سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ ساھابىلار توغرىسىدا بۇنداق بۆھتانلارنى تارقىتىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا ساھابىلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى ھىمايە قىلغۇچىدۇر. زالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پات-يېقىندا بىلىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن ئۆز دىنىغا ياردەم بېرىشنى، ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىشنى باتىل ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى خار قىلىشنى سورايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ پاك ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا رەھمەت-مەغپىرەت قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنىبىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى