پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئازغۇنلۇققا چاقىرغان ياكى بىدئەتنى ئېتىراپ قىلغان خاتىپنىڭ خۇتبىسىنى تىڭشىغان كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

بىزنىڭ مەھەللىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى جامائەتنى بەزى بىدئەت ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ، بەزى قېرىنداشلىرىمىز دەلىل-پاكىت بىلەن ئىمامنى مەزكۇر بىدئەتلەرنى جامائەتكە تەۋسىيە قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى ۋە ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئىمام ھازىرغىچە ئۇ بىدئەتلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، ئىمام بىدئەتكە چاقىرىپ (مەۋلۇت ۋە تۈنەك قاتارلىق پائالىيەتلەر...) خۇتبە سۆزلەيدىغان جۈمە كۈنلىرىنى بىلسە، ئۇ كۈنى جۈمە نامىزىغا بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلامسىلەر؟، جۈمە نامىزىغا بارغان كىشى ئىمام بىدئەتكە تەرغىب قىلىپ خۇتبە سۆزلىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟ خۇتبە ئاڭلىماستىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ پېشىن ئوقۇسا بولامدۇ؟، ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇتبىلەرنى ئاڭلىغان كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟ چۈنكى بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىمامغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىمام ئۆزىنىڭ بىدئەتكە بولغان چاقىرىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئىمام خۇتبىدە ئاجىز ياكى توقۇلما ھەدىسلەرنى بايان قىلسىمۇ تىڭشاپ ئولتۇرۇش كېرەكمۇ؟. ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى بىدئەتچى بولغان كىشىگە ئېيتىمىزكى، ئىمامنىڭ چاقىرىق قىلىۋاتقان بىدئىتى كۇپىرغا ئىلىپ بارىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ، ئەگەر ئىمامنىڭ بىدئەتچىلىكى كۇپىر ھېسابلىنىدىكەن، ئۇ ئىمامغا ئەگىشىپ بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە نامىزى ياكى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما ئىمامنىڭ بىدئەتچىلىكى كۇپىرغا ئىلىپ بارمايدىغان بولسا، كۈچلۈك قاراشتا، ئۇ ئىمامغا ئەگىشىپنەش ۋاقىت ناماز، جۈمە نامىزى ۋە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ بېكىتىلگەن ھۆكۈم شۇنداقلا سۈننەت ئەھلىنىڭ شۇئارىدۇر. توغىرسى: ئۇ بىدئەتچى ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇغان نامازنى قايتا ئوقۇش كېرەك ئەمەس. بۇ مەسىلىدىكى ئومۇمى قائىدە: "ئۆزى ئۈچۈن نامىزى دۇرۇس بولغان كىشى باشقىلارغا ئىمام بولسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ".

ئەگەر باشقا مەسجىدگە بېرىپ ناماز ئوقۇشى مۇمكىن بولسا بىدئەتچى ئىمامغا ئىقتىدا قىلماستىن باشقا ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇشى كېرەك. بولۇپمۇ دىنى ئۆلىما ۋە تالىپ ئىلىملار ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش قائىدىسى بويىچە ئۇ ئىمامغا نەسىھەت قىلىشى كېرەك. مەزكۇر ئىمام سەۋەپلىك جامائەت نامىزىنى تاشلاپ نامازنى ئۆيدە ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، بولۇپمۇ جۈمە نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش توغرا ئەمەس.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى كىشى ئىمامنىڭ بىدئەتچى ياكى بىدئەتكە دەۋەت قىلغۇچى ۋە ياكى پىسقى-پۇجۇر ئىشلارنى ئاشكارا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلسە، بۇ ئىمام مەسچىتنىڭ قانۇنلۇق ئىمامى بولسا، (يەنى مەھەللە جامائىتى تەرىپىدىن بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە نامىزى، ئىككى ھېيت نامىزى شۇنداقلا ئەرەپات كۈنىدە ھاجىلارغا ئىمام بولىدىغان كىشى بولسا) ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ، بۇ ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. شۇنداقلا مەزھەپ ئىماملىرىدىن ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام شاپىئى ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىدە كىتابلىرىدا: "جۈمە ۋە ئىككى ھېيت نامىزىنى ھەر قانداق شارائىتتا ئىمام تەقۋادار ياكى پاسىق بولسۇن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇشقا بولىدۇ، شۇنىڭدەك يۇرت ئىچىدە بىرلا ئىمام بولسا، ئۇ ئىمام بىدئەتچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇلىدۇ، چۈنكى ئىمام پاسىق بولسىمۇ يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن جامائەت بولۇپ ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى كۆپ بولىدۇ" دېيىلگەن. مانا بۇ ئىمام ئەھمەد، ئىمام شاپىئى قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، بەلكى ھەنبەلى مەزھىپىدىكى كۈچلۈك قاراشتا نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ۋاجىپ دېيىلىدۇ. ئىمامنى پاسىق دەپ جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا بىدئەتچى دەپ قارىلىدۇ. شۇنداقلا "ئەبدۇس" ناملىق رىسالىدە ئىبنى مالىك ۋە ئەتتارمۇ شۇنداق دەپ قارىغان.

توغرىسى: ئۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇيدۇ، ئوقۇغان نامازنى قايتا تەكرارلىمايدۇ. چۈنكى ساھابىلارمۇ پاجىر-پاسىق ئىمامغا ئەگىشىپ جۈمە نامىزى ۋە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان، ئوقۇغان نامازلىرىنى قايتا تەكرار ئوقۇمىغان. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ سەقەپىيگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلارمۇ ۋەلىيد ئىبنى ئۇقبىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان. ۋەلىي ئىبنى ئۇقبە ھاراق ئېچەتتى. ھەتتا بىر قېتىم بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى تۆت رەكەت ئوقۇغان، ئاندىن جامائەتكە: نامازنى ئارتۇق ئوقۇدۇممۇ؟ دەيدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ: سەن بىزگە ئىمام بولغاندىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە نامازنى زىيادە ئوقۇۋاتىمىز دېدى، شۇ سەۋەپتىن بۇ توغرىدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا شىكايەت قىلىنغان.

سەھىھ بۇخارىيدا بايان قىلىنىشچە، "ئوسمان رەزىيەللاھۇ قورشاۋدا قالغاندا، بىر كىشى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان، ئارىدىن بىرسى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: سىز چوڭ ئىمام تۇرسىڭىز، بۇ پىتنىچى، كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدىغۇ؟ دېگەندە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى قېرىندىشىم! ناماز دېگەن كىشىلەر قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئەگەر چىرايلىق، توغرا ئوقۇسا، ئەگىشىڭلار، توغرا ئوقۇمىسا خاتالىقىدىن يىراق بولۇپ توغرىسىنى قوبۇل قىلىڭلار،" دېگەن. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.

پاسىق بىلەن بىدئەتچىنىڭ يالغۇز ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدىكەن، ئۇلارغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئۇنداق ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشنى ياقتۇرمايدىغان كىشى ئۈچۈن مەكرۇھ بولىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش پەرز بولغاندىن كىيىن بىدئەتنى ئاشكارا قىلغۇچى ياكى پىسقى-پۇجۇرنى ئاشكارا قىلغۇچى ئادەمنى مۇسۇلمانلارغا ئىمام قىلماسلىق لازىم، بەلكى ئۇنداق كىشىلەرنى ھەقىقەتكە قايتىپ تەۋبە قىلغانغا قەدەر ئەدەپلەش كېرەك بولىدۇ. تەۋبە قىلغۇچە قەدەر ئۇ كىشى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر: بۇنداق ئىماملارغا ئەگەشمەي باشقا ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇسا، بەلكىم بىدئەتچى ئىماملار بۇنىڭ تەسىرىدە تەۋبە قىلىشى مۇمكىن ياكى ئىماملىقتىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن ۋە ياكى بۇ تۈردىكى بىدئەتلەرنى قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭدىن قايتىشى مۇمكىن. شۇنداقلا جامائەتنى ۋە جۈمە نامىزىنى تەرك قىلماي مەزكۇر ئىبادەتلەرنى باشقا مەسجىدلەردە ئادا قىلغىلى بولۇش شەرتى ئاستىدا يۇقىرىقىدەك ئىماملارغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇماسلىق لازىم. ئەمما ئۇلارغا ئەگەشمىگەندە، جامائەت نامىزى ۋە جۈمە نامىزى تەرك ئېتىلسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇش كېرەك. جامائەتنى ۋە جۈمە نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى بىدئەتچى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ساھابىلارنىڭ يولىغا قارشى يول تۇتقان بولىدۇ. [چوڭ پەتىۋالار ناملىق ئەسەر2-توم307- 308-بەتلەر].

ئىككىنچى: يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇ بىلىنىدۇكى، سىزنىڭ سوئالىڭىزدا بايان قىلىنغاندەك خاتىپنىڭ بىدئەتكە چاقىرغان، ئاجىز ياكى توقۇلما ھەدىسلەرنى بايان قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانكىشىنىڭ مەسچىتتىن خۇتبە ئاڭلىماي چىقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما چىقىپ كېتىدىغان كىشى يۈز ئابرۇيلۇق ئىلىم ئەھلى بولسا، بۇ مەسچىتتىن چىقىپ باشقا مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇسا ۋە ئىلگىرى بۇ بىدئەتچى ئىمامغا ھەقىقەتنى بايان قىلىپ ھەققە قايتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ مەسچىتتىن چىقىپ كېتىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئىلگىرى ئۇ ئىمامغا ھەققە قايتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلمىغان بولسا ياكى بۇ مەسچىتتىن چىقىپ باشقا مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇ كىشىنىڭ خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا مەسچىتتىن چىقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئۇ ئىمام كۇپىرغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلغان، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدىغان كىشى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مەسچىتتىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ.

بىز 6366-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ئىمام-خاتىپ خۇتبە سۆزلەش جەريانىدا ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلىدىكەن، بىدئەتنى ئېتىراپ قىلىپ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدىكەن ياكى شېرىك ئەقىدىگە چاقىرىق قىلىدىكەن، مانا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خۇتبىنى ئاڭلىماستىن مەسچىتتىن چىقىپ كەتسە دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش كىشىلەر ئارىسىدا پىتنە-پاساتقا ۋە شۇ ۋاقىتتىكى جۈمە نامىزىنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا خۇتبە تۈگىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىمام سۆزلىگەن خاتالىقلارنى كىشىلەرگە بايان قىلىپ بېرىشى لازىم بولىدۇ.

ئىمامنىڭ خاتالىقىنى ئىنكار قىلىدىغان كىشى ھەقنى بايان قىلىپ بېرىشتە، ئېغىر-بېسىق، مۇلايىم ۋە تەمكىن بولىشى كېرەك، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ مۇنكەرنى ئىنكار قىلىشى ھەق ئىگىلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە ئىتتىپاقسىزلىقىغا سەۋەپ بولماسلىقى كېرەك.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن، كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن خۇتبە ئارىسىدا ئاجىز-توقۇلما ھەدىس ياكى ئىسرائىلىيات ۋەقەلىكلىرىنى سۆزلەۋاتقان ئىمام-خاتىپقا ئىسلام دىنىدا قانداق ھۆكۈم بولىدۇ؟ دېگەن سوئال سورالغاندا: ئۇلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر سىزئۇ ئىمامنىڭ خۇتبە ئارىسىدا ئەسلى بولمىغان ئىسرائىلىيات ۋەقەلىكلىرىنى ياكى ئاجىز-توقۇلما ھەدىسلەرنى بايان قىلغانلىقلىرىنى ئېنىق بىلسىڭىز، ئۇ ئىمامغا نەسىھەت قىلىپ بۇنىڭ ئورنىغا سەھىھ ھەدىسلەرنى ۋە قۇرئان كىرىم ئايەتلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈش، سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەن سۆزلەرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بەرمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلىڭ. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىن نەسىھەتتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

نەسىھەت چىرايلىق شەكىلدە مۇلايىملىق بىلەن بولىدۇ، قاتتىقلىق، قوپاللىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، سىز ئارقىلىق باشقىلارغا مەنپەئەت يېتىدىغان قىلسۇن. [شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇل رەززاق ئەپىيپىي، شەيخئابدۇللاھ غۇدەييان. ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 8-توم 229-230-بەتلەر].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىلەر، ئىمام-خاتىپى بىدئەتچى ئەمەس، ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلمايدىغان باشقا بىر مەسجىدكە بارالىساڭلار نامازنى شۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇڭلار، ئەمما سىلەر باشقا مەسجىدكە بارالمىساڭلار ياكى ئەتراپتا باشقا مەسجىد بولمىسا، سىلەرنىڭ ئىمامىڭلارنى ۋە جامائەتنى تاشلاپ مەسچىتتىن چىقىپ كېتىشىڭلار توغرا بولمايدۇ. سىلەر كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭلار، مۇلايىم كەمتەر بولىشىنى ئادەت قىلىڭلار، دىنغا دەۋەت قىلغاندا گۈزەل-چىرايلىق ئۇسۇلنى قوللىنىڭلار.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى