سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان ئاتا-ئانىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك

119545

تارقاتقان ۋاقىت : 12-04-2015

كۆرگۈچىلەر : 2899

سۇئال

دوستۇمنىڭ دادىسى ئاستا خاراكتېرلىك نېرۋا كېسىلى بولۇپ، ئائىلىدە داۋالاش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ ئەكەلگەن، بەزى ۋاقىتتا ھاجەتخانىغا يالاڭ ئاياغ كىرىپ، ئۆيگە نىجاسەت سۆرەپ چىقىدۇ، كۆپ دورا ئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەرىكىتى ئىنتايىن بەك ئاستا، بەزى ۋاقىتتا نەۋىرلىرىنىڭ ئوينىغان، ۋارقىراشقان ياكى ئالدىدا ئەركىلەپ مىڭىۋاتقانلىرىنى مېنى دورىدى، زاڭلىق قىلدى دەپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۇلارنى قورقۇتۇپ قوغلايدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئائىلىدىكى ھاجەتخانىغا كىرمەي، سىرىتقا چىكىتىپ كوچىدا ھاجەت قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىشلار بار، بۇ كېسەلنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا 30يىلدىن ئاشتى، بىر قانچە قېتىم نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلدى، ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك. بەزى ۋاقىتتا ئوغلى دادىسىغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ بولالماي، بەزى ئىشلاردىن تەزدۈرۈش ئۈچۈن ۋارقىرايدۇ، بەزى ۋاقىتتا نەۋرىلىرى بوۋىسىدىن قورقۇپ كەتكەندە، ئوغلى كونتۇرۇللىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، دادىسىنىڭ بەزى ئىشلىرى ئۈچۈن ئاچچىقلانمىسا، دادىسىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. دىنى كىتابلاردىن بۇنداق ئاتا-ئانىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا مالۇماتلارنى تاپالمىدى، سىلەردىن سورايدىغىنىم، ئۇنىڭ ئوغلى مۇشۇنداق جىددىيلىك ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ياشايدۇ، ئەگەر قىلىۋاتقان تەسەررۇپاتلىرى شەرىئەتتە چەكلىنىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ. ئۇنىڭ باشقا ئاكا-ئىنىلىرى يوق ياكى ئارىغا چۈشۈپ دادىسىغا نەسىھەت قىلىدىغان، ئوغۇلنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئانىسىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە توغرا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: دوستىڭىزنىڭ دادىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭدىن شەرىئەت ھۆكۈملىرى يەنى تائەت-ئىبادەتنىڭ ۋاجىپلىقى زىممىسىدىن ساقىت بولغان كىشىلەر قاتارىدىندۇر. ئەمما ئىقتىسادى ھەق-ھوقۇق ساقىت بولمايدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئەقلىنى يوقاتقان، ھوشىدىن كەتكەن كىشىدىن شەرئى تەكلىپ چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا تائەت-ئىبادەتنى ئۇلار ئادا قىلىشقا لايىق بولغاندا ئۇلارغا پەرز قىلدى، يەنى شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان ئەقىل بولغاندا تەكلىپ بولىدۇ، ئەقىل بولمىسا شەرئى تەكلىپ بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساراڭ، بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالا ئەمەل-ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنمايدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتىدىندۇر. ساراڭلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن، ئەمما ئەقلى كەمتۈك كىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭدەك بەك ياشىنىپ قالغانلىقتىن ئەقلىنى يوقىتىپ قويغان كىشىگىمۇ ناماز، روزا پەرز ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ بىر نەرسىنى ئايرىيالمايدىغان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ، ئۇ كىشىدىن تەكلىپ چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەمما ئەقلىنى يوقىتىپ قويسىمۇ ئىقتىسادى بولسا مالىيە جەھەتتىكى تەكلىپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى12/ 4 - ۋە 19 / 40 سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى].

ئىككىنچى: ئەمما ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشىغا كەلسەك، ئائىلىدىكىلەر ئۇ كىشىنى باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدىغان، مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچىدىغان ئىشلاردىن چەكلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئۇ كىشىنى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ياكى ئازار يەتكۈزۈشتىن چەكلەش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بولغان چارىلەرنى تېپىش كېرەك. گەرچە بۇنىڭ ئۈچۈن ۋارقىراپ-جارقىراپ قىلسىمۇ بۇ ئاتا-ئانىنى قاقشاتقانلىق ھېسابلانمىغان تەقدىردىمۇ دادىسىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىشى لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمۇ ئەقلىنى يوقاتقان كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئوغلىنىڭ ئۇنىڭغا ۋارقىرىشى ئۇنى باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن چەكلەشتە پايدىلىق بولىدۇ، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن باشقا يول تۇتۇش ياخشى بولىدۇ. ئەسلىدە دەسلەپتىلا دادىسىغا سىلىق مۇئامىلە قىلىپ ئادەتلەنگەن بولسا، ئەگەر سىلىق سۆز ئۈنۈم بەرمىگەندە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەستىن قاتتىقلىق قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئەگەر مۇمكىن بولسا مەخسۇس مۇشۇ كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالاتسا، ئۇ كىشىنىڭ ھالىدىن ئۆيدە خەۋەر ئالغاندىن ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئۆيدە بولسا ئۆزىگە، ئوغلىغا، نەۋرىلىرىگە ۋە باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئوغلى ۋە ئائىلىدىكى باشقا تۇغقانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن شىپالىق تىلەپ ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىشى، شەرئى يوللار بىلەن رۇقىيە ئوقۇتۇپ داۋالاشقا كۆڭۈل بۆلىشى مۇھىمدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئاشۇ كىشى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنىڭ ۋە رۇقىيەنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بىرىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئائىلىدە ئۇ كىشىنىڭ كىيىم-كېچەك، ئۆي بىساتلىرىنى پاسكىنا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىسەڭلار ئۇنىڭ ئىشلىرىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇڭلار، شۇنداق ئەھۋال يۈزبەرسە، نىجاسەت بولغان ئورۇننى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كېچىكتۈرمەستىن يۇيۇپ پاكىزلاڭلار، ئۇ كىشىگە مېھرىبان بولۇپ، ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن، ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بېرىشىنى، ئوغلىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ياخشىلىق بەتلىرىگە يېزىشنى، شۇنداقلا ئائىلىدە ئۇ كىشىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان ھەممە كىشىلەرگە كۆپ ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى