Tue 20 Rmd 1436 - 7 July 2015
12488
روزىدارنىڭ ئېغىزىنى ئىچىشى دۇرۇس بولغان كېسەللىكلەر قايسى؟
مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن رامىزان ئېيىدا ئېغىزىنى ئىچىش دۇرۇس بولىدىغان كېسەللەر قايسى؟ ھەرقانداق كېسەل بولۇش سەۋەبلىك روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    كۆپچىلىك ئالىملار ۋە تۆت مەزھەپ پېشىۋالىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر كېسەللەرنىڭ رامزاندا ئېغىز ئىچىشى (يەنى روزا تۇتماسلىقى) دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر كېسەل ئېغىر بولمىسا ئېغىزىنى ئىچىشى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئېغىر كېسەل دېگىنىمىز:

    1-روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلار.

    2-روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن كېسەل ساقىيىشى كېچىكىپ كېتىدىغانلار.

    3-روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن كېسىلى ئېغىرلىشىپ ياكى ساقىيىشى كېچىكىپ كەتمىسىمۇ ئەمما كۆپ چارچاپ كېتىدىغانلار.

    4- بەزى ئالىملار روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ قالىدىغانلارنىمۇ مۇشۇ تۈردىن دەپ قارايدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسىرى 4-توم 403-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "رامىزاندا ئېغىزىنى ئىچىشى دۇرۇس بولىدىغان كېسەللەر، روزا تۇتسا كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ياكى روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن ساقىيىشى كېچىكىپ كېتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر. 

    ئىمام ئەھمەدگە: كېسەل قانداق ۋاقىتتا روزىنى بۇزىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئىمام ئەھمەد: روزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قادىر بولالمىغانلار بۇزۇۋېتىدۇ دەيدۇ. "قىزىتمىسى ئۆرلەپ تىترەپ قالغاندىمۇ ( مالارىيا ياكى جان قوقاق ياكى بەزگەك) دېگەندە، ئىمام ئەھمەد: ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر كېسەل بولامدۇ؟... دېگەن.

    توغرىسى، روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن كېسىلىنىڭ زىيادىلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن بىمارلار ئۈچۈن رامزاندا روزا تۇتماي ئېغىزىنى ئىچىشى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇنداق ھالەتتە روزا تۇتسا بىمارنىڭ كېسىلى يېڭىدىن قوزغىلىدۇ ياكى زىيادە بولىدۇ ياكى ساقىيىشى كېچىكىدۇ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردىن ئەنسىرىسە ئېغىزىنى ئىچىشى دۇرۇس بولىدۇ".

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "ئەلمۇجمۇئ" ناملىق ئەسىرى 6-توم262-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان كېسەل دېگەن: كېسەلدىن ساقىيىشى ئۈمىد قىلىنمايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇ بىمارغا روزا تۇتۇش زۆرۈر ئەمەس، تۇتۇش سەۋەبىدىن بەك قېينىلىپ، جاپا تارتىپ كېتىدىغان كىشىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. بەلكى شافىئى مەزھىپىدىكى كۆپچىلىك ئالىملار: روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن كۆپ جاپا تارتسا ۋە روزا تۇتۇپ بەك قىينىلىپ كەتسە ئۇنداق ھالەتتە ئېغىزىنى ئىچىشى زۆرۈر بولىدۇ دېگەن".

    يەنە بىر قىسىم ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق كېسەل بولسا گەرچە كېسەللىك سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق بولمىسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن روزا تۇتماي، ئىپتار قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ.

    ئەمما بۇ بىرتەرەپلىمىلىك قاراش بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ قاراشقا رەددىيە بەرگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ قارىشىمىزدا روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايدىغان كېسەللەرنىڭ روزا تۇتماي ئېغىزىنى ئىچىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. [ئەلمەجمۇئ 6-توم261-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتسا كېسىلىگە تەسىر بولمايدىغان بىمارلار، زۇكام، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى دېگەندەك كېسەللەر بولسا ئۇلارنىڭ بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي ئېغىز ئىچىشى توغرا بولمايدۇ. بەزى ئالىملار  سۈرە بەقەرەدىكى بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىپ ھەرقانداق كېسەلنىڭ ئىپتار قىلىشىنى دۇرۇس دەيدۇ، : ﴿وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. لېكىن بىز بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىنى بۇنىڭدىكى ئىللەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن دەلىللەپ بايان قىلساق، كېسەل ئېغىر بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتماستىن ئېغىز ئىچىشى ياخشى، ئەمما روزا تۇتسا كېسىلىگە ھېچ تەسىرى بولمىسا بۇنداق ھالەتتە ئۇ بىمارنىڭ روزا تۇتماستىن ئېغىز ئىچىشى توغرا بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر". [شەرھى ئەلمۇمتىئ 6-توم352-بەت].

    ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى