جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھېيت نامىزى ياكى يامغۇر تىلەش نامىزىدا، ئىمام تەشەھۇتتا ئولتۇرغاندا نامازغا كىرگەن كىشىنىڭ نامىزى توغرىسىدا

سۇئال

   ئىككى ھېيت نامىزى ۋە يامغۇر تىلەش نامىزىدا ئىمام تەشەھۇتتا ئولتۇرغاندا نامازغا كىرگەن كىشى ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن ئىمامغا ئوخشاش ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇمدۇ؟ ياكى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ئىككى ھېيت نامىزى ۋە يامغۇر تىلەش نامىزىدا ئىمام تەشەھۇتتا ئولتۇرغاندا نامازغا كىرگەن كىشى، ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىمامغا ئوخشاش تەكبىر، قىرائەت، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىپ ئىككى رەكەت نامازنى ئادا قىلىدۇ.

   ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپى. ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان

  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"8-توم 307-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى