پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

قىران ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى نىيىتىنى ھەججى ئىپرادقا ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟

سۇئال

بەلگىلەنگەن ئورۇندىن قىران ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىپ، مىقاتتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ يالغۇز ھەجنى مەقسەت قىلىپ تەلبىيە ئىيتسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ھەججى تەمەتتۇئنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىپ، ئۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھەججى ئىپراد قىلىش ئۈچۈن تەلبىيە ئېيتقان بولسا، ئۇ كىشىگە قۇربانلىق ھەدىيە كىتەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭ ھۆكمى ئوخشىمايدۇ، ئەگەر ئېھرام كىيىدىغان ئورۇنغا يىتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، تەمەتتۇئ ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئېھرام كىيىدىغان ئورۇنغا يىتىپ كەلگەندە نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ يالغۇز ھەجنىلا مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، ئەمما ئېھرام كىيىدىغان ئورۇندىن ياكى بۇ ئورۇنغا يېتىپ كىلىشتىن ئىلگىرى ھەج بىلەن ئۆمرىگە بىرلىكتە تەلبىيە ئېيتىپ نىيەت قىلىپ، كېيىن بۇنى يالغۇز ھەجگە ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا توغرا بولمايدۇ، لېكىن يالغۇز ئۆمرىگە ئۆزگەرتىۋىتىشى چەكلەنمەيدۇ، ئەمما ھەجگە ئۆزگەرتىشى چەكلىنىدۇ، قىران ھەج يالغۇز ھەجگە ئۆزگەرتىلمەيدۇ لېكىن ئۆمرىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، چۈنكى بۇ مۆمىنلەرگە كۆيۈنۈش بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مىيقاتتىن ھەج بىلەن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيگەنلەر مەككىگە كېلىپ يالغۇز ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا، ئۇنداق قىلسا توغرا بولمايدىغانلىقى، پەقەت بۇنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋەنى سەئيى قىلىپ، چاچنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىپ، كېيىن ھەجگە ئايرىم ئېھرام كىيىپ تەمەتتۇئ قىلىشقا بۇيرىغان بۇنداق قىلىش ياخشى بولىدۇ.

مەنبە: شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرىدىن ئىلىندى