سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

خىرىستىئان بىلەن دىئالوگ : ئاللاھنىڭ بىرلىكى بولسا ئەيسا ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەلچىلىكى ، ئۇلارغا ئامانلىق بولسۇن

12628

تارقاتقان ۋاقىت : 14-02-2006

كۆرگۈچىلەر : 11428

سۇئال

سىلەر نىمىشقا ھەقىقەتتىن يىراقلىشىسىلەر ؟ ھەمدە ئەيسانى ئوغلى سۈپىتىدە قارىماستىن ، ئۇنى پەقەت بىر ئەلچىدەيسىلەر ؟ ئەيسا بولسا بىردىنبىر پەرۋەردىگارنىڭ ئوغلى ، مانا بۇ ھەقىقەت !!

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىزنىڭ ئىلگىركى ئوخشاش بولمىغان ئىتىقاد ۋە قاراشلىرىمىز قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ، سىزنىڭ بىزگە ھەممەيلەن بىلىشكە ۋە ئەگىشىشكە مۇھتاج بولىدىغان ھەقىيقەتنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز ئۈچۈن ، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىزغا پۇرسەت بەرگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت . پەقەت مۇشۇنىڭ بىلەنلا ، يەنى ھەقىيقەتنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش بىلەنلا ، بىز ئۆزىمىزنى خاتالىقلىرىمىزدىن ئازاد قىلالايمىز ، خۇددى سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭلاردا دىيىلگەندەك : ھەمدە سىلەر ھەقىيقەتنى تونۇيسىلەر ، ھەمدە ھەقىيقەت سىلەرنى ئازاد قىلىدۇ . [ جون 8 : 32 ، يىڭى خەلىقئارا نەشىرى ( NIV) ]
شۇڭا ئۆزىمىزنى بىردەم توختۇتۇپ ، بۇ ھەقىيقەت توغىرسىدا ئويلىنايلى ،خۇددى سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭلاردا دىيىلگەندەك ، گەرچە ئۇنىڭدا بارلىق بۇرمىلاشلار ۋە ئۆزگەرتىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ . !!
مەسىيھ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) ئىلىپ كەلگەن دەۋەت بولسا مەسىيھنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش :
ئەمدى بۇ بولسا مەڭگۈلۈك ھايات ؛ ئۇلار سىنى تونۇشى كىرەك : سەن بىردىنبىر ھەقىيقى ئىلاھ ، ھەمدە مەسىيھ بولسا ئۇنى سەن ئەۋەتكەن . [ جون 3 : 17 ، ( NIV) ]
« مەلۇم بىر باشلىق ئۇنىڭدىن سورىدى : " ئى ياخشى مۇئەللىم ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن نىمە قىلىشىم كىرەك ؟ "
سەن نىمىشقا مىنى ياخشى دەپ چاقىرىسەن ؟ ؛ بىرەيلەندىن باشقا ھىچكىم ياخشى ئەمەس ؛ ئۇ بولسا ئاللاھ دىدى ، ئۇنىغا ئەيسا .
[ لۇكا 18: 18-19 ، ( NIV) ]
« ئىبلىس ئۇنى ئىگىز جايغا باشلاپ باردى ھەمدە ئۇنىڭغا دۇنيا پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى بىردەمدە كۆرسەتتى . ھەمدە ئۇ ئۇنىڭغا : " مەن ساڭا ئۇلارنىڭ بارلىق سەلتەنىتىنى ھەمدە شانۇ-شەۋكىتىنى بىرىمەن . چۈنكى ئۇ ماڭا بىرىلگەن ، مەن ئۇنى مەن خالىغان كىمگە بىرىمەن !! شۇڭا ئەگەر سەن ماڭا ئىبادەت قىلساڭ ، ئۇنىڭ ھەممىسى سىنىڭ بولىدۇ ." دىدى . ئەيسا جاۋاپ بەردى : ھەي شەيتان مىنىڭدىن نىرى بول ! سىنىڭ ئىلاھىڭ پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىل ھەمدە ئۇنىڭغا قۇللۇق قىل دەپ يىزىلغان . [ لۇكا 4: 5-8 ، ( NIV) ]
ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان ئاللاھنى بىر دىيىش بولسا مەسىيھ ئىلىپ كەلگەن ئەڭ ئۇلۇغ تەلىمات ، ھەمدە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇلۇغ تەلىماتلىرى :
« شەرىئەت مۇئەللىملىرىنىڭ بىرى ئۇ يەردە ئىدى ، ئۇ ئۇلارنىڭ مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىغا قۇلاق سالدى ، ھەمدە ئەيسانىڭ ئۇلارغا ئەڭ ياخشى جاۋاپ بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلغاچ ، ئۇنىڭغا يىقىنلاشتى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى : " بۇيرۇقلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى ئەڭ بىرىنچى ؟ "
ئەيسا جاۋاپ بەردى : « بىرىنچى بۇيرۇق بولسا : ئى ئىسرائىل ، قۇلاق سال ، ئىلاھىمىز پەرۋەردىگار بولسا بىر پەرۋەردىگار ؛ سىنىڭ ئىلاھىڭ پەرۋەردىگارنى بارلىق يۈرۈگۈڭ ، بارلىق جىنىڭ ، ۋە بارلىق پىكىرىڭ ، ۋە بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتىڭ بىلەن سۆيگىن ! .
ئىككىنچىسى ئۇنىڭغا ئوخشاش ؛ قوشناڭنى خۇددى ئۆزۈڭنى سۆيگىنىڭگە ئوخشاش سۆيگىن .
بۇلاردىنمۇ كاتتىراق بۇيرۇق يوق .»
شەرىئەت مۇئەللىمى ئۇنىڭغا : '' ياخشى سۆزلىدىڭ ، ئى مۇئەللىم ؛ ئىلاھ بىر ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ راست ئېيىتتىڭ . ئۇنى بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن سۆيۈش ، بارلىق يۈرۈكۈڭ ، بارلىق پىكىرىڭ ، ۋە بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتىڭ بىلەن سۆيۈش ، ھەمدە قوشنىنى ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈش بارلىق كۆيدۈرۈلگەن سەدىقىلەر ۋە قۇربانلىقلاردىن ياخشىدۇر . " دىدى .
ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانە جاۋاپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەندە ، ئۇنىڭغا : سەن ئىلاھنىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەس . دىدى .
ھەمدە ئاندىن كىيىن ، ھىچكىم ئۇنىڭدىن يەنە سۇئال سوراشقا پىتىنالمىدى . »
[ مارىك 12: 28-34 ، ( NIV) ]
بىراق بۇ ئىككى نەسىھەت پەقەت ئىسرائىلغا ياكى ئۇنىڭ خەلقىگىلا بىرىلگەن دەپ ئويلىما ، بەلكى ئۇ شەرىئەتنىڭ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ ئاساسى . بۇ ئىككى نەسىھەتنىڭ ئۆزى مەتۇۋ ئىنجىلىدا ئوخشاش ئىبارىلەر بىلەن بار بولۇپ ، ئاندىن ئۇ مۇنداق دىگەن : بارلىق قانۇن –شەرىئەتلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى بۇ ئىككى بۇيرۇققا تايىنىدۇ .
[ مەتۇۋ 22: 39 ( NIV) ]
ئەمەلىيەتتە بۇ تەۋھىيد بولسا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەلچىلىكى ؛ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ: ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﻣﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﯞﻩﻫﻴﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ »
[ ئەنبىيا( پەيغەمبەرلەر) : 25 ]
ھەمدە ئۇ بولسا مەسىيھ كىشىلەرنى چاقىرغان ، ھەمدە ئۇنىڭغا قارشىلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئاساسى ئەلچىلىك ؛ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : «
« ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ئەيساﺩﯗﺭ، ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯩﺴﺎ: ﺋﻰ ﺑﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻼﻫ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ)، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﻳﻰ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ) ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﺪﻯ (72). [داستىخان(مائىدە):72]
بۇ بولسسا بىز ھەممەيلەن بىرلىككە كىلىشىمىز لازىم بولغان ئاساسى پىرىنسىپ.ئاللاھ دەيدۇ:
ﺋﻰ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ! (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ) ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪﻏﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﮔﻪ(ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﮕﻪ)ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺩﯦﮕﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺳﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ): (ﺋﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ!) ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﮔﯘﯞﺍﻫ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ .
[ئىمران ئائىلىسى(ئال-ئىمران):64]
بۇ ھەقىقى خىرىستىئان دىنىغا ياتتۇر،پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن ئەلچىلىك‏‏‏‏ يەنى ،ئۇلارنىڭ ئىنجىلىدا ئىنىق بايان قىلىنغان ،بولۇپمۇ تەۋراتتا ئىتراپ قىلىنغان‏- ئىلاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىش بىلەن،ئۇلارنىڭ ئۈچ گەۋدە بىرئىلاھقا ئىشىنىشىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇشتۇر.
ئامرىكا ئېنسكلوپىدىيسىدە مۇنداق دىيلىدۇ:
ئىلاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىش‏-بىر ئىلاھىيەت ھەركىتى سۈپىتىدە -تارىخنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە باشلانغان،ھەمدە ھەقىقەتەن نەچچە ئون يىللار مابەينىدە ئۇچ ئىلاھ بىر گەۋدىگە ئىشىنىشتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان.خىرىستىئان دىنى يەھۇدى دىنىدىن تەرەققى قىلغان،ھەمدە يەھۇدى دىنى بىرلا ئىلاھنىڭ بارلىقىغا چىڭ ئىشىنىدۇ.
يىرۇسالىم(مەسىھنىڭ تۇنجى شاگىرتلىرىنىڭ ئۆيى) دىن نىسە(مىلادى 325-يىلى مەسىھ ماھىيەت ۋە مەڭگۈلەكتە ئىلاھقا تەڭ دەپ قارار قىلىنغان جاي) غىچە بولغان يولنى توغرا يول دەپ سۈپەتلەش ناھايىتىمۇ تەس.
مىلادى 4-ئەسىردە مۇقەررەرلەشتۈرۈلگەن ئۈچ ئىلاھ بىر گەۋدە تەلىماتى مەسىھنىڭ ئىلاھنىڭ تەبىئىتى ھەققىدىكى دەسلەپكى تەلىماتىغا ئوخشىمايتتى.ئەكسىنچە ،بۇ تەلىماتتىن بۇرالغان ھالدا ئۇنىڭغا زىت ئىدى.شۇڭلاشقا ئۇ بىر ئىلاھقا ئىشىنىشكە قارشى تەرەققى قىلغان...(27:294).
سىز ئىلاھنىڭ بىرلىكىگە ھىلىمۇ ئامرىكا ئېنسكلوپىدىيسىدىكىگە ئوخشاش ئىشىنىپ كىلىۋاتقان بىر قىسىم خىرىستىئانلارنىڭ كۆزقاراشلىرىغا مۇراجىئەت قىلسىڭىز بولىدۇ،301-27:300.
بۇنى چۈشىنىش تەس ،شۇڭا سىزنىڭ ئۇنى چۈشىنەلمەسلىكىڭىز ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس .بىراق غەلىتە نەرسە شۇكى سىلەر چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئىشىنىسىلەر، بولمىسا بىز ئۆزلىرىمىزنى ئالداپ ئاخىرەت كۈنىدە كىلىدىغان مۇنۇ چۈشەنچىنى دەيمىز:
"ئەقىللىرىمىزنىڭ يىتىشىچە چۈشەندۇق ، ھەمدە بىز ئۇنى كەلگۈسىدە ،ئاسمان ۋە زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەردىن پەردە ئىلىۋىتىلگەندە تىخىمۇ ئىنىق چۈشىنىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.لىكىن ھازىر،بىزنىڭ چۈشەنگەنلىرىمىز يىتەرلىك!"
شۇنداق ،مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇنكى، ھەقىقەت كەلگۈسىدە ،ئاللاھ ئەلچىلەرنى يىغىدىغان ھەمدە ئۇلارنى خەلقلىرىگە گۇۋاھچى قىلىدىغان كۈندە،خۇددى بۈگۈن بىزگە ئىنىق بولغاندەك ئىنتايىن ئىنىق بولىدۇ. ئاللاھ دەيدۇ:
« ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ: ﺋﻰ ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺴﺎ! ﺳﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺩﯦﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ: (ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ!) ﺷﻪﻧﯩﯖﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﯧﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺳﺎﯕﺎ ﻣﻪﻟﯘﻣﻠﯘﻕ). ﺳﻪﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺯﺍﺗﯩﻤﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺯﺍﺗﯩﯖﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﻏﻪﻳﺒﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ (116). ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻪﺑﺰﻯ ﺭﻭﻫ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ، ﺳﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺳﻪﻥ (117). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯗﺭ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ)، (ﺳﺎﯕﺎ ﻫﯧﭻ ﺋﻪﻫﻪﺩﻯ ﺗﻪﺋﻪﺭﺭﯗﺯ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ)، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ) ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ، ﺳﻪﻥ (ﺋﯩﺸﯩﯖﺪﺍ) ﻏﺎﻟﯩﺐ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭﺳﻪﻥ (118). ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ: ﺑﯘ ﻛﯜﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ) ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻼﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺯﻭﺭ ﺑﻪﺧﺘﺘﯘﺭ (119). ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ (120). [ داستىخان: 116-120]
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى