Wed 24 Shw 1435 - 20 August 2014
12053
ھىدايەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر
ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن» دېگەن ئايىتى بىلەن، ﴿وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴾ تەرجىمىسى: «شەك - شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن» دېگەن ئايىتىنىڭ ئارىسىنى قانداق بىرلەشتۈرىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتتى ۋە ئۇنى ئەقىل-پاراسەتلىك قىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى ۋە كىتاب نازىل قىلدى، ئۇلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتكە چاقىردى، باتىلدىن ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئىنساننى ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى تاللىشى ئۈچۈن ئۆز ھالىغا قويدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقُلِ الْحَقُّ مِن رَّبِّكُمْ ۖ فَمَن شَاءَ فَلْيُؤْمِن وَمَن شَاءَ فَلْيَكْفُرْ ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد!، بۇ ھەق قۇرئان پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن، دېگىن.» [سۈرە كەھف 29-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بارلىق ئىنسانلارغا ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدى. ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزلىرى رىغبەتلەنگەن ئىشلاردا ئىختىيارلىق بىرىلدى. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىتائەت قىلغانلار پايدىغا ئېرىشتى، ئاسىيلىق قىلغانلار زىيان تارتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكُمْ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنَا عَلَيْكُم بِوَكِيلٍ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن.» [سۈرە يۇنۇس 108-ئايەت].

     ئىسلام ئىنسانىيەت تەبىئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئەقىل ئىشلىتىش ۋە پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدىغان بىر دىندۇر. ئاللاھ تائالا باتىلدىن ھەقنى ئايرىپ بايان قىلدى، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىگە بۇيرۇپ، بارلىق يامانلىقتىن چەكلىدى ۋە ئاگاھلاندۇردى. پاك ۋە پايدىلىق نەرسىلەرنى ھالال قىلدى. پاسكىنا ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ھارام قىلدى. دىنغا ھېچ كىشىنى مەجبۇرلىمىدى. چۈنكى بۇ مەسىلىدە پايدا مەنپەئەت ياكى زىيان تارتىش ئىشلىرى ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىقتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ ۚ فَمَن يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللَّـهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ.»

[سۈرە بەقەرە 256-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّامٍ لِّلْعَبِيدِ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر.» [سۈرە پۇسسىلەت 46-ئايەت].

     ھىدايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا خالىغان بولسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغان بولاتتى. چۈنكى ئاسمان-زېمىندا ئاللاھ تائالا ئاجىز كىلىدىغان ھېچنەرسە يوق. كائىناتتىكى بارلىق ئشلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ فَلِلَّـهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ ۖ فَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ ئېنىق پاكىتى بار، ئەگەر ئۇ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى.» [سۈرە ئەنئام 149-ئايەت].

     لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى بىزنى ئىختىيار قىلغۇچى قىلىپ يارىتىشنى تەقەززا قىلدى. بىزگە ھىدايەت ۋە ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى چۈشۈردى. كىمىكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن جەننەتكە كىرىدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن دوزاخقا كىرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قَدْ جَاءَكُم بَصَائِرُ مِن رَّبِّكُمْ ۖ فَمَنْ أَبْصَرَ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ عَمِيَ فَعَلَيْهَا ۚ وَمَا أَنَا عَلَيْكُم بِحَفِيظٍ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى پەيغەمبەر ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (ھىدايەتنى ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر كەلدى، كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا ئۆزىگە پايدا، كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمىسا (يەنى باش تارتسا) ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە (ئەمەلىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان) كۆزەتچى ئەمەسمەن (پەقەت سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرمەن).» [سۈرە ئەنئام 104-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدا ھىدايەت قىلىش سالاھىيىتى بولماستىن، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى  باشقىلارغا ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىش، مەجبۇرلىماستىن كىشىلەرگە ھەق يولنى كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَآمَنَ مَن فِي الْأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعًا ۚ أَفَأَنتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟.» [سۈرە يۈنۈس 99-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى) چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر.» [سۈرە ئەنكەبۇت 18-ئايەت].

     ھەققە ھىدايەت قىلىش پەقەت يەككە-يىگانە بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر. ھېچقانداق بىر ئىنساننىڭ  بۇ خۇسۇسىيەتتە نەسىبىسى يوق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَـٰكِنَّ اللَّـهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى توغرا باشلايدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان ۋە ھەق تەرەپكە يۈزلەنگەن كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ اهْتَدَوْا زَادَهُمْ هُدًى وَآتَاهُمْ تَقْوَاهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.» [سۈرە مۇھەممەد 17-ئايەت].

     كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ھەق يولدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇ ئىنساننى توغرا يولغا ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّـهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» [سۈرە زۇمەر 3-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر. ئىلگىرى بولغان، ھازىر بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان بارلىق ئىشلاردىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر ۋە كاپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى، قىلىدىغان ئەمەللىرىنى ۋە ئاخىرەتتىكى بارىدىغان ئورنىنى بىلگۈچىدۇر، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا لەۋھۇل مەھپۇزدا يىزىقلىقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ كِتَابًا﴾ تەرجىمىسى: «ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز.» [سۈرە نەبە 29-ئايەت].

     ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئىمان ۋە كۇپىردىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بار بولغان ھالەتتە ياراتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشى-يامان يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە ئىنسان 3-ئايەت].

     ئىنساننىڭ ئەقلى يەتكەن دائىرىدە تاللاش-ئىختىيارلىقى بولىدۇ، ئەمما ئەقىل-ئىدراكىنى يوقاتقان، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى، ھەقىقەت بىلەن باتىلنى ئايرىيالمايدىغان كىشىلەردىن دىنى تەكلىپلەر كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىدە ساراڭ ياكى ھوشسىز ئادەم ئەقلىگە كەلگۈچە، كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكۈچە، ئۇخلاپ قالغان كىشى ئۇيقۇدىن ئويغانغىچە ئۇلاردىن تەكلىپ كۆتۈرۈلىدۇ ئۇلار ھەق بىلەن باتىلنى، ياخشى بىلەن ياماننى، ئىمان بىلەن كۇپىرنى ئايرىغۇدەك بولغاندا ئاندىن شەرئى مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ.

     ئىنسان قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە، ساۋاب ۋە جازادىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرىگە ئۇچرايدۇ. يەنى كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، ئاسىيلىق قىلسا دوزاخقا كىرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّاهَا . وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّاهَا﴾ تەرجىمىسى: «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى - فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.» [سۈرە شەمس 9-10-ئايەتلەر].

     ئىككى يولنىڭ بىرىگە يۈزلىنىش بولسا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ھېساب بېرىشنىڭ ئورنىدىدۇر. بۇنىڭدىن شۇ ئاشكارا بولىدۇكى، ھەقىقەتەن ئىمان بىلەن كۇپرى، تائەت بىلەن ئاسىيلىق بەندىنىڭ تاللىشى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ تاللاش بويىچە ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېكىتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّامٍ لِّلْعَبِيدِ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر.» [سۈرە پۇسسىلەت 46-ئايەت].

     كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەتكە رىغبەتلىنىدىكەن ئىسلام دىنىغا تولۇق كىرىشى لازىم. كىمكى ھەقتىن ۋە ئاخىرەتتىكى نېمەتلەردىن يۈز ئۆرۈپ، ئېتىبارسىز دۇنيا مەنپەئەتىگە يۈزلىنىدىكەن، شۇنداقلا ئىسلامغا تولۇق بويسۇنمايدىكەن، ئۇنداق كىشى ئاخىرەتتە ئۆز ئورنىنىڭ جەھەننەم بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. پايدا-زىيان ئىنساننىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككى يولنىڭ بىرىگە مەجبۇرلانمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ هَـٰذِهِ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَن شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز - نەسىھەتتۇر (بۇ ۋەز-نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن.» [سۈرە ئىنسان 29-ئايەت].

     ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

     (پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تۇۋەيجىرىنىڭ: "ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى).

    

     تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

     تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

 

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى