پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېتىكاپ قىلىشنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

ئىېتىكاپنىڭ شەرتلىرى قايسى؟، ئېتىكاپ قىلغاندا روزا تۇتۇش كېرەكمۇ؟، ئېتىكاپ قىلغۇچى كېسەل يوقلىسا، چاقىرغان جايلارغا بارسا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلسا، جىنازىغا ئەگىشىپ قەبرىستانلىققا بارسا ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا بارسا توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ئېتىكاپ بەش ۋاقىت ناماز ۋە جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان چوڭ مەسچىتلەردە قېلىنىدۇ، ئېتىكاپ قىلغۇچى جۈمە ئوقۇش پەرز قىلىنغان كىشىلەردىن بولسا، جۈمە ئوقۇلىدىغان چوڭ مەسچىتتە ئېتىكاپ قېلىشى ئەۋزەلدۇر. چۈنكى كېچىك مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا، جۈمە نامىزىغا چىقىمەن دەپ سىرىتقا چىقىش ئارقىلىق ئىېتىكاپنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىشى مۇمكىن. رامىزاندىن باشقا ئايلاردا ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ ئېتىكاپ جەريانىدا نەپلە روزا تۇتۇشى شەرت ئەمەس.

سۈننەت بويۇنچە، ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپقا كىرگەندىن كېيىن كېسەل يوقلىمايدۇ، چاقىرغان جايلارغا بارمايدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنىڭ ئادا قىلىش ئۈچۈن چىقمايدۇ، جىنازا نامىزىغا چىقىپ قەبرىستانلىققا بارمايدۇ ۋە باشقا ئىش-ھەرىكەتلەر ئۈچۈن مەسچىتنىڭ سىرتىغا چىقمايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئېتىكاپ قىلغۇچى كېسەل يوقلىمايدۇ، جىنازا نامىزىغا چىقمايدۇ، ئاياللىرى بىلەن قۇچاقلاشمايدۇ، زۆرۈر بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن سىرتقا چىقمايدۇ، دېيىلگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2473-ھەدىس].

مەنبە:  سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى ئىشلار پەتىۋا كومىتېتى(10/410)