پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ

118101

تارقاتقان ۋاقىت : 28-04-2015

كۆرگۈچىلەر : 2981

سۇئال

شىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا كۆرە، سىلەرنىڭ ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپىغا بولغان كۆز قارىشىڭلار قانداق؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئەقىدىدە ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك، ئەھلى سۈننە بىلەن شىئەلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمايدۇ. ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ ئەقىدىسى بولسا: ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىنى بارلىق ئەمەللەردە نامايەندە قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن يەككە-يېگانە ئاللاھقا قىلىش ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ھېچ ئوخشىشى يوق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار دۇئادا: كىم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر (مەيلى ئۇ ئاللاھقا يېقىن پەرىشتە ياكى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەربولسۇن)، ھېچقاچان ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ھاجەتلىرىنى سورىمايدۇ ۋە ئاللاھ تائالا بارلىق غەيبى ئىشلارنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

ساھابە كىراملارنى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) سۆيۈش، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن رازىلىق تىلەش، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئەۋزەلراقى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمانرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشبولسا ئەھلى سۈننە جامائىتى ئەقىدىسىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

شىئەلەرنىڭ ئەقىدىسى بولسا: يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇ ئىككى ئەقىدىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خۇددى يەھۇدى بىلەن خرىستىئانلارنى،بۇتپەرەسلەر بىلەن ئەھلى سۈننە جامائىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمىغىنىدەك بىر ئىشتۇر. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئەقىدىدىكى ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك، شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننە جامائىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمايدۇ ".

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى