سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەجدە شەيتانلارغا تاش ئېتىش بولسا دىننىڭ شۇئارلىرىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

    ھەجدە شەيتانلارغا تاش ئېتىشنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن دەلىلى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھەجدە شەيتانلارغا تاش ئېتىش بولسا مۇشۇ كاتتا ئىبادەتنى مەقسەت قىلغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، پەرىز ھەجنىڭ شۇئارلىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ كاتتا شۇئارنى ئوچۇق بايان قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىناغا قايتقاندا تۆگىسىنىڭ كەينىگە پەزلى ئىبنى ئابباسنى مىنگەشتۈرىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتانغا تاش ئاتقانغا قەدەر تەلبىيە ئېيتىپ ماڭغان». [بۇخارى رىۋايىتى 1685-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1282-ھەدىس].

    ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «چوڭ شەيتاننىڭ يېنىغا كەلگەندە، بەيتۇللاغا سول تەرىپىنى، مىناغا ئوڭ تەرىپىنى قىلىپ يەتتە دانە تاش ئاتقان ۋە بەقەرە سۈرىسى نازىل بولغان زات (يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ) مۇشۇنداق تاش ئاتقان دېگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى1748-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1296-ھەدىس].

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مىنادا تاش ئاتىدىغان جايغا كەلگەندە، كېچىك شەيتانغا يەتتە دانە تاشنى ئېتىپ، ئاندىن بىر ئاز ئالدىغا مېڭىپ بوش يەرگە كىلىپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ ئۇزۇن تۇراتتى، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلاتتى، ئاندىن ئورتا شەيتاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا يەتتە دانە تاشنى ئېتىپ، سول تەرەپكە ئۆتۈپ بوش يەرگەكىلىپ قىبلىگە يۈزلىنىپ ئۇزۇن تۇراتتى، ئاندىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلاتتى، ئاندىن پەسكە چۈشۈپ جىلغىنىڭ ئوتتۇردىكى چوڭ شەيتانغا يەتتە دانە تاش ئاتاتتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرمايلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتەتتى ۋە مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم دەيتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 1751-ھەدىس].  

    ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملارنىڭ ھەممىسى، مىنادا تۇرىدىغان كۈنلەردە كۈن ئېگىلگەندىن كېيىن تاش ئاتقان كىشى توغرا قىلدى دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلدى". [ئىبنى مۇنزىرنىڭ "ئەلئىجمائ" ناملىق ئەسىرى11-بەت].

 ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىنكى ئۈچ كۈننىڭ تاش ئاتىىغان كۈنلەر ئىكەنلىكى، كىمكى بۇ كۈنلەردە كۈن ئېگىلگەندىن كىيىن تاش ئاتقان بولسا توغرا قىلغانلىقىغا ئىتتىپاق كەلدى". [ئىبنى ھەزمىنىڭ"ئىجمانىڭ مەرتىۋېلىرى" ناملىق ئەسىرى46-بەت].

  ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربان ھېيت كۈنى مۇزدەلىپىدىن مىناغا كەلگەن كىشى تاش ئېتىشنى چوڭ شەيتاندىن باشلايدۇ، ئۇ مىنا تەرەپتىكى ئاخىرقى ۋە مەككە تەرەپتىكى ئەۋۋەلقى شەيتان بولۇپ، مىنانىڭ ئاخىرىقى تەرىپىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقەبە دەپ ئاتالغان، بۇنىڭغا يەتتە دانە تاش ئېتىلىدۇ، ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا تەكبىر ئېيتىلىدۇ، قىبلىگە يۈزلىنىدۇ جىلغىنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ، تاشنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن تۇرمايلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئىلىم ئۆگەنگەن ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدۇر". ["ئەلمۇغنى" 3-توم218-بەت].

    ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەيتانغا تاش ئېتىش بولسا ئۇنىڭ بىلەن بۇيرۇققا بويسۇنۇش، بەندىچىلىك ۋە قۇللۇقنى ئاشكارا قىلىش، ئەقلى ۋە نەپسى خانىشقا قارىماستىن پەقەت بۇيرۇققىلا بويسۇنۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇنىڭ بىلەن يەنە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بولۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇندا ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان شەيتان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن يولدىن چىقىرش ۋە قىلىۋاتقان ھەج ئىبادىتىگە شەك-شۈبھە پەيدا قىلىش ئۈچۈن توغرا بولغان، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى شەيتانغا تاش ئېتىپ قوغلاپ ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى يوق قىلىشقا بۇيرىغان، ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىىزگە: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا شەيتان كۆرۈنۈپ پىتنىگە سالغىلى تۇرغاندا تاش ئېتىپ قوغلىۋېتىپتىكەن، ئەمما ماڭا شەيتان توغرا بولمايدۇ دېگەن چۈشەنچە كېلىپ قالسا، بىلىڭكى! بۇمۇ شەيتاننىڭ پىتنىسىدۇر. شەيتان سىزنىڭ تاش ئېتىشتىكى ئىرادىڭىزنى بوشىتىش ئۈچۈن دىلىڭىزغا پىتنە تاشلىدى، سىزگە قۇرۇق يەرگە تاش ئېتىشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بۇ ئويۇن ئوينىغانغا ئوخشاش بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولما دەپ خىيال قىلدۇردى، سىز شەيتاننىڭ بۇرننى يانچىش ئۈچۈن تاش ئېتىش ئىرادىڭىزنى كۈچەيتىپ كۆڭلىڭىزدىن شەيتاننى يىراق قىلىڭ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى! سىز كۆرۈنۈشتە تىكلەنگەن تاشقا تاش ئاتىسىز، ئەمەلىيەتتە بولسا، شەيتاننىڭ يۈزىگە تاش ئاتىسىز، ئۇنىڭ بىلىنى سۈندۇرىسىز، چۈنكى شەيتاننى خار قىلىش پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش بىلەن ۋە ئاللاھنى كاتتىلاش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىشتا كۆڭۈلنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ نېسىۋىسى بولمايدۇ". ["ئەھيا ئۇلۇمىددىن" 1-توم 270-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى