Tue 7 DhQ 1435 - 2 September 2014
1252
ئىمام مەھدىينىڭ چېقىشى ھەقىقەتمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟
ئىمام مەھدىينىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىس سەھىھمۇ ياكى سەھىھ ئەمەسمۇ؟. دوستلىرىمدىن بىرى ئۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى سەھىھ ئەمەس بەلكى زەئىپ ھەدىس دەيدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىمام مەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا يەنى قىيامەتتىن بۇرۇن ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىندى. مەھدى ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا ئاشكارا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە يېقىنلاشقانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ بەزىسىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:

     1-ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەھدى ئاخىر زاماندا مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كۆپ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، زېمىندىن كۆپلەپ مول-ھوسۇل ئېلىنىدۇ، مال-دۇنيا كۆپىيىدۇ، چارۋىلار ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئۈممەت كۈچلىنىدۇ، مەھدى ئۇلار بىلەن يەتتە ياكى سەككىز يىل بىرگە ياشايدۇ.» [ھاكىم مۇستەدرەك ناملىق ئەسىرى 4-توم 557-558-بەتلەردە، بۇ ھەدىسنى ئىسنادى سەھىھ، ئەمما  بۇخارىي ۋە مۇسلىم بايان قىلمىغان دەپ قەيت قىلىدۇ. ئىمام زەھەبى ئىمام ھاكىمنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدۇ. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى توغرا راۋىلىرى ئىشەنچىلىك دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى2-توم 336-بەت 771-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     2-ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەھدى بىزنىڭ خانىدانىمىزدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى بىر كېچىدە ئىسلاھ قىلىدۇ.» [مۇسنەدى ئىمام ئەھمەد 2-توم 58-بەت 645-ھەدىس. مەرھۇم ئۇستاز ئەھمەد شاكىر بۇ ھەدىسنى تەكشۈرۈپ ئىسنادىنى سەھىھ دېگەن. سۈنەن ئىبنى ماجە 2-توم1367-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ جامى ئەسسەغىردە 6735-ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

     ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ  ھەدىستە بايان قېلىنغان «ئاللاھ تائالا ئۇنى بىر كېچىدە ئىسلاھ قىلىدۇ،» دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ھەققە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئىلگىرى بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئىلھام قىلىدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ." ["ئۇرۇش ۋە پىتنىلەرنىڭ نىھايىتى" ناملىق ئەسەرنىڭ تاھا زەيتى تەھقىقلىغان نۇسخىسى 1-توم 29-بەت].

     3-ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەھدى مېنىڭدىن، ئۇنىڭ پېشانىسى كەڭ، بۇرنى قاڭشارلىق تۈز، ئۇ زۇلۇمغا چۆمگەن زېمىندا يەتتە يىل ئادالەتنى بەرپا قىلىدۇ.» [سۈنەن ئەبۇداۋۇد (ئىمام مەھدىگە ئالاقىدار بۆلىمى) 11-توم 375-بەت 4265-ھەدىس. ھاكىم مۇستەدرەك ناملىق ئەسىرىنىڭ 4-توم557-بىتىدە، بۇ ھەدىس مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان بولسىمۇ ئەمما بۇخارىي ۋە مۇسلىم كەلتۈرمىگەن دەيدۇ. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 6736-ھەدىس].

      4-ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەھدىينىڭ نەسەبى ماڭا تۇتىشىدۇ، ئۇ مېنىڭ خانىدانىمدىن، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادلىرىدىن.» [سۈنەن ئەبۇ داۋۇد 11-توم 373-بەت. سۈنەن ئىبنى ماجە 2-توم 1368-ھەدىس. ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 6734-ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

     5-جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زېمىندىكىلەرنىڭ ئەمىرى (باشلىقى) مەھدى بولۇپ، ئۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسىلە دەيدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام: ياق،  ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى بەزىلىرىگە ئەمىر بولۇشىنى  ئىرادە قىلدى،» دەيدۇ. سەھىھ مۇسلىمدا: «ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زېمىندىكىلەرنىڭ ئەمىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگىن دەيدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام: «ياق،  ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنى ھۆرمەتلەپ، سىلەرنىڭ بەزىلىرىڭلارنى بەزىلىرىڭلارغا ئەمىر بولۇشۇڭلارنى ئىرادە قىلدى،» دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 225-ھەدىس].

     6-ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىزدىن بولغان بىرى ئىمام بولىدۇ، مەريەم ئوغلى ئىسا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇيدۇ.» [ئەبۇ نۇئەيم "مەھدى توغرىسىدا خەۋەرلەر" ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 5-توم 219 -بەتتە 5796-ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

     7-ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيا يوقالماي ياكى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، مېنىڭ خانىدانىمدىن بولغان بىر كىشى ئەرەبلەرگە رەھبەر بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئىسمىمغا، دادىسىنىڭ ئىسمى دادامنىڭ ئىسمىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.» [مۇسنەدى ئەھمەد5-توم 199-بەت 3573-ھەدىس. سۈنەن ئەبۇ داۋۇت 11-توم 370-بەت].

     ئىمام مەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر بەزى ئالىملارنىڭ بايانىغا كۆرە، مەنىۋىي تەرەپتىن مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتكەن. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بۇ بەزى قاراشلىرىنى بايان قىلىمىز:

     1-ھاپىز ئەبۇ ئەلھەسەن ئەلئابىرى مۇنداق دەيدۇ: ئىمام مەھدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خانىدانىدىن ئىكەنلىكى، يەتتە يىل ئەمىر بولىدىغانلىقى، زېمىندا ئادالەتنى بەرپا قىلىدىغانلىقى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشۈپ ئۇنىڭ دەججالنى ئۆلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى، شۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈممەتكە ئىمام بولىدىغانلىقى ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان خەۋەرلەر ئىنتايىن كۆپتۇر.

     2- مۇھەممەد ئەلبەرزەنجى: "قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ تارىلىشى" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "قىيامەت يېقىنلاشقاندا ئاشكارا بولىدىغان چوڭ ئالامەتلەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئىمام مەھدىينىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر. بۇ ھەقتە تۈرلۈك شەكىلدە  ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ھەممىنى توپلاش قېيىن بولىدۇ.

     مۇھەممەد بەرزەنجى يەنە مۇنداق دەيدۇ: شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىمام مەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خانىدانىدىن، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر مەنىۋىي تەرەپتىن مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھېچ ئاساسى يوق.

     3- ئەللامە مۇھەممەد سەپارىينى مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مەھدىينىڭ زامان ئاخىردا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر مەنىۋىي تەرەپتىن مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ھەتتا بۇ ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن بىرى بولۇپ سانالدى. مەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىس ۋە ئەسەرلەر زىكىر قىلىندى، شۇنداقلا بۇ ھەدىسلەرنى بايان قىلغان ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ بايان قىلىندى.

     مۇھەممەد سەپارىينى رەھىمەھۇللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەر كۆپلىگەن ساھابىلاردىن بايان قىلىنغاندىن تاشقىرى، ئۇلاردىن كېيىنكى دەۋىردە تابىئىنلارمۇ بۇ ھەقتە قەتئىيلىكنى ئىپادىلەيدىغان دەلىللەرنى توپلىغان. ئىمام مەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىشىنىش ۋاجىپ بولغان مەسىلىلەردىن بولۇپ، بۇ ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئېتىقاتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەقىدە كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

     4-ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىشى كۈتىلىۋاتقان ئىمام مەھدى توغرىسىدا ئەللىكتىن ئارتۇق ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ھەدىسلەر مەنا جەھەتتە مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ. ئۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى سەھىھ، بەزىسى ھەسەن يەنە بەزىلىرى زەئىپ بولسىمۇ باشقا ھەدىسلەر بىلەن كۈچلىنىدۇ. بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسلەر شەك-شۈبھىسىز مۇتەۋاتىردۇر. بەلكى ھەدىس قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بېكىتىلگەن بويىچە، مۇتەۋاتىر دېگەن ھۆكۈم بۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەك (يەنى سانى ۋە راۋىلىرى ئاز) ھەدىسلەرگە مۇۋاپىق كەلگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ساھابىلاردىن مەھدىينىڭ چىقىشى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىجتىھاد قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغان بۇنداق مەسىلىلەردە بۇ ئەسەرلەرگە مەرپۇ (يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىدىغان) ھادىسلەرنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ.

     5- ئەللامە شەيخ سىدىق ھەسەلخان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام مەھدىينىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر  تۈرلۈك شەكىلدە رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمى جەھەتتىن مەنىۋىي مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدۇ، ئۇ ھەدىسلەر  مەشھۇر ھەدىس توپلاملىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلامى توپلاملار، مۇسنەدلەر ۋە قامۇسلاردا بايان قىلىنغان.

     6-شەيخ مۇھەممەد جەپەر ئەل كەتتانىي مۇنداق دەيدۇ: سۆزنىڭ خۇلاسىسى؛ ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىشى كۈتىلىۋاتقان ئىمام مەھدى توغرىسىدا، دەججالنىڭ چېقىشى ۋە ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ. [يۇسۇپ ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلۋابىلنىڭ "قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى" ناملىق ئەسىرى 195- 203-بەتلەرگە قارالسۇن].

     شۇنى بىلىش كېرەككى، نۇرغۇن كاززابلار ئىمام مەھدى توغرىسىدا يالغان ھەدىسلەرنى توقۇپ، كاززابلاردىن مەلۇم شەخسنى مەھدى دەپ بېكىتكەن ياكى مەھدىينى ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئېتىقاتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرىدىن دەپ دەۋا قىلغان. شۇنىڭدەك كۆپلىگەن يالغانچى-كاززاپلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئالداش، ئىسلامنىڭ شان-شەرىپىنى چۈشۈرۈش ۋە ئەرزىمەس دۇنيا مەنپەئەتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىمام مەھدى دەپ دەۋا قىلغان. ھەتتا ئۇ يالغانچىلارنىڭ بەزىلىرى سىياسى ئۆزگىرىش، ئىنقىلاب قوزغىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارغا ئەگەشكەن، ياكى مەلۇم دۇنيا مەنپەئەتىنى دەپ ئۇلارنى قوللىغان، ئاندىن ئۇ يالغانچىلار مەغلۇب بولغاندا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى، ساختىپەزلىكى ۋە مۇناپىقلىقى ئاشكارا بولغان. ئۇ ئىشلار ئەھلى سۈننە جەمائىتىنىڭ ئىمام مەھدى توغرىسىدىكى قارىشى ۋە ئېتىقادىغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىمام مەھدى (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) زېمىندا ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

     تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

     تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى